(ھېكايە) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پويىز كېتىۋاتاتتى، چىرايلىققىنە كەلگەن ئايال پويىز خادىمى ئىشلەمچى سىياقىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگەقادالغىنىچە ئۈنلۈك قىلىپ:
_ بېلىتىڭىزنى كۆرۈپ باقاي،_ دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى پۈتۈن ئۈستۋاشلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران دېگەندە بېلەتنى تاپتى، ئەمما بەرگۈسى كەلمەي بېلەتنى مەھكەم سقىمداپ تۇردى. پويىز خادىمى ئۇنىڭ قولىدىكى بېلەتكە قارىۋېتىپ:
_بۇ ئۆسمۈرلەر بېلىتىكەنغۇ؟_دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ يۈزى ھۈپپىدە قىزاردى،ئۇ دۇدۇقلىغىنىچە:
_ ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەنغۇ؟_ دېدى.
ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتى باھاسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى پويىز خادىمى ئەلۋەتتە بىلەتتى، پويىز خادىمى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۈستىۋاشلىرىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
_ سىز مېيىپمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ شۇنداق، مەن مېيىپ.
_ مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە كۆرۈپ باقاي،_ دېدى پويىز خادىمى. ئوتتۇرا ياشلىق كىشى جىددىلىشىپ كەتتى، ھەمدە:
_ مېنىڭ.... مېيىپلىق گۇۋاھنامەم يوق، بېلەت ئالىدىغان چاغدا بېلەت ساتقۇچى مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭ دېگەنتى ئامالسىز ئۆسمۈرلەر بېلىتى سېتىۋالغانتىم._ دېدى. پويىز خادىمى سوغۇق كۈلدىدە:
_ مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭزى بولمىسا سىزنى قانداقمۇ مېيىپ دېگىلى بولسۇن؟
ئوتتۇرا ياش كىشى گەپ قىلماستىن ئاستا ئايىغىنى سالدى ھەمدە ئىشتىنىنىڭ پۇشقىغىنى تۈرىۋەتتى- ئۇنىڭ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى.پويىز خادىمى سىڭايان قارىۋېتىپ: ئىز تورى www.iz.la
_ مەن مېيىپلىق گۇۋاھنامىسىنى كۆرىمەن! مۇقاۋىسىدا «مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى» دېگەن خېتى بار، مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ پولات تامغىسى بېسىلغان كېنىشكىنى دەۋاتىمەن!_ دېدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يىغلامسىرىغان ھالدا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
_ مېنىڭ نوپۇسۇم بۇجايدا بولمىغاچقا مېيىپلار بىرلەشمىسى بېجىرىپ بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شەخسىينىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خوجايىن قېچىپ كەتتى، دوختۇرخانىدا مېيىپلىقنى باھالىتىدىغانغا پۇلۇم يوق شۇڭا.....
پويىز باشلىقىمۇ بۇ يەردىكى ئىشنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدىدە، ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق كشى ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىنى، مېيىپلار بېلىتى بىلەن ئوخشاش باھادىكى ئۆسمۈرلەر بېلىتى ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن پويىز باشلىقىمۇ:
_ بىز پەقەت گۇۋاھنامىنىلا ئېتىراپ قىلىمىز، مېيىپلىق گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن مېيىپلار تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالمايسىز، سىز دەرھال بېلەت تولۇقلاڭ، _ دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوتتۇرا ياشلىق كىشى سالپىيىپ كەتتى، ئۇ يانچۇقلىرىنى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران بىر نەچچە كويلا تاپتى، بۇ بېلەت تولۇقلاشقا ئەلۋەتتە يەتمەيتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ پويىز باشلىقىغا:
_ پۇت ئالقىنىمنىڭ يېرىمىنى ماشىنا چاينىۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىيەلمىدىم، شۇڭا پۇلۇم يوق ئۆيگىمۇ قايتالمىغان، بۇ يېرىم باھالىق بېلەتنىمۇ يۇرتداشلىرىم پۇل يىغىش قىلىپ ئېلىپ بەرگەن، ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، ئىلتىپات قىلسىڭىز، _ دېدى. پويىز باشلىقى قەتئىيلىك بىلەن : www.iz.la
_ بولمايدۇ،_ دېدى. بۇ چاغدا ئايال پويىز خادىمى پويىز باشلىقىغا:
_ ئۇ پاراۋۇزغا بېرىپ كۆمۈر تاشلىسۇن، خالىس ئەمگەك قىلغان بولار، _ دېدى.بۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بوۋاي بۇ ئەھۋالغا چىدىيالمىدىدە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ پويىز باشلىقىغا قادالغىنىچە مۇنداق دېدى:
_ سىز ئەر كىشىمۇ؟
_ مەن ئەلۋەتتە ئەر كىشى.
_ سىز ئەرلىكىڭىزنى نېمە بىلەن ئىسپاتلايسىز؟ ئەرلىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرپ كۆپچىلىككە كۆرسىتەلەمسىز؟
ئەتراپتىكى كىشىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى، پويىز باشلىقى تۇرۇپ قالدىدە:
_ مەن چوپ-چوڭلا ئەركەك تۇرمامدىم مانا، بۇ يالغانمىتىيا؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ياشانغان كىشى بېشىنى چايقاپ :
_ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا گۇۋاھنامىنىلا تونۇيمەن، گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن سىزنى قانداقمۇ ئەركىشى دېگىلى بولسۇن؟
پويىز باشلىقى دەمال بىر نېمە دېيەلمىدى، بۇ چاغدا ھېلىقى ئايال پويىز خادىمى بوۋايغا دېدى:
_ مانا مەن ئەكىشى ئەمەس، گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ.
بوۋاي ئۇنىڭ بۇرنىغا قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ:
_ سىز ئەسلا ئادەم ئەمەس، _ دېدى. بۇ چاغدا پويىز خادىمى ئاچچىقتىن سەكرەپ كەتتى:
_ ئاغزىڭىزنى چايقىۋېتىپ گەپ قىلىڭ، ئېيتىڭە مەن ئادەم بولماي نېمە؟
بوۋاي ئىنتايىن تەمكىن ھالدا ئۇستىلىق بىلەن كۈلدىدەدېدى:
_ سىز ئادەم؟ ئۇنداقتا ئادەملىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىڭە كۆرۈپ باقايلى.... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەتراپتىكلەر يەنە پاراققىدە كۈلۈشتى.
پەقەت بىرلا ئادەم كۈلمىدى، ئۇ بولسىمۇ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئىدى. ئۇ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قاراپ ئۇۋالچىلىقتىنمۇ، مىننەتدارلىقتىنمۇ ياكى نەپرەتتىنمۇ ئەيتۋۇر قاچانلاردىن كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
«تاللانغان فېليەتونلار» ژورنىلى 2005-يىلى 9-سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان
www.iz.la