ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەنگەن ئەتىر گۈلنىڭ خۇش بۇي پۇراقلىرى دىماقلارنى غىدىقلدپ ئادەمنى مەس خۇش قىلىدىغان ئاشۇنداق بىر گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە ئايرىلدۇق.گەرچە سىنى بەكمۇ تۇتىۋالغۇم بولسىمۇ لىكىن ئۇنداق قىلالمىدىم.چۈنكى مەندە ئۇنداق قۇدرەت يوق ئىدى.سىنىڭ كۆڭلۈڭ ئاللىقاچان باشقا بىرسىگە تەئەللۇق بۇلۇپ بولغان ئىدى.مانا بۈگۈن سەن ئۆز قۇلۇڭ بىلەن پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرغان مۇھاببەت گۈلىمىزنى ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ۋەيران قىلدىڭ.مەن بىر ئۈمۈر ئاڭلاشنىخالىمايدىغان <<ئايرىلىش>> سۈزىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.لىكىن بۇ ھەقىقەت ئىدى.يۈرۈگۈم قاتتق بىر ئاغرىش بىلەن كۆزلۇرۇمگە لىقى ياش كەلدى،مىنىڭ ساڭا ئۈزۈمنىڭ بۇ بىچەرە ھالىتىنى كۆرسەتكۈم كەلمەي يىغامنى زورىغا بىسىپ تۇرماقچى بولدۇم،دەل شۇ چاغدا ھاۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى،كۆز ياشلىرىممۇ ئختىيارسىزلا تۈكۈلۈشكە باشلىدى،مەن ئىچىمدە يامغۇرغا رەھمەت ئېيتتىم،چۈنكى مۇشۇ يامغۇر سەۋەپلىك مەن كۆز ياشلىرىمنى سەندىن يۇشۇرۇپ قالالىدىم،سەن كۈزۈمدىن ئېقىۋاتقىنىنىڭ كۆز يېشىممۇ ياكى يامغۇر سۈيىمۇ ئەسلا پەرىق ئىتەلمەيتىڭ، .ئەگەر قەلبىڭدە ماڭا كىچىككىنە بولسىمۇ ئۇرۇن بولغان بولسا مىنى سۈيىدىغان بىر يۈرەك بولغان بولغان بولسا ئىدى،يۈزۈمنى سىرغىپ چۇشىۋاتقىنىنىڭ يامغۇر سۈيى ئەمەس بەلكى كۆز ياشلىرىم ئكەنلىكىنى بىلىۋالالىغان بۇلاتتىڭ.بىز يامغۇردا بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن سەن كەتمەكچى بولدۇڭ مەن ساڭا<<بەخىت تىلەيمەن>>دىگەن بىر ئېغىز گەپنى ئارانلا قىلدىم،سەن كەتتىڭ ،ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى ،مۇھابىتىمنى ،بارلىغىمنى ئېلىپ كەتتىڭ.مەن پەقەت ئارقاڭدىن سىمايىڭ كۈرۈنمىگىچە قاراپ تۇردۇم،ھەم كۆڭلۈمدە ساڭا چۇڭقۇر بەخىت تىلىدىم.
بەخىتلىك بولغىن ،ئەسلىمىگە ئايلانغان سۆيگىنىم بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن