ئەمدى ساڭا نەپرەتلەنمەيمەن

ۋاقتى:2010-05-27 21:18مەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى: شەھلالە چېكىلىشى:قىتىم
  

 

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئەمدى ساڭا نەپرەتلەنمەيمەن

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورى بەك ياخشى

ھىكايە

ئىز تورى بەك ياخشى

ئاپتۇرى؛ شەھلا لە   (NARME)

ئىز تورى بەك ياخشى

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

 

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئەتە   ئارام كۈنى بولغاچ تۈزۈك بىر دەم  ئىلۋىلىش مەخسىتىدە ياتقان ئىدىم ،كۆزۈم يۇمۇقلۇق ،كاللامدامىڭ بىر خىيال  ،قىلغان ھەر بىر ئىغىز جانغا تىگىدىغان گەپلىرىڭ ۋە ئىشلىرىڭ كاللامدىن ھىچ كىتەي دىمەيدۇ، چۈشلىرىمدىمۇ ئاچچىق كۈلىمەن ،, www.iz.la


شۇنداق ئۇخلاپ تاڭغا يىقىن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن ،خىلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن چۆچۈپرەك ئويغاندىم ،قارىسام  ئالقانلىرىم ،بەدەنلىرىم مۇزدەك تەرلەپ كىتىپتۇ، يۈركىم تىز-تىز سوقۋاتاتتى ،چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم .نىمانداق غەيرى چۈشتۇ بۇ ، ھۇجرامنى خۇددى تۇنجى رەت كۆرۋاتقاندەك  خىلى ۋاقىتقىچە قاراپ كەتتىم ،سەل ئىسمگە كەلگەندىن كىيىن ،كارۋىتىمدىنمۇ چۈشمەيلا دەرىزە سرتىغا قارىدىم ،كارۋىتىم دەرىزىگە يانداپ قويۇلغاچ ،شۇنداق قارىساممۇ سىرىت ئىنىق كۆرنەتتى ، بۈگۈن ھاۋا ئوچۇقكەن ،قۇياش ئۆز نۇرنى ھەممە جايغا چىچىپتۇ،نىمىدىگەن چىرايلىق ،شۇنچە ۋاقىتىتىن بىرى تەبىئەتكە مۇنچىلىك سەپ سىلىپ باقمىغانكەنمەن ،نىمىشقا شۇنداق قىلغاندىمەن!؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھىچنىمنى ھىس قىلىشنى خالىمغان بولسام كىرەك ، ھەممىنى چەتكە قاقتىم پەقەت سىنلا مۇھىم دەپ بىلگىنىم ئۈچۈنمۇ ياكى چارچىغىنىم ئۈچۈنمۇ ،ئۆزۈممۇ ئىنىق دەپ بىرەلمەيمەن ،كىيىم ئىشكابىمدىن ئۆزۈم ياخشى كۆردىغان ھالىرەڭلىك يىپەك  كۆڭلۈكۈمنى تاللاپ ئالماشتۇردۇم ،شۇنى كىيگۇم كەلدى ، سەل ئىغىر نەرسە كىيىسەممۇ بەدەنلىرىم كۆتۈرەلمەيدىغاندەك ئىدى ،مىھمانخانا ئۆيگە چىقسام ھىچكىم يوقكەن ،ئۆينىڭ ئىچى جىمجىت ،دىمەك ھەممسى  سىرتقا چىقىپ كىتىپتۇ ،بۇنداق جىمجىتلىق ۋە يالغۇزلۇققا كىچكىمدىن كۆنۈك ئىدىم، شۇڭا پەرۋاسىزلا تازلىق ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ، يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ،لۆڭگەمنى ئىلىش ئۈچۈن سوزۇلغان قوللىرىم .ئەينەكتىكى  ئەكسىمنى كۆرۈپ ھاۋادا ئىسلىپ قالدى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىپ قاراۋاتقاندەكلىغۇ مەن،ھەر قانچە ئىزلەپمۇ كۆزلىرىمدىن، نەپرەتتىن باشقىنى كۆرەلمىدىم ،
ئۆزۈمنى شۇنداق بىچچارە ھىس قىلدىم ،ئازاپلىرىم يەنە ئسيان كۆتۈرمىسۇن دەپ ،ئەينەكتىن ئۆزۈمنى ئىتتىك تارتتىم،قايتىپ چىقىپ تاماق ئۈستىلگە قارىسام ناشتىلقىمنىمۇ تەييار قىلىپ قويغانكەن ،ناشتىلىق ھىچ گىلىمىدىن ئۆتىدىغاندەك ئەمەس  ،شۇڭا ئاستا مىڭىپ مىھمانخانا ئۆينىڭ دەرىزىسى تۈۋىگە كەلدىم،پەردە پۈتۈن يىپىقلىق ئىدى ،ھەممىنى ئېچۋەتتىم ،ئىچىم ئاچچىققا  تولغانسرى يورۇقلىققا ئىنىتىلمەن ، قاراڭغۇغا مەڭگۇ پىتىپ قىلىشىتن قورقىمەن  ، سىرىتقا قارىدىم ،يەنە خيالغا پىتىشقا باشلىدىم ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆزۈمنى ئالدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، خىيال قىلىشتىنمۇ ئۆزۈمنى قاچۇرغان بولسام ،بۈگۈن مەيلى دىدىم ،نىرۋىلىرىمنى ئختىيارىغا قويۋەتتىم ،ئويلاپ باقسام سىنى ھەم ئۆزۈمنى بىر گەۋدە دەپ ھىساپلىغانكەنمەن،ۋۇجۇدۇڭىدىكى ھەممە نەرسە ماڭا تونۇشتەك ،سەنمۇ مىنى ھەم تومۇر -تومۇرلىرىمغىچە چۈشىندىغاندەك ،ساڭانىمانچە كۆنۈپ كەتكەندىمەن دەيمەن .مىنى ئەسلا ياخشى كۆرۈپ باقمىغانكەنسەن دەپ ئويلاپ  ساڭا نەپرەتلەنىدىم  ،بەزى ئىشلىرىڭغا قاراپ يەنە ئۆز پىكرىمنى رەت قىلدىم ،ئەمدى سەن بىلەن كۆرۈشمەيمەن دەپ قانچە رەت ئىيىتقاندىمەن ،كار قىلغان بولسا نىمە دەي ھە !،ئۆز  گىپىمدىن ئۆزۈم يۈز ئۆرۈدۈم ،ئۆزۈمگە يۈزسىزلىك قىلدىم ، سەن بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ يۈركۈمنى بىر ئىغىر نەرسە بىسىپ تۇرىدۇ ،نۇرغۇن ئىشلىرىڭ قىلغان گەپلىرىڭ يۈركۈمنى ئۆرتەيدۇ ،سەندىن كۆڭلۈم ئازار يىگەندە،ئۆزۈم تۇيماي ياشلىرىم سىرغىپ چۈشىدۇ،ئۆزۈمنى ئۆيگە سولۋىلىپ ، ساراڭدەك چچىمنى قاماللىغان پىتى ئولتۇرۇپ قالغان ۋاقتىلىرىم بار ، ئىز تورى www.iz.la
،ئۆيدىكلەرنىڭ تويغا زورلىشى ،سىنڭ يىنمدا يوق بولشىڭ مىنى كۈندىن –كۈنگە چارچىتۋىتەتتى  ،ئاشۇنداق چاغدا ساڭابولغان  نەپرەتلىرىم بارغانسىرى  ئەۋجىيتى  ،بەزى ۋاقىتتا ماڭا سەندىن ئەسكى ئادەم يوق بوپ كەتكىننى بىلەرسەنمۇ ،چىش تىرناقلىرىمگىچە ئۆچ بوپ كەتكەن ئىدىم ساڭا ،سىنى ياخشى كۆرگىنىم سەۋەبلىك ساڭا ئۆچلۈك قىلىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان ،سەن بىلەن شۇنداقلا دوس بولۇپ ئۆتۈپ كىتەي دىدىم ،مۆمكىن بولدىمۇ ،ئەسلا مۆمكىن بولمىدى ،تىلفۇندا ساڭا بىز دوس دەيمەن ،گەپنى ئۈزىمەن ،كىلەر قىتىم كۆرۈشكىنمدە بولسا يەنە ئۇنتۇپ قالىمەن،سەنمۇ ھە دەيسەن كۆرۈشكەندە گەپلىرىمىز يەنە شۇ بۇرۇنقى پاراڭ تىمىسغا يۆتكىلدۇ،

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


يە قول ئۈزۈپ قۇتۇلمايمەن ،يە دوس بولۇپ ،بىر كۈنى يەنە شۇ نىيەتكە كەلدىم ،ئەمدى سەندىن رەنجىمەيمەن ،مۇشۇنداقلا ئالاقەمنى ئۈزمەن دەپ ئويلىدىم ،ئاندىن ساڭا شۇنداق دەپ ئۇچۇر يوللىدىم ،شۇكۈنى يىرىم كىچىدە تىلفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ قالدى ،ھەيرانلىق ئىلكىدە تىلفۇننى ئالدىم ،يەنە نومۇرغا قاراپ  ئولتۇرۇپ قالدىم ،تىلفۇن ئۇرغان باشقا بىرى ئەمەس سەن ئىدىڭ ، تىلفۇننى قويۋەتتىم ،مۇشۇنداق قىلىپ سەندىن ۋاز كىچەلەيدىغنىمنى ئۆزۈمگە ئىسپاتلىماقچى ئىدىم  ،ئەمدى ئۇرمايدۇ دەپ جەزىملەشتۈردۈم ، ئاردىن مىنۇت ئۆتمەي ، يەنە سايراتتىڭ ،ئەمدى بىسۋىتىشكە  ئامالسىز ئىدىم  ،تىلفۇنىڭنى ئالدىم،ھە دەپ گەپ قىلۋاتاتتىڭ ،سەندىن باشقىسى يوق دىدىڭ ،سىنى سلكىۋەتتىم  ،سىنى سىلكىپ مىنى خوش بولدى دەمسەن ،كۆز ياشلىرىم ،يەنە ئىرادەمدىن غالىپ كەلدى ،ئىچمنى تاڭ ئاتتقىچە بىر نىمە كولاپ يەيتى،چۇڭقۇر –چۇڭقۇر نەپەس ئالدىم ھىچ بىسقدىغاندەك ئەمەس ،ئاخرى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،قىبلىگە قاراپ تىزلاندىم ،كۆزلىرىمدە ياش ‹تىلەيمەن ، ئۇلۇغ تەڭرىم ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ،مەغبىرەت قىلشىڭنى تىلەيمەن ،ماڭا غەيرەت ئاتا قىل ،قەيسەرلىك بىلەن ياشاشقا ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كچىشكە ،ئۆتنەي سىنىڭدىن  › ئىچ-ئچىمدىن تۆكۈلدۈم،سىترتىمدا چاندۇرماي يۈرگىنىم بىلەن ئۆزۈمنى شۇنداق بىچچارە ھىس قىلاتتىم ،  2يىرىم يىلدىن بىرى كۈندە دىيەلمەيمەن ،ئاساسەن دىگۈدەك كۈنلىرىمنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزدۈم ، ،ھەممدىن ئاغرىپ بىچچارە بولۇپ قىلشتىن بەك قورقاتتىم ، مەن ئەنسىرگەن ئىش يۈز بەردى،يىقىلدىم،تاماق يىددىممۇ ياندۇرمەن ،بىر ئايغىچە شۇنداق يۈردۈم ،ئاپام نىمە بولغىنمنى بىلەلمەي ئاۋارە ئىدى،دوختۇرغا ئاپىرمەن دەپ تۇرۋالدى ،ئۇنمىدىم ،دوختۇرخانا!!!!!!!!!!!! ئىز تورى www.iz.la
پەقەت ياقتۇرمايمەن ئاشۇ دورا پۇرقى بار جايىنى ياق بارمايمەن ،مەن شۇنداق ساغلام ،نىمىشقا بارغۇدەكمەن دەپ تۇرۋالدىم ،گىپىم كار قىلمىدى ،مىنى ئىغىزمۇ ئاچۇرماي دوختۇرخانغا ئىلىپ باردى ،دوختۇر نىمە دەيدۇ ،خلى ئۇزۇنغىچە ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ كىتىپ ،بىر ئىشلارنى بەك ئىچڭىزغا ئىپ كەتمەڭ ،كىچىككىنە تۇرۇپ نىمە زىللىق سىزگە ،نىرۋىڭىزغا بىرنىمە بەك قاتتىق تەسىر قىپتۇ باشقا ئىش يوق شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەلدىم .
ياخشىكەن
(15)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......

  • ناۋادا ئىرادىڭزنى يۇقاتسىڭز

    بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بىرىلغان تەجىرىبە. تەجىرىبە ئىشلىگۈچى ھەربىي دوختۇر ، تەجىربە ئوبيېكتى ئۈلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسىر. ھەربىي دوختۇر ئەسىرنىڭ كۈزنى تېڭىپ ،كارۋاتقا باغلىغاندىن كېيىن تۇمۇرىغا بىر تال ئۇكۇل يىڭنىسىنى سانج...

  • ئىنسانىي قەلب

    مىھرى مۇساببەت تەسۋىرلىندۇ...