كەچۈرۈڭ دوستۇم كىچىكتىڭز.....`(ئاخرى)

ۋاقتى:2010-05-27 17:12مەنبە: يوللىغۇچى: خەيرىگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  

  خىلى كۈنلەر ئۆتتى. ساۋاقدىشىمغا كۆڭلۇم يوقلۇقنى، باشقا بىرسىنى ياخشى كۈردىغانلىقىمنى دىدىم . ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا بەخىت تىلدى. مەن ئۇنىڭغا " سىزمۇ بەخىتلىك بۇلۇڭ. " دىگەندە ئۇ " مەن ئەمدى بەخىتلىك بوپ بولدۇم. سىزنىڭ بەخىتلىك خۇشال ياشغىنڭىزنى كۈرۈشتىن ئارتۇق بەخىت يوق مەن ئۈچۈن. خۇشال ياشاڭ. مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ لىكىن سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بىرسىنىڭ بارلىقنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماڭ . سىز بەخىتلىك بولسىڭىزلا مەنمۇ بەخىتلىك، سىز خۇشال بولسىڭىزلا مەنمۇ خۇشال. " دىدى. بۇ دەقىقلەرنى بەلكىم ئۆمۈر بۇيى ئۇنتالماسلىقىم مۇمكىن.  ئۇ شۇنداق ئەستايدىل شۇنداق سەمىمى ئىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئۆيدىكلەرمۇ مىنى زادى بۇ توينى قىلسەن دەپ زورلىمغان بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن تەربىيە خىزمەتلىرى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق ئالدىمغا تاشلاندى. رايىمغا باققىنى بىلەن خەقنىڭ دوسقىنى ئۈيمىزگە كەپ بولدى.  بېشىم باغلاندى دىگەن گەپتە بۇ ..ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى ئۈيمىزگە بىرنەچچە قېتىم كەلدى. رەت قىلىپ ياندۇرۋەتكەن بولساقمۇ قىلچە كەينىگە ياندىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ " مەن بالامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار، دەسلەپ قىلمايمەن دىسە بالام بولساڭ قىلسەن دەپ زورلاپ تۇينى قىلىپ قۇيۇپتىمەن، بالامنى بۇنچە تۈگشىپ كىتە دەپ پەقەتلا ئويلىماپتىمەن. مەيلى مەن يانمايمەن. ئۇرۇپ قوغلاپ چىقرىۋەتسەڭلارمۇ مەن شۇ بالامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن مەن رازى...."  دىگەندەك بىرقاتار باھانە سەۋەپ تاپقىلى بولمىغدەك گەپلەرنى قىلىپ بىزنىڭ ئۆيدىكلەرنى قايىل قىلغان ئىدى.. لىكىن سۆيگەن يىگتىمنىڭ ئۈيمىزگە كىلىپ ئۇنداق بۇنداق دەپ يۈرۈپ بىزنىڭ ئۆيدىكلەرنى قايىل قىلدىغان دادىسى يوق. ئۇ جەھەتتە تۇلمۇ بىچچارە بۇلۇپ قالغۇدەكقۇ ئەمدى... ئىز تورى بەك ياخشى

   بۇ ئىشلاردىن ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ خەۋەرتېپىشتى، ھەممىنىڭ پىكرى مىنىڭ تۇيۇمنى قىلىشقا توغرىلاندى. مىنىڭ پەقەت رازىلىق بەرگۈم يوق. ئاخرى بولماي ئۆيدىكلەر ماڭا بىر مەزگىللىك ئويلۇنۇش پۇرسىتى بەردى.  قانداق قىلىش كىرەك؟ ئامال يوق بۇنى سۆيگەن يىگتىمگە دىدىم .  ئۇنىڭغا چوڭلار بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت ئىچدە كىلىپ بۇلالمىسا چوڭلارنىڭ نەسھەتى ۋە مەسلەھەتى بۇيچە بۇ تويغا رازىلىق بىرىدىغانلىقىمنى دىدىم . بۇنداق دىيشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇنىڭ ماڭا قانچىلىك ئەقىدىسى بارلىقنى مىنى زادى قانچىلىك ياخشى كۈردىغانلىقنى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنۇم زادى قانچىلىك شۇنى بىلىپ بېقىش ئىدى. ئويلىمغان يەردىن ئۇ كىلىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرەلمەيدىغانلىقنى. ئەگەر تۇيۇمنى قىلۋالغىدەك بولسام  مىنى ئاقچىپ كىتدىغانلىقنى دىدى.. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچقىم كەلدى. " ئۇغۇل بالا بولسىڭىز ئاقچىپ كىتمەن دىمەي چوڭلارنىڭ ئالدىدىن چىرايلىق ئەكتىڭ بولمىسا مومڭىزنى تىرىپ يەڭ" دەپ سالدىم . بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكەنلىكنى ئۈزۈممۇ بىلمەيلا قالدىم. ئۇمۇ ھەيران قالدى.  قانداق قىلاي ماقۇل دەپ ئۇنىڭ بىلەن كىتەيمۇ ؟ ئۇنداق قىلسام  ماڭا ھاياتلىق بەخىش ئەتكەن، شۇنچە يىل جاپا تارتىپ بېقىپ مىنى قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانامغا يۈز كىلەلەيمەنمۇ؟ ... چوڭلارنىڭ مەسلەھەتى ۋە نەسھەتنى ئاڭلاپ رازىلىق بىرەي دىسەم  كۆڭلۈمدە  سۆيگەن ئادىمىم بار. مەن ئۇنى ھەقىقەتەن ياخشى كۈرمەن. ھەجەپمۇ قىسىلدىمغۇ ھەجەپمۇ قىينالدىمغۇ.... كۆزلىرىمدىن تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى شۇنچە قىلىپمۇ توختىتالمىدىم. ئۈنسىز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئاقماقتا، قۇلۇمدا تىلفۇن، ئۇ يىغلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قالدى بولغاي" يىغلاۋاتامسىز؟" دەپ سورىدى. مەن " ياق زۇكامداپ قاپتىمەن" دەپلا قويدۇم، ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قېشىدىن ئەنسىرەيتىم. ئۇنىڭغا يىغلاۋاتقانلىقىمنى پەقەتلا بىلدۈرگۈم يوق ئىدى. بۇنداق ۋاقىتتا كۈلەلەيتىممۇ ئەمسە... ئۇ كىيىنراق كىلدىغانلىقنى ئۈزىنى ساقلاپ تۇرشۇمنى شۇنچە جاپالىق ئىشلىشمۇ ئىككىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئىكەنلىكنى. يەنە تۆت ئاي ئىشلىسە ئاندىن تويغا يەتكىدەك پۇل جۇغلىيالايدىغانلىقنى دىدى.. مەن ئۇنىڭغا كەلگەن ھامان توي قىلىش خىيالىم يوقلۇقنى پەقەت بىر كىلىپ كەتسىلا بۇلدىغانلىقنى، مۇھەببىتنى شۇ ئارقىلىپ ئىسپاتلاپ مىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئۈتۈندۇم.  بىراق ئۇ كىسىپلام بىر جاۋاپ بەرمىدى. دىگنى پەقەت مەن ساقلاپ تۇرشۇم كىرەككەن..

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئەمدى قانداق قىلارمەن.. ئۆيدىكلەر ئۇرۇق-تۇققانلار قۇشۇلمايمەن دىسەم " زادى نىمىشقا ؟؟؟" دىگەن تۇقناق سۇئالنى ئالدىمغا قويدى. مۇھەببىتىم بار دەمدىم .. ئۇنداق دەي دىسەم سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ دىگەندەك ئىش بۇلۇپ قالسىچۇ؟؟؟ ئۇ كەلمەي قويسا ياكى باشقىچە ئۆزگىرىپ كەلسە ئۇ چاغدا قانداق قىلمەن... قانداق يۈزۈمنى كۈتۈرۈپ يۈرۈيمەن.. ياق ئۇ مىنى ئالدىمايدۇ.دەپ ئىشنەي دىسەم ئۇنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ماڭا قىلغان يالغان گىپى ۋەدىسدە تۇرماسلىقى مىنى قاتتىق  ئويغا سالدى. بۇنداق ئەھۋاللارنى يۈزبەرمەيدۇ دىگلى بۇلاتتىمۇ، شۇ ۋاپاسىز ئۇغۇللار تەرپىدىن تاشىلىنىپ داغدا قالغان قىزلارمۇ ئاز ئەمەس. ياخشى كۈننىڭ يامنى كەلمەيدۇ دىگلى بۇلاتتىمۇ.  شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكلەرگىمۇ دىمدىم. شۇنى بىلىپ تۇرۋاتمەنكى مەن دىمگەن بىلەن ئۆيدىكلەر بۇ ئشىتىن خەۋەر تاپقان ئىدى. لىكىن مىنىڭ يۈزۈمگە پەقەت سالمىدى..  ھەم سورىمدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  مانا ماڭا بەرگەن ئويلۇنۇش ۋاقتىمۇ تۇشايلا دەپ قالدى. سۆيگەن يىگتىمدىن قىلچە خەۋەر يوق . بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمغىنىمغىمۇ ساق ئۈچ كۈن بۇلۇپ قالدى.  ئۇ زادى نىمە ئويلايدىغاندۇ؟ ئۈلگۈرۈپ كىلەلەرمۇ؟ كەلمەيمۇ قۇيارمۇ؟  مىنىڭ باشقىلار توي قىلشىمغا قاراپ تۇرۇپ مەيلى دەرمۇ؟  ياق ياق مىنىڭچە ئۇ چۇقۇم ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ ماڭا ئۈزىنڭ پەقەت مىنلا ياخشى كۈردىغانلىقنى بىر ئۆمۈر سۈيدىغانلىقنى دىگەن يەنە تېخى" سىز مىنىڭ پەقەتلا مىنىڭ ، سىز مەن بىلەنلا توي قىلسىز باشقىلار بىلەن توي قىلشىڭىزغا رۇخسەت يوق سىز پەقەت ۋە پەقەت ماڭلا مەنسۈپ " دىگەن تۇرسا .. بۇنداق بۇلشى مۇمكىنمۇ ؟؟؟؟ ئۇنداقتا يەنە مەندىنمۇ مۇھىم نىمە باردۇ ئۇنىڭ قەلبىدە؟ شۇنداق ئەركىن ھۆر ئادەم ئۈچۈن بىر كۈنلۈك يولنى بېسىپ كىلىش شۇنچە مۈشكۈل ئشىمۇ؟  بەلكىم شۇ بىركۈنلۈك يولمۇ ئۇنىڭغا مەن ئۈچۈن مېڭىشقا ئەرزىمگىدەك بىلىنگەن چېغې . نىملەرنى ئويلاپ كەتتىم .. قارار چىقرىشقا تېخى بالدۇرغۇ..ۋاقتى كەلگەندە  قارار چىقارساممۇ كىچىكمەسمەن.. .. ئۇرۇق-تۇققانلار  ئۆيدىكلەرماڭا ئۇنى بۇنى دەپ تەربىيەھەم نەسھەت قىلغىنى بىلەن يەنلا مىنىڭ رايىمغاباقدىغانلىقنى دىيشتى. دىمەك بۇ قىيىن مەسلىگە قارار چىقرىش ھۇقۇقى ئۈزۈمدە . قانداق قىلارمەن بۇ ئىشقا كەلگەندە ماڭلا ئەمەس ئۆيدىكلەرگىمۇ قارار چىقرىش تۇلمۇ مۈشكىل بولدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ئاھ....!! سۆيگىنىم قېنى سىز ؟  مۇشۇ دىلغۇللۇق تەشۋىش ۋە گۇمان ئىچدە قالغان ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ چوڭ تەسەللى ۋە ئۈمۈد پەقەتلا سىز ، بۇنى بىلسىز . شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا كەلمەيسىز .. مەن مۇھەببەتك ھىچقانداق تۇسالغۇ يوق دەپ قارايتم پەقەت چىن قەلبىدىن ھەقىقى ياخشى كۆرسىلا..  مىنى ياخشى كۆرمەس بۇلۇپ قالمىغانسىز ..قاراپ تۇرۇپ مىنىڭ باشقا بىر سى بىلەن توي قىلشىمغا مەيلى دەمسىز؟؟؟؟؟ سىزگە ئىلتىجايىم ئۈتۈنشۈم ھەرگىز كچىكىپ قالماڭ .. ئۇنداق بولمسا سىزگە دەيدىغنىم " كەچۈرۈو دوستۇم كىچىكتىڭىز........"  بىز ئۇچاغدا دوس بۇلالامدۇق؟ ياق ئۇ چاغدا مۇمكىن ئەمەس .. ماڭا مۇھەببىتڭىزنى ئىسپاتلاپ بىرىڭ. سىزنىڭ ماڭا ھەقىقى كۆڭلىڭىز بارلىقنى جەزىملەشتۈرشۈمگە ياردەم قىلىڭ . پەقەت شۇنى بىلۋالساملا مەن ھاياتىمدىن كىچىشكىمۇ رازاى شۇ پاك مۇھەببىتىم ئۈچۈن...  بۇمۇ سىز گە بىرسىناق. مۇھەببەتتە قۇربانلىق بىرىش بۇلدۇ. بۇ سىز ۋە مەن ئۈچۈن بىر سىناق.. مىنى ياخشى كۈرىسىز ، مىنى نائۈمۈت قويمايسىز چۇقۇم ۋاقتىدا كىلسىز، ھەممە ئىشنى بىرياقلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ "  كەچۈرۈڭ جېنىم كىچكىپ قالدىم " دەيسىز شۇنداقمۇ ؟؟؟؟؟ ئەگەر مىنى ھەقىقى سۆيسىڭزلا شۇنداق قىلشىڭىزدا گەپ يوق. سىز گە  ئىشنىمەن سىز چۇقۇم شۇنداق قىلالايسىز !!! ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(13)
92.9%
ناچار
(1)
7.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • <<ھېلىقىدەك قىز >>نى سۆيىمەن (پوۋسىت)

    سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

  • مېنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق، غېمىممۇ يوق !!

    ناۋادا بىر كۈنى سىز پۇت -قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ يول يۈرىسىز ؟ سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟ 27 ياشقا كىرگەن ئاۋۇستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رىئاللىققا دۇچ كىلىدۇ : ئۇ تۇغۇلۇشىدىلا پۇت-قولى يوق بولوپ...

  • بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە

    { بالىلىق ئەسلىمىللىرىمدىن خاتىرە} ھەدەمنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى مەھلىياغا قاراپ بەكمۇ مەسلىگىم كەلدى ھەم كۆڭلۈمدە:ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرى نىمە دىگەن ئەركىن،نىمە دىگەن غەمسىز ھە؟دەپ ئويلاپ قالدىم. مومام ئۇنى ئۇخلاتقاندا ئېيتىپ بىرىدىغان ئەللەي ناخشىسى...

  • كىچىك بالىلار يامان بۇلۇپ كىتىپتۇ.

    يېقىندا بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتكە بىر ھەدەش يېڭىدىن كۈچۈپ كەلدى. ئۇ ھەدەش شۇنچىلىك مودا يۈرۈيدىكەنكى،چەتئەللىك ئاياللار بىكار قالسۇن.ئىگىز پاشنىلىق ئايىقىنى قاسىلدىتىپ،سېرىق بۈدرە چاچلىرىنى لەپەڭشىتىپ بىر ماڭىدىغان بولسا، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك،پىششىق-تو...

  • « ئىككى باشلىق مومىيا »

    بۇ توردىن يىغىۋىلىنغان ئەسەر .......

  • ئائىلە ئەخلاقى توغرىسىدا ھېكمەتلەر

    ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق يامان كەيپىياتنىڭ زەھەرلشىنى قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. _روسسو ئىناق ئائىلە ھاۋاسى دۇنيادىكى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. بىرئائىلە كىشلىرىنىڭ مجەز-خاراكېترىنى قەيسەر، ئادىل ۋە تۈز قىلىپ يېتشتۈرۈشتە ئۇنىڭدىن ئىللىق، ئۇنىڭدىن گۈزەل نەر...

  • [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس

    [تەرجىمە] سېغىنىش مۇھەببەت ئەمەس...

  • بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق !

    بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنلىقىدىن ئىشەنچىمىز يوقالمايدۇ ؛ بەلكى ئىشەنچىمىزنىڭ يوقالغانلىقىدىن بەزى ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن تۇيۇلىدۇ ......

  • ناۋادا ئىرادىڭزنى يۇقاتسىڭز

    بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بىرىلغان تەجىرىبە. تەجىرىبە ئىشلىگۈچى ھەربىي دوختۇر ، تەجىربە ئوبيېكتى ئۈلۈم جازاسى ئىجىرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەسىر. ھەربىي دوختۇر ئەسىرنىڭ كۈزنى تېڭىپ ،كارۋاتقا باغلىغاندىن كېيىن تۇمۇرىغا بىر تال ئۇكۇل يىڭنىسىنى سانج...

  • ئىنسانىي قەلب

    مىھرى مۇساببەت تەسۋىرلىندۇ...