ھاراق ئىچمىگەن ئەر،ئەرئەمەسمۇ؟

ۋاقتى:2010-05-12 13:54مەنبە: يوللىغۇچى:مەردان چېكىلىشى:قىتىم
  

تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، جەمئىيەتتە ھازىر ھاراق ئىچىش ئومۇملىشىپ قېلىشقا باشلىدى . ئىلگىرى يېزىلاردا ھاراق ئىچكەنلەرنى يات كۆرىدىغان ھەم بۇنداق يولدىن توسىدىغان ئىشلار كۆپ ئىدى ، كىشىلەر جامائەت پىكىرىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ، ئالدىراپ ھاراق سورۇنلىرىغا يولىمايتتى . ھازىر چوڭلار بىر ياقتا قېلىپ ، ھاراق تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ « ئىچ پۇشۇقى » نى چىقىرىدىغان ئېسىل ئىچىملىككە ئايلاندى . يېقىندا ئىچكى ئۆلكىگە ئوقۇشقا بارىدىغان بىر دوستىمىزنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا قاتنىشىپ قالدىم ، يېىنىمىزدىكى ئۈستەلدە پاراللېل سىنىپىتىكى ئوغۇللار ئولتۇرۇشقانىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان ، ھاراق - تاماكىغا يېقىن يولمايدىغان ، ئەلاچى ھەم ئەخلاقلىق بىر ساۋاقدىشىممۇ بار ئىدى . ئۈستەلگە قورۇما تارتىلغاندىن كېيىن ، ئۇلار تاماق يېگەچ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى . نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە ، ئۇ ئاشقازان ئاغرىقىنى باھانە قىلىپ سىلىق رەت قىلىۋېدى ، بىللە ئولتۇرغانلا مەسخىرىلىك ئەيىبلەش سۆزلىرىنىياغدۇرۇۋەتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   - ھەي گۇي ، ئاناڭ سېنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان جۇمۇ ، بىر رومكىمۇ ئىچمەلمەيدىغان ھاڭلىڭغا تېخى « ئەركەكمەن » دەپ پو ئاتسىنا ؟ ھازىرقى زاماندا ئوغۇل بالا تۈگۈل بەزەن قىزلار بوتۇلكا بىلەن ئىچىدىغان بولۇپ كەتتى .
   ئەزەلدىنلا كەم سۆز بۇ ساۋاقدىشىم رومكىنى ئېلىپ ، ئۈن - تىنسىز كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن سورۇندىن چىقىپ كەتتى . ھازىرقى ئوغۇللار نېمە بولۇپ كەتتىكىنە ؟ ئۇلاردا باشقىلارنىڭ يولسىز تەلىپىنى رەت قىلغۇدەك جۈرئەت قالمىغانمىدۇ ؟ ئەگەر ئۇلار ھەققىي دوستلاردىن بولسا ، نېمىشقا بىر - بىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ ؟ شۇ چاغدا يېقىندا ئوغۇللار ياتىقىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش يادىمغا كەلدى .

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


   - ئاغىنىلەر ، بۈگۈن ماڭا ئىچىشىپ بېرىڭلار ، ھاراق مەندىن !
   - ئۆمرۈڭدە بىرەر رۇمكا ئىچىپ باقمىغان ئادەم ئىدىڭ ، بۈگۈن نېمە بولدى ساڭا ؟
   - ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم ، ئوغۇل بالىغا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب بولمايدىكەن ...
     مانا بۇ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ھاراق ئىچىش ئۈچۈن تاپقان « يوللۇق » باھانىسى ئىدى . بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ھاراق ئىچسە غەم - ئەندىشىلەر ئۇنتۇلۇپ ، روھى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن . ئەمما بۇ ئېنىقلا رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق ، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق ، ھەتتا ئۆزىگە ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟ ! گەرچە ھاراق ۋاقىتلىق كۆڭۈل خۇشى بولسىمۇ ، ئەمما تۈگمەس كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ئىگىلىنىشىچە ، مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85 ى ھاراق ئىچىدىكەن ، ھاتتا بەزى قىزلار ھاراق ئىچمەيدىغان ئوغۇللارنى : خېنىم مىجەز ، سورۇندارچىلىققا يارىمايدۇ ، دەپ قارايدىكەن . ھاراق كۆتۈرەلەيدۇ ، كۆتۈرەلمەيدۇ ، دەپ دەرىجىگە ئايرىيدىكەن . ھەيران قالدىم ، زامان تەرەققىي قىلسا ، بەزىلەر ياخشى ئادەتلەرنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇىدىكەن ، ئەمما بىز ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنى بۇزۇپ « زامانىۋى چاكىنا ئادەتلەر » نى يارىتىدىكەنمىز . بەدىنىمىزگە زىيانلىق ، روھىمىزنى چىرىتىدىغان ئىچىملىكنى دائىم زىيادە كۆپ ئىچىشنى « خۇشاللىق » دەپ بىلىدىغان ئادەمدىن يەنە قانچىسى باردۇ ؟ !
ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

    ناشتىدا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار ئاچ قۇساق ئىچىڭ. ئەتىگەندە سۇنى چۇقۇم ئاچ قۇساققا ناشتىدىن بۇرۇن ئېچىڭ ، بولمىسا قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئاشقازان -ئۈچەينى تازلاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. ئالدىرماي ئىچىڭ. ئىلاجى بار ئالدىرماي بىر يۇتۇمدىن ئىچىڭ .چۈن...

  • چاي سۈيدە گاڭپەن پىشۇرۇش

    گاڭپەننى چاي سۈيدە پىشۇرغاندا تاماقنىڭ رەڭگى ،پۇرقى ۋە تەمى بىردەك ياخشى بۇلىدۇھەم تاماق ئاسان ھەزىم بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق - 0.5-0.7 گىرام چاي 500-1000 گىرام قايناق سۇغا سېلىنىپ 4-6 مىنۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن (بىر كۈن تۇرۇپ قالغان چاي سۈينى ئىشلىتىش...

  • يۈرەكنى ساغلاملاشتۇردىغان يېمەكلىكلەر

    1. شوۋىگۈرۈچ: شوۋىگۈرۈچنى بۇلۇپمۇ سۈينى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە يۈرەك كىسلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. تاۋۇز : يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى كۆپلەپ يىغلىپ قالدىغان بولغاچقا ھەمشە سۈيدۈك راۋانلاشتۇرغۇچى دورلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ.تاۋۇزنىڭ سۈيدۈك را...

  • دۇفۇدىكى غەيرى پۇراقنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    دۇفۇدىكى غەيرى پۇراقنى چىقىرىش ئۇسۇلى ئەگەر دۇفۇدا غەيرى پۇراقلار بولسا ،بۇنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق چىقرىۋېتشكە بۇلىدۇ: 1.پىشۇرۇشتىن بۇرۇن ،ئۇنى سۇغۇق قايناق سۇدا ئېرىتىلگەن تۇزغا (500 گىرام دۇفۇ ئۈچۈن 50 گىرام تۇز ئىشلىتىلىدۇ) چېلىۋىلىپ ئاندىن قورۇ...

  • دائىم سۈت ئېچىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق

    دائىم سۈت ئېچىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق ئىلمى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە ،دائىم سۈت ياكى سۈت تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ،سۈڭەك شالاڭلىشش،يۇقىرى قان بېسىمى ،ۋە بىر قىسىم راك كىسەلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدىكەن.ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىد...

  • چىلان ئىستىمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق

    چىلان ئىستىمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق چىلاننىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ دائىم مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق دائىم چىلان ئىستىمال قىلىپ بەرسە- 1.راكقا قارشى تۇرۇپ ئۆسمە پەيدا بۇلۇش خەۋپىنى ئاازايتىدۇ. 2.يۈرەك قان تۇمۇ...

  • ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بەزى يىمەكلىكلەر

    1. مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلكىلەر . بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئسىسلىق مىقداراىيۇقىرى، تەركىبىدە ماي ۋە ئوكسىدلانغان ماددىلار بار بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلغاندا ئاسانلا سىمىزلىكىنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇ قنادىكى ماي مىقىدارى ئىشىپ كىتىش كىسىلى ۋە تاجسىمان ئارتىرىي...

  • قانداق كىشىلەر بانان يىسە بولمايدۇ

    بانان ئوزۇقلۇق تەركىنى مول مىېىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، كىشلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ياخشى رول ئوينايدۇ. لىكىن ، ئۇ ھەممىلا ئادەمگە پايدا قىلىۋەرمەيدۇ. بانان تەركىبىدە قەنت مىقدارى كۆپ بولۇپ، شىكەر سىيىش كىسىلى ، ئاشقازىنى جاراھەتلەنگەن ۋە ئىچى سۈرۈپ كەتكەن كىش...

  • پىيازنىڭ پايدىسى

    بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى: ھەر 100گرام پىياز تەركىبىدە 1.8گرام ئاقسىل، سەككىز گرام قەنت، 40 مىللىگرام كالىتسىي، 50 مىللىيگرام فوسف...

  • ئۇننى ئاليۇمىن قاچىلاردا ساقلاشقا بولمايدۇ

    نۇرغۇنلىغان كېشىلەر قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمەيدىغان ئاليۇمىن قاچىلاردا ئۇن ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاليۇمىن قاچىنىڭ يۈزىدە ئاق داغلار پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا قاچا تېشىلىپمۇ قالىدۇ. چۈنكى ئۇن ئاساسەن كىراخمال بىلەن...