‹‹قىش پەسلىدە، يەر-جاھاننى قار-مۇزلار قاپلايدۇ››،تەبىئەت ئالىمىدىمۇ مۇسپىيلىك كۈچىيىپ، مەنپىيلىك ئاجىزلايدۇ، ھەممە شەيئىلەر ئۆزىگە مەنپىيلىك توپلاپ، كەلگۈسى باھارنى كۈتۈۋېلىش ئارزۇسىدا بولىدۇ.‹‹سوغۇق›› قىش پەسلىدىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى مۇھىم ئالاھىدىلىك ھېسابلىنىدۇ. قىش پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئىسسىق يۈرۈشكە دىققەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئاسراشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىش پەسلىدىكى سوغۇق ھاۋا ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بەدەندىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى، ئادرېنالىن قاتارلىق ئىچكى ئاجراتمىلارنى كۆپەيتىۋېىپ، ئاقسىل، ياغ كاربون-سۇ بىرىكمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىسسقلىق كالورىيە مەنبەسىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە تېزلىتىپ، بەدەننىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋېېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ئىسسىقلىق كالورىيىسنىڭ ھەددىندىن زىيادە خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، قىش پەسلىدە قۇۋۋەت تولۇقلاشتا ئىسسىقلىق كالورىيىسىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىش لازىم. مۇۋاپىق مىقداردا ئورۇق گۆش، تۇخۇم،بېلىق،سۈت،پۇرچاق،كاربون-سۇ بىرىكمىسى مول يېمەكلىكلەر ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. قىش پەسلى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پەسكوي مەزگىلى بولۇپ، قىش پەسلىدىن چىققاندىن كېيىن، ئورگانىزىمدا ۋىتامىن قاتارلىقلار كەمچىل بولۇپ، ئېغىز ئىچىگە يارا چىقىش، چىش مىلىكلىرى ئىششىپ ئاغرىش، قان چىقىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا كىشلەر تاتلىق بەرەنگە، بەرەنگە قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، قىزىل ئەتلىك تاتلىق بەرەنگىدە كاروتىن بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.A،يەنە ۋىتامىن B،ۋىتامىنC ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ئۇنىڭدىن باشقا،قىش پەسلىدە بازارغا سېلىنىدىغان كۆكتاتلار ئىچىدە يېسىۋېلەكتىن باشقا يەنە يۇمىلاق يېسىۋېلەك، ئاق تۇرۇپ، سەۋزە، سېرىق پۇرچاق ئۈندۈرمىس، يېشىل ماش، يۇمران يېسىۋېلەك قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىستمال قىلىشقا بولىدۇ. يۇقىرىدىكى كۆكۆكتاتلار ئىچىدە ۋىتامىن بىر قەدەر مول بولغانلىقتىن، دائىم تۈرىنى ئالماشتۇرۇپ، مۇۋاپىق سەپلەپ ئىستېمال قىلىنسا،بەدەننىڭ ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. قىش پەسلى قۇۋۋەت تولۇقلىغاندا،ئاشقازاننى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۆندۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈش،ئەڭ ياخشىسى ئاز-ئازدىن تولۇقلاش لازىم.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!