نارىن ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە . بۇ تاماق شىڭىشىلىكىلىكى ، قۇۋۋەتلىكلىكى بىلەن خەلقىمىز ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان تائاملارنىڭ بىرىگە ئايلانغان . نارىن تۈركىي مىللەتلىرىدىمۇ ئۇمۇملاشقان . شۇڭا ، نارىننى خىلمۇخىل ئۇسۇلدا تەييارلاشقا بولىدۇ .
مەشرەپ – بەزمىلەردە ئېتىلىدۇ . مەشرەپ ھەر يىلى كەچكۈزدىن باشلاپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئوينىلىدۇ . ئادەم سانى 20 ~ 30 دىن ئاشمايدۇ .
{ خۇرۇچى } ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام ، تۇخۇم بەش دانە ، سۆڭەكلىك گۆش ئىككى كىلوگرام ، قارىمۇچ ۋە باشقا دورا – دەرمەكلەر ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا . www.iz.la
{ تەييارلاش ئۇسۇلى } يوغان داش قازان ئېسىلىپ ، قوي گۆشى ياكى كالا گۆشىنى ئالتە سەر چوڭلۇقتا پارچىلاپ ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ، تۇز قۇيۇپ ، شورپىسىنى بىر قانچە رەت سورۇيمىز . ئاندىن كاۋاۋىچىن ، قارىمۇچ ، زەنجىۋىلنى مۇۋاپىق مىقداردا پۈتۈن سېلىپ قاينىتىمىز . ئوتنى سۇس قىلىپ ، بىر يېرىم سائەتتىن كېيىن پىشقان گۆشنى ئالىمىز . ئاندىن كاۋاۋىچىن بىلەن زەنجىۋىلنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىمىز .
ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ ، تۇزنى ئۆتكۈزۈپرەك تەڭشەپ ، خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ ، 20 ~ 10 مىنۇت تىندۇرىمىز . ئاندىن خېمىرنى نېپىز يېيىپ ، 15 مىنۇت شامالدىتىپ ، ئۈگرە چۆپتەك كېسىپ ، قازانغا سېلىپ ئون مىنۇت قاينىتىمىز . ئولتۇرۇش ئەزالىرى گۆش سۈزۈلگەن قاچىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ، قىزىق چاقچاق – پاراڭلار ئىچىدە گۆشنى قولىدا تۇتۇپ ئۇششاقلايدۇ . بەزىسى پىياز قىيمىسى تەييارلايدۇ . بۇ ئىشلار تۈگىگىچە گۆشمۇ پىشۇرۇلۇپ ، جاۋۇر ياكى تەڭنىگە ئېلىپ تەييار قىلىنىدۇ . ئاندىن پىياز قىيمىسىغا قىزىق شورپا قۇيۇلۇپ ، گۆش ئۈستىگە تۆكۈلۈپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن قاچىدىكى چۆپ ئۈستىگە تۆكۈلۈپ ، قارىمۇچ سېپىلىپ ، گۆش بىلەن چۆپ قولدا تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ ، ئاندىن لېگەنلەرگە بۆلۈنۈپ قول بىلەن يېيىلىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
نارىننىڭ گۆش مىقدارى ئادەتتە بىر گۆش بىر چۆپ دېگۈدەك نىسبەتتە بولىدۇ . شۇڭا ، ئۇ قۇۋۋەتلىك بولۇپ ، ئاسان سىڭىدۇ . بۇنى ‹‹ چاي نارىن ›› دەپ ئاتايمىز . نارىننى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ ، ئولتۇرۇش ئەۋجىگە چىقىدۇ . بەزىلىرى چاي ئىچىدۇ ، تاتلىق – تۈرۈملەرنى يەيدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!