سەنسىز بۇ كۈنلەردە ئۆتەر كۈنلىرىم مەنىسىز ،
سىنى ئەسلەپ ئازاپتا يۈرىكىم ھەم دەرىتتە.
سەن كەتكەندە يىراقلارغا يول ئېلىپ شۇدەم،
كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلىرىم دەريا بولغان ھەم.
شۇڭلاشقا كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوقتۇر پەقەت .
سەن يىراقتا سېغىنارسەنمۇ مىنى قىزىل گۈلۈم،
سەندىن پۈتكەن شۇ ئابىدىلەرنى ئويلارسەنمۇ.
كۆڭلۈمدە قىلچە شەك يوق، مۇھەببىتىم پەقەتلا ساڭا،
سىغدۇرمايدۇ سەندىن باشقىنى بۇ يۈرەك بىلگىن،
كۆتۈرمەيدۇ ھەم باشقىغا قىلغان ئەركەڭنى جېنىم . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سۇغا سالساق سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ،
كۆڭلۈممۇ ھەم كۆتۈرمەس ۋاپاسىزلىقىنى.
سەن ئۈچۈن قىلدىم بىلگىن قىلغانلىرىمنى ،
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنمەيمەن چۈنكى سەن مىنىڭ "گۈلۈم".
سىنى خەقنىڭ سۆيىشىگە قانداق چىدارمەن جېنىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ دۇنيادا سىنى سۆيدۈم تەڭ قىلماي بارچىگە ،
سەندىن كۈتتۈم چىن-ساداقەت مۇھەببەتنى.
لىكىن توختىتالمىدىڭ كۆڭلۈڭنى بىرلا ماڭا،
ئۆلتۈرۈپ ئاخىر توختاتتىڭ بىر سەۋدا يۈرەكنى،
سەن ئۈچۈن قىلغانلىرىم سەن بىلمىدىڭ قەدرىمنى مىنىڭ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇڭلاشقا بىلگىن كۆڭلۈمنىڭ پەقەت ئارامى يوق مىنىڭ،
سىنى ئويلاپ يۈرەكلىرىم يىغلايدۇ قان ھەم ياشتا.
سەن چىداپ كەتكەن بىلەن قارىماي ئارقاڭغا شۇ چاغ،
چىدىمايدىكەنمەن ئايرىلىپ قارىماي كېتىشكە ئارقاڭدىن سىنىڭ.
شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۈمنىڭ ئارامى بۇزۇلار ھەردەم مىنىڭ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛ئۆز قەلىمىم. سەۋدا يۈرەكنىڭ تەسىراتلىرى...
ئىز تورى www.iz.la