قەلبىمدە بار بىر ئوت بىر ئىستەك،
كۆيدۈرىدۇ خۇددى قۇمۇشتەك.
كىكەچلەيمەن خۇددى دەلتۈشتەك،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
كاللام قاپاق ھەر يېنىم بوشلۇق،
ئوينىتىدۇ مېنى خامۇشلۇق.
نەگە كەتتى مەندىكى شوخلۇق،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
خىيالىمدا ھەركۈن ھەر مىنۇت،
غاجىلايدۇ ئىچىمنى قۇرۇت.
باشقىلار شاھ مەن دائىم كورىت،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
نەلەرگىدۇر شوخلىقىم يۈتتى،
ئىسىيادىم ئۇنىڭدا كەتتى.
ئاھ پىغانىم پەلەككە يەتتى،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپلىنىمەن،
ئۇ خۇش بولسا كۆككە يىتىمەن،
بىركۈن كۆرمىسەم جىمىپ كىتىمەن،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئۇنىڭ جېنى مېنىڭ جېنىمدەك،
ئۇنىڭ غېمى مېنىڭ غېمىمدەك،
ئۇ يىغلىسا ئاغرىيدۇ يۈرەك،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
سېغىنىمەن يەنىلا ئۇنى،
ئۇنتۇلىمەن شۇ چاغ ھەممىنى،
بىر سەۋدالىق ئازدۇرار مېنى،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئىچ – ئىچىمگە پاتمايدۇ پىغان،
ئۇ بولمىسا ماڭا تار جاھان،
بۇ قانداق كۈن بۇ قانداق زامان،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئىچ – ئچىمدە تەنھالىق توۋا،
كۈتىرىدۇ قەلبىمدە غوغا،
پات – پات مېنى قىستايدۇ يىغا،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت. ئىز تورى بەك ياخشى
بىر كۈن كۆرمىسەم ئۆتمەيدۇ كۈنىم،
ئۇچراشساملا تىترەر يۈرىگىم،
قانداق ئىش بۇ زادى بىلمىدىم،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
دائىم ئۇنى كۆرسەملا دەيمەن،
كېچە كۈندۈز غېمىنى يەيمەن،
ئۈزىم نەدە بۇنى بىلمەيمەن،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قورقىمەن ئۇنىڭدىن گۇناھىم بادەك،
«ئۇ» لا ئېزىز مەن ئۈزىم خاردەك،
بىلىنەر تۆر، ماڭا پەگادەك،
شۇنداق مىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئىچىم تىتىلداپ ئۆيگە كىرمىگەن،
كېچە تولغۇنۇپ ئۇيقۇ كەلمىگەن،
كۆز ئالدىمدىن ئۇ بىردەم كەتمىگەن،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ئۈتىمەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ،
ھەر بىر سۈزىمدە ئۈزىمنى ئاياپ،
ھىجران يۇلۇمدا ياتىدۇ ماراپ،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
كەتتى ئۇنىڭغا يۈرىگەىم ئېقىپ ،
ئۇتىدا كۈيىپ سۈيىدە ئېقىپ،
ئۇنىڭ دەردىدە سۇ بولدۇم ئېقىپ،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت. www.iz.la
ئۇنىڭغا مەنسۇپ تۈگەر ياشلىقىم،
ئۇ كىتىپ قالسا تۈگەرشاشلىقىم،
قايان باراركىن بۇ بەڭباشلىقىم،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
ھەر كۈن ھەرمىنۇت چېچىمنى تاراپ،
كېلەر يولىغا تەلمۈرۈپ قاراپ،
يۈرىيمەن يەنە بارىمنى ئاتاپ،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇسسۇدۇم دېدى يامغۇر بوپ ياغدىم،
توڭلىدىم دېدى چاقماق بوپ ياندىم،
ھەتتا ئۇنى دەپ ئانامدىن تاندىم،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوتىدا كۆيسەم گۇلخان بۇلارمۇ ،
سۈيىدە ئاقسام قىيان بولارمۇ،
دەردىمگە بىركۈن دەرمان بۇلارمۇ،
شۇنداقمىدۇ تۇنجى مۇھەببەت.
مۇخاببەت... خاپابولماي كوچورمىگەن بولسىڭىز>>>>> ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!