ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن تەڭرىتاغ تورىنى كۆزدىن كەچۈردى

2011-يىلى06-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭمۇدىرى ۋاڭ چېن ( ئوڭدىن 3 كىشى ) ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي ( ئوڭدىن 4
  

 

مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن  ( ئوڭدىن 3 – كىشى )  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي ( ئوڭدىن 4 – كىشى ) قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى 

 

 مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن  ( سولدا )  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى

   ئۆز خەۋىرىمىز : 7 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورىغا كېلىپ ، تەڭرىتاغ تورىدىكى تەھرىر ، مۇخبىرلارنى يوقلىدى ھەمدە كۆپچىلىكنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى .

   ۋاڭ چېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، رۇسچە ، ئىنگىلىزچە يېزىقتىكى تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ، ئىشچى– خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمەت شارائىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى .  

   ۋاڭ چېن تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىگە كىرگەندە ، ئاز سانلىق مىللەت تەھرىر ، مۇخبىرلار داپ چېلىپ بۇ ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى ھەمدە 12 مۇقامنىڭ سۇرىتى چۈشۈرۈلۈپ نەپىس ئىشلەنگەن داپنى ۋاڭ چېنغا سوۋغا قىلدى . مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ چېن ئىنتايىن خوش بولدى ھەمدە نەق مەيداندا داپنى چېلىپ سىناپ باقتى .  

   كەينىدىن ئۇيغۇرچە تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەمدە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنى ‹‹  دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ›› نى نىشان قىلىپ ، مەزمۇنىنى  بېيىتىپ ، تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى .

   ۋاڭ چېن ئاخىرىدا : تەڭرىتاغ تورىدىكى ئىشچى –  خىزمەتچىلەر چەكلىك خىزمەت شارائىتىدا ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بۇنىڭدىن كېيىن مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ  مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئاخبارات تورىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، دېدى .

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خۇ خەنمىن ، تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيرەت سالىيوف قاتارلىق رەھبەرلەر كۆزدىن كۆچۈرۈشتە بىللە بولدى .

  مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن  ( سولدىن 2 – كىشى )  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي ( ئوڭدىن 1– كىشى ) قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورى قازاقچە تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە     

 مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن  ( سولدىن 2 – كىشى )  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي ( سولدىن 3 – كىشى ) قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورى ئىنگلىزچە تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە   

مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن  ( سولدىن 3 – كىشى )  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي ( سولدىن 2 – كىشى ) قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا تەڭرىتاغ تورى رۇسچە تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!