ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
لېيدى گاگا lady gaga نىڭ دۇنياۋى ناخشا كېچىلىكى تېخى يېقىندا ئاياقلاشتى. بۇ قېتىملىق دۇنياۋى ناخشا كېىچلىكىنىڭ ئومومىي بىلەت كىرىمى 146مىليون 356 مىڭ 840 يۈەن بولدى. ئۆتكەن يىلىمۇ ھەر خىل كېچىلىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھىساباتىغا نۇرغۇن پۇل كىرگەنىدى، بۇ يىلى تېخىمۇ كۆپ ئۇنىڭ ھىساباتىغا كىردى ھەمدە فوربىس ژورنىلىدىكى يۈز كۈچلۈك ھوقوقدار شەخىس نامزاتىغا كۆرسىتىلدى. بىراق مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن پۇل ۋە ياخشى ئاتاقلار بىلەن كۆمۈلۈپ كەتكەن لېيدى گاگا lady gaga يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۈچ مىليون قەرزگە بوغۇلۇپ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ زادى نىمە ئۈچۈندۇر؟ بۇ غەلىتە كىيىم كىچەك ۋە بىزەكلەرگە ئامراق چولپان ئەسلىدە ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل قىزىقىشى سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئىكەن. ئىگەلىنىشچە. لېيدى گاگا lady gagaنىڭ ھەر قېتىملىق ناخشا كېىچلىكىدە كىيىدىغان كىيىملىرى بىلەن سەھنىگە ئشىلىتىلىدىغان ھەرخىل بىزەكلەرنىڭ كۆپلىكىدە ئويۇن قويىدىغان شەھەر ياكى دۆلەتكە 747 تىپلىق يولوچىلار ئايروپىلانىدىن ئۈچى ئارقىلىق ئاران يۆتكەپ ئاپارغىلى بولىدىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلىنىڭ مۇشۇ ۋاقتىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىگەن: -بەزىلەرنىڭ تاماكا خۇمارى ھاراق خۇمارى بار، لېكىن مېنىڭ مانا مۇشۇنداق غەلىتە كىيىم كېچەك ۋە بېزەك خۇمارىم بار. مەن بۇ كىيملىرىمنى كىيسەم ئاندىن سەھنىدە ھەقىقىي قابىلىيىتىمنى جارى قىلدۇرالايمەن، ھەم ئىشەنچىمنى تاپالايمەن. مەن ئىلگىرى تۆت قېتىم ۋەيران بولغان، بۇ چاغلاردا ۋاستىچىم ئاچچىقىدا مېنى بوغۇپ قويايلا دىگەن ئىدى. لېكىن ھازىر مېنىڭ پۇل تېپىش پۇرسىتىم بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغاندىكىن چوقۇم ۋەيران بولمايمەن. بىراق، ھېچكىمنىڭمۇ كەلگۈسىدىن خەۋەردار بولالايدىغان ئىقتىدارى يوقتە! بۇ غەلىتە چولپان ئۆزىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان غەلىتە كىيىم-كىچەك ۋە بېزەكلىرى سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم ۋەيران بولدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەيران بولىشىغا نىسبەتەن كۆز قارىشى قانداق بۇنىڭغىمۇ قاراپ باقايلى: -مەن بارلىق دەسمايەمنى بۇ قېتىمقى يەر شارى ناخشا كېچىلىكىمگە سەرپ قىلىۋەتتىم. يېقىندا ئاڭلىسام مەن ۋەيران بوپتىمەن، لېكىن مەن شۇنىڭغا ھەيران، مېنىڭ بەش ناخشا ئىزچىل چېمپىيون ناخشا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ناخشا كېچىلىكىممۇ شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقسىگە ۋەيران بولۇپ قالغاندىمەن؟ دىمەك، لېيدى گاگا lady gaga بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ۋەيران بولۇش ھۇجۇمىدىن سەل خەۋەرسىزكەن. بىراى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇنىڭ كىيىم كىچەككە ھەددىدىن زىيادە مەبلەغ سېلىشى ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ۋەيران بولىشىغا سەۋەبچى بولغان. بىراق لېيدى گاگاlady gaga نى دۇنياغا تونۇتقان دەل ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق غەلىتە كىيىم-كىچەك ۋە ياسىنىشى تۇرۇقلۇق يەنە مۇشۇ سەۋەبلىك ۋەيران بولىشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ-دە. بىراق ئىشنىمىزكى ئۇ ھازىرقى قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن، ئۇزاققا قالمايلا بۇ ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرزىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن پۇل تاپالايدۇ.ئىز تورى بەك ياخشى