ئۇيغۇرلاردا دولان مۇقامى

ۋاقتى:2011-06-02 10:50مەنبە: تەھىرىر:uygur214 چېكىلىشى:قىتىم
   ئۇيغۇر دولان مۇقام–مەشرەپلىرىدىكى تۆت پەسىل ئوبرازى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلغان، ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت بايلىقى، مەدەنىيەت مىراسى، مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان «ئون ئىككى مۇقام» تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە سۈكۈتكە چۆمگەن تەكلىماكان چۆللۈكى كېلىدۇ. چۈنكى، تەكلىماكاندىكى ئاجايىپ سىر-ھېكمەتلەر «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»غىمۇ چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»دىكى سىر-ھېكمەتلەرمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى، دولان چالغۇلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىپتىدائىي تارىخقا ئىگە دولان راۋابىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ قىزلارنىڭ كوكۇلا چېچىدەك 13 تالدىن 21 تالغىچە بولغان تەڭشەلگەن تارلىرىنى زەخمەك بىلەن تولۇق بىر چەكسىڭىز، «دو، رەي، مى، فا، سو، لا، شى» دېگەن يەتتە خىل ئاساسىي ئاھاڭ چىقىدۇ. ئەجدادلىرىمىز دولان راۋابىغا 13 تىلدا  تار سېلىپ سەككىز خىل ئاساسىي ئاھاڭدا تەڭشەپ، دولان مۇقامىنى ياڭرىتىپ يۈرگەن زامانلاردا، دۇنيادا «نوتا» دېگەن ئۇقۇم تېخى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا يوق ئىدى. بىز ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان يەتتە بوغۇم، سەككىز بوغۇم، توققۇز بوغۇم، 12 بوغۇم…دېگەن چۈشەنچىلەردىكى سان-ساناقلارمۇ مۇئەييەن تارىخىي جەريانلار ھەمدە مۇئەييەن قىممىتى بىلەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»دىكى سان-سىفىرلاردىن تەدرىجىي سىڭىپ كىرگەن. قىسقىسى، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»دىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭمول ۋارىيانتلىرى، شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ سىر-ھېكمەتلىرى ھازىرقىزامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى مول شېئىرىي شەكىللەرگە ۋە ئىجادىي تەپەككۇرغا، كۈچلۈك ھېسسىيات تەلىپىگە ئىگە قىلغان. «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ئېچىلغان ھەم ئېچىلمىغان بۇلاق! ئۇنىڭ مۇقام-مەشرەپلىرى ئېچىلغان بۇلاق بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قات-قېتىدىكى ئاتەش ھېكمەتلەر، يوشۇرۇن سىرلار، ئەجدادلارنىڭ روھىي سىيماسى تېخى ئېچىلمىغان بۇلاق. مېنىڭچە بولغاندا، ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار، نەزەرىيىۋى كۆز-قاراشلار ئېچىلمىغان بۇلاققا قاراپ ئېلىنغان مەزمۇت قەدەملەر. بۇ بۇلاق زادى نەدە؟ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ قات-قېتىدا، قەدىمكى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى مەدەنىيەتنىڭ ئۇپۇق سىزىقىدا، ئەجدادلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا، دولان مەدەنىيىتىنىڭ كەچمىشلىرىدە.
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1)
33.3%
ئالقىشلايمەن
(2)
66.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...