دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا- كېرىيە دوپپىسى

ۋاقتى:2011-05-25 10:28مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ ، بۇ جەھەتتە باشقا رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى ، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
     كېرىيە دوپپىسى تەلپەك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا جىننېس رېكورتى قامۇسغا ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا›› دەپ كىرگۈزۈلگەن. 
      تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر ، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق ، سېرىق ، كۆك ، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ . ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ . تەلپەك يىڭنە ياكى قوش يىڭنە بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ . ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ . كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ . كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق ، كۈمۈش رەڭ تاشلىقى كىيىلىدىغان بولۇپ ، بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن ، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ . سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ . جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا ، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ . ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ

ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...