« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەشرىپى بولۇپ ، ئۇ قاتنىشىش دائىرىسى پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان مەشرەپ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئاساسەن كۈزلۈك ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كىيىن باشلىنىپ ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تىرىلغۇ باشلانغىچە داۋاملىشىدۇ .
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بىگى ( قازىبەگ ) ، يىگىتۋىشى ، دارىگەي بىگى ، كۆلىبىگى ، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىلىرى بار .
مەشرەپ بىگى ( قازىبەگ ) - « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ ، ئۇ مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلغۇچ ، مەشرەپتىكى دەۋا -دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىگىتۋىشى - مەشرەپنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ ، مەشرەپ پائاليىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ .
دارىگەي بىگى ( دار بىگى )- ئاساسەن مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتىنى ۋە ناخشا -ئۇسسۇل ، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل . شۇڭا دارىگەي بىگى شۇ يىزا -كەنىتتىكى ناخشا - مۇزىكىغا ماھىر سەنئەتكارلار ئارىسىدىن سايلاش ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ .
كۆل بېگى - مەشرەپنىڭ پۈتكۈل مالىيە -ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ ، ئادەتتە مەشرەپكە لازىم بولىدىغان يىمەك -ئېچمەك قاتارلىقىلارنى ھەل قىلىدۇ . مەشرەپنىڭ كۈتكۈچىلىرى كۆل بېگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ . ئىز تورى www.iz.la
پاششاپ - مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ، ئادەتتە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ . ئۇ مىرشاپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . ئەمما مەشرەپ ئەھلى ئوتتۇز -قىرىق كىشىدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » گە ئەزا بولۇشىنىڭ تۈزۈمى بار . `شۇڭا مەشرەپكە ئەزا بولغۇچىدىن بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ .
ئالدى بىلەن مەشرەپكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغۇچى يىگىتىنى دادىسى يىتىلەپ مەشرەپ سورۇنىغا ئەكىلىدۇ . پاششاپ بۇ ئەھۋالنى مەشرەپ بىگى ۋە يىگىتۋىشىغا خەۋەر قىلىدۇ . ئۇلار رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن يىگىتنىڭ دادىسى مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى مەشرەپكە ئەزا قىلىش ھەققىدە مەشرەپ بىگى ۋە يىگىتۋىشىغا ئىلتىماس قىلىدۇ : « بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزنىڭ ، گۆشى سىلەرنىڭ ، ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگەنسۇن . دەپ مەشرەپكە ئەكەلدىم .» دەيدۇ .يىگىتۋىشى بالىغا : « بۇ مەشرەپنىڭ تاتلىق چىيى ، ئاچچىق تايىقى بار . چىدىسىڭىز كىرىشىكە رۇخسەت » دەيدۇ . بالا : « چىدايمەن » دەپ جاۋاب بەرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ مەشرەپكە قىتىلىشىغا رۇخسەت قىلنىدۇ . بۇ چاغدا مەشرەپ ئەھلى بۇ بالىنىڭ سورۇنغا قانداق سوۋغىلارنى ئەكەلگەنلىكىنى سورايدۇ . بالىنىڭ دادىسى « ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى » گە ئاتاپ ، نەچچە تۆگە ، نەچچە ئات ، كالا ، قوي ئەكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە دېيىلىگەن ھايۋان ناملىرى مەشرەپتە ئومۇملاشقان سىموللۇق ناملار بولۇپ ، تۆگە دىگىننى قوغۇن -تاۋۇزنى ، ئات دىگىننى تۇخۇمنى ، كالا ياكى قوي دىگىننى ئالمىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ سوۋغىلارنى پاششاپ جامائەتكە كۆرسەتكەندىن كىيىن ، كۆل بىگىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئارتۇقچىلىقىنى « ئوتتۇز ئوغۇل » نىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بىرىشى شەرت . ئەگەر ھىچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىسا مەلۇم بىر ھايۋان ياكى بىرەر قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مەشرەپكە قىتىلغانلىقى شەرىپىگە « ئوتتۇز ئوغۇل » نى ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ .
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى »مۇ باشقا يەرلىك مەشرەپلەرگە ئوخشاش ناخشا - ساز ، ئۇسسۇل ؛ چاقچاق ، لاپ ئۇرۇش ؛ مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋە جازادىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ . ھەربىر باسقۇچنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە .
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ قائىدە -تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازا ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ، ئىقتىسادىي جازا ، يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسىدىن ئىبارەت . ئىقتىسادىي جازا ئەيىبلەنگۈچىنىڭ گۇناھىنىڭ ئىغىر -يىنىكىلىكىگە ۋە ئىقىتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بىرىلىدىغان بولۇپ ، ئەڭ ئىغىر ئىقىتىسادىي جازا « ئوتتۇز ئوغۇل گۈللىرى » ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدىن سىرت بىر قىتىملىق « ناماقۇللۇق مەشرىپى » ئۆتكۈزۈپ بىرىشتىن ئىبارەت . يىنىكلىرىگە كىلەر قىتىملىق مەشرەپ ئۈچۈن مىۋە -چېۋە ، قەنت -گىزەك قاتارلىقلارنى ئەكىلىش بۇيرۇلىدۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
سەۋەنلىك جازاسى كۆپ خىل بولۇپ ، « سامسا يىقىش » ، « جۇۋازغا قىتىش » ، « ئۆپكە قويۇش » ، « سۈرىتىنى تامغا تارتىش » ، « مونەك تۈگۈش » ، « ئىككى خوتۇن ئىلىپ بىرىش » ، « كاككۇك سايرىتىش » ، « پاختەك ئۇچۇرۇش » ، «توشقان تەپتى » ، « كاۋا چاقتى » ، « دەررىگە بىسىش » ، « سازايى قىلىش » ، « سۇغا چۆمۈلدۈرۈش » ، « پىر ئوينىتىش » ، « ئەنجۈر يىگۈزۈش » ، « يۈزىگە كۈيە سۈركەش » ، « باغدىن ئالما ئۈزۈش » قاتارلىق كۈلكىلىك ، ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت . بۇ جازالار پاششاپ تەرىپىدىن ھەرىكەتلىك ئىجرا قىلىنىدۇ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ يۇرت - جامائەت ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئابرۇيى يۇقىرى بولۇپ ، شۇ يۇرت كىشىلىرى مۇشۇ مەشرەپ كوللىتىكىپى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان بولىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خەلق ئىچىدە « مەشرەپ كۆرگەن » ، « مەشرەپ كۆرمىگەن » دىگەندەك سۆزلەر بىلەن كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلاقى ۋە خۇلۇق - مىجەزىنى باھالايدىغان ئادەت بار . ھەتتا « ئالىم بولاي دىسەڭ مەكتەپكە بار ، ئادەم بولاي دىسەڭ مەشرەپكە بار » دىگەندەك ماقاللارمۇ بار .
« دولان مەشرىپى » ئاساسەن مەكىت ، مارالبىشى ، يوپۇرغا ( تىرىم يىزىسى ) ، ئاۋات يىزىسى ، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يىزىلىرى قاتارلىق ناھىيە -رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيتىنىڭ ئومۇمىي نامى . دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .
« دولان مەشرىپى » ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇزىكا ، ناخشا - ئۇسسۇل ، ھەرخىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىزىقچىلىقلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن . دولان مەشرەپلىرىدە بىر نەچچە دۆرە نەغمە -ئۇسسۇل قىلىنغاندىن كىين ، سازەندىلەر ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھېرىپ -چارچاشلىرىغا ئارام بىرىش يۈزىسىدىن ھەم مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يىگىت بىشى « دەررە ئويۇنى » ، « پوتا ئويۇنى » ،« چاي تۇتۇش ئويۇنى » ، « بېيىت - قوشاق ئېيتىش ئويۇنى » قاتارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . بۇ ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولۇپ ، مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى باشلاپ بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن باشلىغۇچى كىمنى خالىسا شۇ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ .
« دولان مەشرىپى » نىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىغىنى - دولان مۇقامىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان كوللىكتىپ ئۇسسۇلدىن ئىبارەت . دولان مەشرىپىدىكى كوللىكىتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋىرىدىكى ئەمگەك جەرياننى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ ، ئاساسەن تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپقان .
« دولان مەشرىپى » دە ئوينىلىدىغان دولان ئۇسسۇلى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە نەپىسلىكى ، مۇزىكا رىتىمى بىلەن بىردەكلىكى ، ئۇسسۇل مەزمۇنىنىڭ ئىنقىلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
دولان ئۇسسۇلى كوللىكتىپ ئۇسسۇل بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . مەشرەپ مەيداننىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە قاراپ ، بىرلا ۋاقىتتا بەش - ئالتە چۈپتىن يىگىرمە -ئوتتۇز جۈپكىچە ئەر-ئايال ، ياش ، قىرى دىمەي ، كىم خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناۋىرىدۇ.