مەشرەپلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچلىرىدىن بېرى بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، كۆپ خىل ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا ئىگە فولكلورىستىك مەدەنىيەت شەكلى. ئۇستاز تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇكېرىم رەھمان قاتارلىقلار مەشرەپلىرىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلىرى، ئىچكى قۇرۇلمىسى، ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارى توغرىسىدا ئۆز ماقالىلىرىدە ئەتراپلىق توختالغان. ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىمىز ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتۇر. مېنىڭچە، بۇ ھەقتە مۇنداق تۆت مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىرىنچى، ئەسلىگە سادىق بولۇش مەسىلىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈنئىيلىكتىن، بۇلغىنىشتىن خالىي، ساپ، تەبىئىي نەرسىلەرنى «يېشىل» سۆزى بىلەن سۈپەتلەۋاتىمىز. مەسىلەن، «يېشىل يېمەكلىك»، «يېشىل مەھسۇلات» دېگەندەك. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى «يېشىل سەنئەت» دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولار. بۈگۈنكى دۇنيادا ئەنە شۇنداق »يېشىل«لىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەتىۋارلىنىدۇ. ئادىمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلاردا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ ئەسلىي ھالىتىگە، مەۋجۇتلۇق مۇھىتى ۋە بوشلۇقىغا، بۇ ھەقتىكى بىرىنچى قول ماتېرىياللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى، سېھرىي كۈچى ھەمدە قىممىتىمۇ ئۇنىڭ ئەسلىي ھالىتى، يەنى ئۇنىڭ «يېشىل»لىقىدا گەۋدىلىنىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كىتابلاردىن ياكى سەھنە-ئېكرانلاردىن كۆرگەنلىرىمىز ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئەمەس. ئۇ مەشرەپنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ياكى تەقلىد قىلىنىشى. مەشرەپلەرنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئۇنىڭ بارلىق ئامىللىرىنىڭ ئۆز مۇھىتىدا تەبىئىي ئورۇندىلىشىغا قارىتىلغان. مەشرەپلەرنىڭ بارلىق سەنئەت تەركىبلىرى، ئويۇن تەرتىپلىرى، ئادەت-يوسۇنلىرى قانچىكى قەدىمىي، مىللىي، مەھەللىۋى ۋە تەبىئىي بولسا، ئەسلىگە شۇنچە ساپ بولغان بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ يازغۇچىلار تەرىپىدىن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن، ئارتىسلار تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن، تېخنىكلار تەرىپىدىن ئېكرانلاشتۇرۇلغانلىرىنى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەسلى دېيەلمەيمىز. ئۇنى پەقەت مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرتىلمىسى، ئىجادىي بېيىتىلمىسى ۋە ياكى ھازىرقى راۋاجى دېيەلىشىمىز مۇمكىن. ئەپسۇس، مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى بۈگۈنكى كۈندە ئانچە كۆرەلمەيۋاتىمىز. ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدىن پۈتۈنلەي ياتلاشمىغان چەت يېزا - قىشلاقلاردا، بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا مەشرەپلىرىمىزنىڭ نىسبەتەن قەدىمىي ۋە ئەسلىي ھالىتى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ(مەسىلەن، دولان مەشرىپى، قۇمۇل كۆك مەشرىپى، خوتەن تاغ مەشرەپلىرى دېگەندەك)، ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆز تەبىئىيلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە يوقاتماقتا. شۇڭا ئەسلىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىش زۆرۈر.
ئىككىنچى، مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەسىلىسى. مەشرەپلىرىمىزنىڭ پەيدا بولۇشى، ھاياتىي كۈچى خەلقىمىزنىڭ يۇمۇرغا باي، چاقچاققا ھېرىسمەن، سەنئەتخۇمار خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسىي ئامىل يەنىلا مەشرەپ سەنئەتكارلىرىدىن ئىبارەت. مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەشرەپتە يېتىلگەن، مەشرەپ سورۇنى ئارقىلىق ئۆز ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مەشرەپنى ۋاسىتە، سەھنە قىلىپ مۇقام - كۈيلىرىمىزنى، ناخشا - ئۇسسۇللىرىمىزنى، بېيىت - قوشاقلىرىمىزنى، ھەزىل - چاقچاقلىرىمىزنى، لەتىپە - يۇمۇرلىرىمىزنى بېيىتقان تۆھپىكارلاردۇر. بىزدە خەلق سەنئەتكارلىرىغا سەل قاراش خاھىشى مەۋجۇت. شۇڭا داڭلىق مەشرەپ سەنئەتكارلىرى مەتبۇئاتلاردا تونۇشتۇرۇلۇشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ يۇرتلاردىكى مەشرەپ سەنئەتكارلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، شاگىرت تەربىيەلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن