رۇس مىللىتى ۋە ئاق كەپتەر

ۋاقتى:2012-01-07 15:59مەنبە: تەھىرىر:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  


رۇسلار ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. رۇسلار روسىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 150 مىليوندىن كۆپرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى


     بۇنىڭدىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، بىر قېتىم رۇسلار جەنۇبقا كۆچۈپ، مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىمال ئەتراپلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق، دوستانە ئۆتۈپ، بىر گەۋدىگە ئايلانغان ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. جۇڭگودىكى رۇسلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق ۋىلايەت - شەھەرلىرىگە، شەرقىي شىمالدىكى خاربىن، شېنياڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 15 مىڭ 600 دىن كۆپرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

     رۇسلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار. رۇس تىلى ھىندى - ياۋروپا تىل سىسىتېمىسىنىڭ سلاۋيان تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ. يېزىقى رۇس يېزىقى. جۇڭگودىكى رۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى پراۋوسلاۋىيە دىنىغا، ئاز بىرقىسمى خرىستىئان دىنىدىكى باشقا مەزھەپلەرگە ئېتىقاد قىلىدۇ. رۇسلارنىڭ ئۆزىگە خاس بايراملىرىنىڭ ھەممىسى پراۋوسلاۋىيە دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، شۇڭا ئۇلارنىڭ مىلاد بايرىمى، پاسخا بايرىمى قاتارلىق بايراملىرى بار.
     شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ھازىرقى رۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى كادىر، زىيالىي ۋە تېخنىك ئىشچىلار. يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، كالا بېقىش، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىق رايوندىكىلىرى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

www.iz.la


رۇسلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ. ئاككاردىيون ئۇلارنىڭ ئاساسلىق چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا گىتار ۋە پىئانىنو. بايرام ۋە           خۇشال - خۇرام كۈنلەردە ياكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر جەم بولۇشقاندا، ئاككاردىيون چېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ، ئادىنوشكا ئاساس قىلىنغان ھەرخىل شوخ ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ. رۇسلارنىڭ مۇزىكا، ناخشا ۋە ئۇسسۇللىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە، نۇرغۇن ئەسەرلىرى دۇنياغا مەشھۇر.
www.iz.la

     رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادىي ئاساسىدا، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئاق كەپتەرنى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن.
رۇسلارنىڭ نەزەرىدە ئاق كەپتەر بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى، ئىلاھ ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەتىۋارلىق جانۋىرى، ياخشىلىقنىڭ قۇت بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
     رۇسلار ئەزەلدىنلا ئوۋ ئوۋلاشقا ھېرىسمەن مىللەت بولسىمۇ، بىراق ئۇلار كەپتەرنى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئوۋ نىشانى قىلمايدۇ، ئەكسىچە، يارىلانغان بىرەر كەپتەرنىمۇ ئىمكانقەدەر قوغداپ قېلىشنى ئويلايدۇ. گەرچە، رۇسلارنىڭ كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ يېمەسلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەنئى بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، رۇسلارنىڭ چوڭ - كىچىك زىياپەت شىرەلىرىدە كەپتەر گۆشىدىن تەييارلانغان قۇرۇما، كاۋاپلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. www.iz.la
     رۇس تىلى دۇنيادىكى قەدىمىي، چىرايلىق تىللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا سۆز فوندىغا باي تىل. مول رۇس تىلى خەزىنىسىدە كەپتەرگە بولغان مۇھەببەت، پاكلىق، مېھرىبانلىق، مۇلايىملىق،ياخشىلىق مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ. بۇلاردىن كەپتەرنىڭ رۇسلار قەلبىدىكى مۇھىم ئورنىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قۇرامىغا يەتكەن ياش يىگىتلەر سۆيگۈنىنى گۇرۇبۇچكا (كەپتەرنىڭ باچكىسى مەنىسىدە) دەپ چاقىرغىنىدا، قىز مۇھەببەتنىڭ ۋەزنىنى ۋە شېرىنلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ، گويا يىگىت قىزغا: سەن ئاق كەپتەر كەبى پاك، مېھرىبان، مۇلايىم ۋە ئوماق دېگەندەك بىلىنىدۇ. ياشتا چوڭلار بالىلارنى گۇرۇبۇچكا دەپ ئاتىغىنىدا، بالىلارمۇ چوڭلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. بۇ گويا نېمىدېگەن ياخشى، مۇلايىم، ئوماق بالا دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قىسقىسى، رۇسلار ئاق كەپتەرنىڭ پاكلىقىنى، مېھرىبانلىقىنى ۋە مۇلايىملىقىنى مەدھىيىلەيدۇ، ئاق كەپتەرنى ئىلاھ، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • رۇس مىللىتى ۋە ئاق كەپتەر

    رۇسلار ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. رۇسلار روسىيىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە...

  • مەشىرەپلىرىمىز

    مەشرەپلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچلىرىدىن بېرى بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، كۆپ خىل ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا ئىگە فولكلورىستىك مەدەنىيەت شەكلى. ئۇستاز تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇ...

  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...