ئىلاۋە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات ئورنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش مەركىزى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 2010-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن 12-ئۆكتەبىرگىچە «2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ كۇچا خەلق ناخشىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى، ئەدىب، كومپوزىتور، ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى ھەمدە كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي، بەدىئىي قىممىتى، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ۋە كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولغان شەخسلەر ھەققىدىكى تەتقىقات مەزمۇن قىلىنغان 37 پارچە ئىلمىي ماقالە چوڭ يىغىن ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىغا قاتناشتۇرۇلدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى شائىر، ئالىي مۇھەررىرى، تەتقىقاتچى مۇھەممەد شاۋۇدۇن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
پولات ئاماننۇرى: سىز تونۇلغان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ بىرى ھەم ئۇزۇندىن بۇيان مەدەنىيەت بولۇپمۇ كۇچا مۇزىكىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، بۇ ھەقتە ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدىڭىز. ئۇنداقتا، ئالدى بىلەن كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
مۇھەممەد شاۋۇدۇن: كۇچاشۇناسلىق ئىلمى بىزگە ناتونۇش ئەمەس. بۇ ئىلىمنىڭ ئېلىمىزدە ئېتىراپ قىلىنغىنىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشتى. بۇ ئىلىم كۇچا تارىخ-مەدەنىيىتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. كۇچا مەدەنىيىتى، جۈملىدىن كۇچا خەلق ناخشىلىرى بۇ ئىلىمنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
غەربىي يۇرتتىكى تۆت مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كۇچا مەدەنىيىتى مىلادىيە 2-، 3-ئەسىرلەردىلا ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، كۇچا غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. كۇچا مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، گۈزەل-سەنئەت، سېرىك، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق قاتارلىق سەنئەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە يۈكسەك تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. «مايتىر سىمىت» تەك تىياتىر كۇچادا كەڭ ئومۇملىشىپ، تىياتىرنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بۇ دەۋرلەردە بولۇپمۇ كۇچا مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولغان. كۇچا مۇزىكىلىرى شۇ چاغلاردىكى ئاجايىپ زور مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن غەربىي يۇرت مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. تەرەققىي قىلىپ تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە ياڭراق، يېقىملىق، سېھرىي كامالەتكە ئىگە كۇچا مۇزىكىلىرى ئەل-ئاۋام ئىچىدە قىزغىن ئالقىشلىنىپ، زور داغدۇغا قوزغاپلا قالماي تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردىلىرىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئورۇندىلىپ، ئوردىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەندىكىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. تاڭ دەۋرىنىڭ شائىرى يۈەن جىن «ليەنچاڭ قەسىرى نەزمىسى» دېگەن شېئىرىدا بۇ ئەھۋاللارنى مۇنداق ئەكس ئەتتۈرگەن:
كەزدى چۈنشۈن بەگ جېمى لياڭجۇ قۇچاقىنى تامام،
قىلدى زەپ ياڭراق كۇچا كۈي-نەغمىسى تىنماي داۋام.
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەھەللە، كوچا-كوي، يېزا-قىشلاقلىرىدا كۇچا مۇزىكىلىرى كەڭ تارقىلىپ ئەۋج ئالغان. بۈگۈنكى كۇچا مۇزىكىلىرى جۈملىدىن مۇزىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان كۇچا خەلق ناخشىلىرى ئەنە شۇ گۈللەنگەن ئىلغار كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. ئەجدادلىرىمىز بۇ ناخشىلارغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى بىيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بۈگۈنكى يۈكسەك تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە قىلدى. بىز بۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرنىڭ قىممىتىنى ئىلمىي تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بويىچە تولۇق تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تېخىمۇ توغرا باھا بېرىشىمىز كېرەك.