قىزلار كۆرۈڭلار....

ۋاقتى:2011-05-04 19:29مەنبە: يوللىغۇچى:باھارگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،ئادەملەر ئۈستىنكى ھەقلەر ئىچىدە كىشلەرنىڭ مىننەتلىرىدىن ئېغىر نەرسە بولمايدۇ.مەيلى قانچىلىك چوڭ نەرسە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يۇزۈڭنى تۆكۇپ قولغا كەلتۇرگەن نەرسەڭ بىلەن خۇشال بولۇپ كەتمىگىن.مەيلى نىمىنىلا ئالغىن،يۈز ئابرۇيىڭنى سېتىپ ئېرشكەن نەرسە تولىمۇ قىممەت سېتىۋىلىنغان نەرسىدۇر.قانچىلىك سىناقتىن ئۆتكەن كىشى بولۇشتىن قەتئىينەزەر سىرىڭنى بەرمە،ئېھتىيات قىل،ئېھتىيات دىمەكتۇر دانالىق دىمەكتۇر.سېنىڭ سىرىڭ ناۋادا سەن ئۇنى چىڭ ساقلىيالىساڭ ئۇ سىنىڭ ئەسىرىڭ بولىدۇ.ئەگەر ساقلىيالمىساڭ سەن ئۇنىڭ ئەسىرى بولىسەن.ئاقىلنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسى تەپەككۇرىنىڭ ئارقىسىدا.ئەخمەقنىڭ تەپەككۇرى بولسا،ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ ئارقىسىدىدۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى، ۋاپادارلىق دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيدۇ.سەن دۇنيادا ئىرىشكەن ئەڭ ئىسىل نەرسە ئىشەنچىلىك دوستتۇر.ئۆزۇڭدىن يۇقىرىدىكىلەرنى ئىززەتلە،غەلىبە قىلىشقا كۆزۇڭ يەتمىگەن ئىشقا ئالدىراپ ئۆزۈڭنى ئۇرما.ئەيبىڭنى كۆرسىتىپ تۇردىغان كىشى بىلەن كۆپرەك سىرداشقىن.يالغان ماختاش،ساختا ھىجىيىىشلارغا ئىشەنمە،يەنە ئاياللارنىڭ دوستلۇقى بىلەن ئىقتىسادنىڭ كۆپلۈكىگىمۇ ئىشىنىپ كەتمە.سىنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ھەر قانچە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئېتىبارغا ئالما،كىشلەرنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقى ھەر قانچە ئاز،ئاددىي بولغان تەقدىردىمۇ سەن ئۇنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلما.بىھۇدە ئىشلارغا ئاچچىقلانما. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،سېنىڭ دۈشمىنىڭ ساڭا قارمۇ-قارشىدۇر.قارىمۇ قارشى ئادەملەر بىر-بىرىدىن يىراق تۇرۈشى ۋە بىر-بىرىگە يىقىن يۇلىماسلىقى لازىم.سەن دۈشمەن دەسسىگەن يەرگە ئېھتىيات قىلغان،قاتتىق دىققەت قىلغان ھالدا دەسسىگىن.دۈشمىنىڭنى ئۇ يەردىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە يىراقلاشقانلىقى سىنى مەغرۇر قىلمىسۇن،بەلكى ئۇ،ئۇ يەردە ساڭا قىلتاق قۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.دۇشمىنىڭنىڭ قېشىغا قورالسىز،ھىمايىچىسىز كىرمە،دۈشمىنىڭنىڭ قورال تاشلىغانلىقى سىنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويمىسۇن،قۇرالنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدىكى، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ.ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئارلاشقان ئادەم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قولدىن بىرىپ قويىدۇ ۋە ئۆزى ئاڭلاشنى خالىمىغان نەسىلەرنى ئاڭلايدۇ. copyright by www.iz.la

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،بىز ئارزۇ-ئارماننىڭ بىر كۈندىلا ئەمەس،بەلكى مەلۇم جەرياندائىشقا ئاشىدىغانلىقىغا كامىل ئىشەنگەن چېغىمىزدا،ئاندىن سەۋىرچانلىقنىڭ جەۋھىرى-ئۇنى ئىنسانىيەت زورلاپ تاڭغان ۋاقىت جەدۋىلىگە بېقىندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس، بەلكى ھاياتلىقنىڭ تەبىئىي رىتىمىنى قوبۇل قىلىش،خۇداغا شۈكۈر،سەۋىرچانلىق مانا مۇشۇنداق نەرسە،بىز بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشىمىز كېرەك.بىزنڭ ئىچىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم خىزمەت ئورنىدا قالتىس ھەمكارلىشش روھىغا ئىگە،ئەمما ئۇ ئۆينىڭ بوسىۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىشى بىلەنلا باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ.قارغاندا بىز تىخى شۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولساق كېرەك،بىزنىڭ جورىمىز،بالىلىرىمىز بىزنڭ تۇتقان ئەمىلىمىزگە زادى قىزىقمايدۇ.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،ئەگەر سەن سېنىڭ سۆھبەتدىشىڭنىڭ سەن ياقتۇرمايدىغان بىرەر ئىشىنى بايقىساڭ ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر ناشايان سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ،دوستلۇقۇڭنى بۇزۇۋەتمىگىن.ئۇنىڭ خاتا كەتكەن سۆزىنى تۇزەتكىن، ناشايان ئىشلارنى ياپ،دوستلۇقنى ساقلاپ قال،ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلما،تەسىرگە ئۇچرىغۇچى ئەمەس،تەسىرگە ئۇچراتقۇچى بول.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كۆپ ئۇخلىغان ئادەم ئومرىگە بەرىكەت تاپالمايدۇ.كۆپ يېگەن ئادەم ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپالمايدۇ.قوغلىغانلارنىڭ ھەممىسى تۇرۇۋەرمەيدۇ.قاچقانلارنىڭ ھەممىسى قۇتۇلۇپ قېلىۋەرمەيدۇ.دوست ساقلاش پۇل ساقلاشتىن ياخشىدۇر.پۇلنىڭ بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.دوستىنىڭ بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ.

copyright by www.iz.la

ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال،شۇنى بىلگىنكى،سن گەپنى قانچە ئاز قىلساڭ،شۇنچە قالتىس ھەم سالاپەتلىك كۆرۈنىسەن.چۈنكى،سېنىڭ سۈكۈتۈڭ باشقىلارنى قورۇندۇرۇپ قويىدۇ،ئادەم ئەسلىدىنلا باشقىلارنى چۈشىنىشكە قىزىقىدىغان  مەخلۇق،ئۇلار سىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنڭنى بىلىشكە ئىنتىلدۇ،ناۋادا سەن مۇھىم ئۇچۇرنى ئېتىياجىنى،بىلەن تىزگىنلىيەلىسەڭ،ئۇلار سىنىڭ مەخسىتىڭنى بىلىشكە ئامالسىز قالىدۇ.ھەققىي دانا كىشلەر باشقىلارنى ئۆزىگە رەھمەت ئېيتقۇزۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ھاجەتمەن قىلۋىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.چۈنكى،باشقىلار ساڭا ھاجەتمەن بولسا،سىنى ھەگىز ئۇنتۇمايدۇ،رەھمەت-ھەشقاللا بولسا ھە دېگەندىلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(16)
84.2%
ئالقىشلايمەن
(3)
15.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان 100 نەسىھىتى

    1. ھەي پەرزەنتىم ، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىڭنى چىن دىلىڭدىن تونىغىن . 2. سەن ئەگەر بىرسىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئاۋۋال ئۇنۇڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل . 3. سۆزنى ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل 4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل . 5. ھەممىنىڭ ھەققى ھوقۇقىنى چۈشەنگىن . 6....

  • خارۋاردا ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تېىمغا يېىزىلغان 20 ھېكمەت

    خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تېمىغا يېزىلغان 20 ھېكمەت 1 . ھازىر مۈگدىسىڭىز چۈش كۆرىسىز؛لېكىن ھازىر ئۆگەنسىڭىز چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز . 2 . سىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈن ، تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى . 3 . كېچىككىنىڭىزنى ھې...

  • ھىكىمەت (ئۇقۇپ قۇيۇڭ)

    ھىكمەت بىر ئادەم بار بۇلۇپ قوشنىسى بىلەن دائىملا جىدەللىشىپ ئۆتىدىكەن ،ئۇنى ئىچ ئىچىدىن ئۆچ كۆرىدىكەن ،بىر كۈنى ئۇنىڭ كالىسى يۇقاپ كىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشنىسىدىن گۇمانلىنىپتۇ ،ئويلىغانسىرى شۇنچە گۇمانلىق تۇيۇلۇپ كىتىپتۇ . بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن...

  • ئاياللار ۋە مۇھەببەت ھەققىدە ھېكىمەت

    ...

  • بىز ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك كۈن قايسى؟ 

    ھەممىمىزگە مەلۇم،ئادەم ھاياتىدا قانچە كۈننى باشتىن كەچۈرىدۇ؟دىگەن سۇئالغا:تۈنۈگۈن،بۈگۈن،ئەتە،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.ئۈچ كۈن ئىچىدە قايسى كۈن ئەڭ مۇھىم ؟دىگەن سۇئالغا:بۈگۈن ئەڭ مۇھىم ،دەپ جاۋاپ بېرىمىز.چۈنكى تۈنۈگۈن ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ،ئەتىنى پەرەز قىلىش ئاسان...

  • ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى

    ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ خىسلىتى بەش نەرسە ئەقىللىق ئادەمىنىڭ خىسلىتىدۇر : قولدىن كەتكەن نەرسىگە ئېچىنىپ ئولتۇر ماسلىق ، ئەمگەكىتىن قورقىماسلىق ،ھاكاۋۇر بولماسلىق ،قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا كىر شمەسلىك ۋە قولغا كەلتۈرەلمىگە ن نەر سىسىگە قايغۇرماسلىق. ئالتە نەر...

  • پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي دېسىەڭ

    ئەي ئۇغلۇم پەزىلەتلىك ئادەم بۇلاي ،دۇنيادا ھەقىقى ئىنساندەك ياشاييي دېسەڭ ، كۆڭلۈڭنى ھەسەتتىن ،تىلىڭنى يالغان بىلەن غەيۋەتتىن ،قىلغان ياخشى ئىشىڭنى مننەتتىن ،نەپىسىڭنى ھارامدىن پاك تۇت. بۇ تۆت ئىش تۈۋەندىكى تۆت ئىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ- ھەسەت بىئاراملىق قوز...

  • تۇرمۇش تەجىربىلىرى

    * بىر ئادەمنى چۈشۈنىش ئۇنچىۋىلا ئاسان ئەمەس . * پەقەت باشقىلارغا چىن مەنىدە نەزىرىمىزنى بىرەلسەك ئاندىن ھەققى بىر نەرسىگە ئېرشەلەيمىز. *تۆت ئەتىراپىغا ئەركەكتەك قاراپ ، زىددىيەت قوينىدا ئۇۋلىنىپ كەتمەسلىككە ماغدۇرى يەتمىسە ئۇ چۇقۇمكى ،تۇلۇق ھەقىقەت ئەمەس....

  • كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇش ھەققىدە ھېكىمەتلەر

    كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشقا دائىر ھېكىمەتلەردىن ئۈزۈندىلەر...

  • ئۇقۇپ قۇيۇڭ!!!

    *ئىنسانلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ ،تەن بىلەن روھنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنىڭ ئاجرالماس ئىككى تەرىپى بۇلۇپ كەلدى، شۇنداقلا ئۆزئارا ھەمكارلىقتا تۇردى. *ئىنسانلارنىڭ مۇھىتقا نىسبەتەن قىلغان ئىسلاھاتىنى مەدىنىيەت دەيمىز. * ئاچچىقلىنىش بىر ئادەمنى ياكى بىر خىل م...