ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما،يىلىم قويۇش ئادىتى

ۋاقتى:2011-05-01 10:26مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  


  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئوسما-كرېست گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، دىيارىمىزدا قەدىمدىن ئۆستۈرۈپ كەلگەن ھەم خانىم-قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قاشلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ كەلگەن. ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، خانىم-قىزلىرىمىز ئۆز ئەتراپىدا ئۆسىدىغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئوسما قويۇشقىمۇ ناھايىتى ئامراق. مەسىلەن ھازىرمۇ ئانىلىرىمىز ۋە قىز-چوكانلىرىمىز يازدا ھويلا باغلاردىن مەخسۇس ئازراق جاي ئاجرىتىپ ئوسما تېرىيدۇ. ئوسما قۇلاق بولغاندا، ئۇنى ئۈزۈۋېلىپ سىقىپ سۈيىنى قاشلىرىغا قويۇشۇۋالىدۇ. ئوسما ئىچكەن قاش ئەسلىدىكى قاشتىن قارا، ئۇزۇن، چىرايلىق بولۇپ، ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئوسمىنى سىقىپ، سۈيىنى ئۆچكە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قېشىنىڭ ئارىلىقىنىمۇ قىلىۋالىدۇ. بۇ تاش ئوسما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ئوسما قاشنىڭ ئوزۇقى بولۇپ، ئوسما قويۇۋەرسە قاش قارىيىپ قويۇقلىشىدۇ. ئانىلىرىمىزنىڭ ئوسمىنى قاچانلاردىن باشلاپ ئۇنى گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق، لېكىن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە چۆچەك-رىۋايەتلەردىكى ئوسما قويغان خوتۇن-قىزلار ھەققىدىكى تەسۋىرلەردىن قەدىمكى ئانىلىرىمىزنىڭ ئوسما قويۇش ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش ئانچە تەس ئەمەس. قىزىل، قۇمتۇرا مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى مۇزىكا، ئۇسسۇلچىلارنىڭ، ھۆر-پەرىلەرنىڭ بەزىلىرى قېلىن قاشلىق ئەتكەن بولسا، بەزىلىرى ناھايىتى ئىنچىكە قاشلىق ئېتىشكەن قىياپەتتە تەسۋىرلەنگەن.

ئىز تورى www.iz.la

يەنە دىيارىمىزدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن چىققان ياغاچ ھەيكەل-قورچاقلار ئارىسىدىمۇ قاشلىق ئېتىپ، يۈزىگە گىرىم قىلىۋالغان قىياپەتتىكى ئوبرازلارمۇ بار. تاڭ دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر جاڭفۇنىڭ كوچا ۋەكىللىكىدىكى غەربىي يۇرت ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنى تەسۋىرلەپ يازغان «سۇنغان تاللار» ناملىق شېئىرىدىكى «ياپيېشىل قاشلىرىدىن چەكسىز باھار تۇغۇلغاي» دېگەن مىسراغا قارىغاندا، تاڭ دەۋرىدىكى (618-907) ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئوسما قويۇش ئادىتى بولغانلىقى مەلۇم. خانىم-قىزلىرىمىز بىر خىل ئۆسۈملۈكتىنلا ئەمەس، بىر نەچچە خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچىكىنى، بەزى مېۋىلەرنىڭ مېغىزى ۋە باشقىلارنى ھەرخىل مايلارغا ئارىلاشتۇرۇپ، پەرداز بۇيۇملىرى ياسىغانلىقى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېنىق قەيت قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك ئېتنىك تۈس ئالغان ھەم كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقىنى ئوسما بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى تەبىئىي گىرىم بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇ 4-ئاي مەزگىلىدە تېرىلىدۇ. 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، سېرىق رەڭلىك چېچەكلەيدۇ، ئۇرۇقى ئۇزۇنچاق بولۇپ، سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ. ئوسما بەش سانتىمېتىر ئۆسكەندىن باشلاپ، ئۇزۇن ئىلىنىپ، كىچىك چىنىلەرگە سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، نۆكچە پىلتا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىچكە ياغاچ ئۇچىغا پاختا يۆگەپ پەلتۈگۈچ ياساپ، ئوسما سۈيىگە چىلاپ قاشقا بىر نەچچە قېتىم يېقىلىدۇ. بىر ئاز شامالدىغاندىن كېيىن يېنىك سىلاپ يۇيىدۇ. چىنىدە كۆچمە بولغان قىسمى ئۇزۇنغىچە كەتمەيدۇ. ئۇنى قاشقا سۈرگەندە، قاش ئۇزۇن، پارقىراق بولىدۇ، قاشنىڭ توم، قويۇق ئۆسۈشىگە پايدىسى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە ئوسمىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرسە قىش پەسلىدىمۇ ياز كۈنلىرىدىكىگە ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئانىلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئوسمىنى ئىشلىتىش داۋامىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئوسمىنى ئۆچكە مېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قومۇشقا قاچىلاپ قۇرۇتۇپ، قاتتىق ئوسما ياكى قەلەم ئوسما ياساپ چىققان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئوسمىنىڭ تەبىئىيىتى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى مۇنداق قەيت قىلىنغان: ئوسما ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، خۇسۇسىيىتى بەدەننى پارقىرىتىدۇ ۋە ئارتۇق خىلىتلارنى تارقىتىدۇ. ئوسمىنىڭ خۇزابىنى سۇ ۋە تۇز بىلەن باشقا چاپسا چاچنى قارايتىدۇ، يەل ۋە بەلغەم خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ئۇنى كۆيدۈرۈپ تۈتۈنىنى پۇرىسا ياكى ئېزىپ چاپسا، زۇكام ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ. چاچلارنى چىڭىتىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ياكى قاينىتىلغان سۈيىنى مۇۋاپىق ھالدا ئىچسە قەي قىلدۇرىدۇ، ئوسمىنىڭ خۇزابى چاچنى قارايتىشقا باشقا خۇزابلارغا نىسبەتەن ياخشى، ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ كۆزگە تارتسا كۆزگە سۇيۇقلۇق چۈشۈشنى توسىدۇ ۋە چۈشكەن سۇيۇقلۇقلارنى تارقىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جىگەردىكى ھارارەتنى تارقىتىش، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەرنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بالىلارنىڭ دۇلۇنۇپ كېتىشلىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكىدىكى ئەسۋە، قان قۇسۇشنى داۋالاشقا ھەم ئېغىز ئىچى ۋە تىلغا چىققان جاراھەتلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئوسما قويۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازىر گەرچە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىدا زور ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان قىز-چوكانلىرى ئوسمىدىن ئىبارەت بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەبىئىي گىرىم بۇيۇمىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆستۈرمەكتە ۋە ئىشلەتمەكتە. ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوسما ئىشلىتىش ئاساسىدا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرخىل ئوسما قەلەمچىلىرى، ئوسما چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئوسما كىرپىك لاكى قاتارلىقلار كەڭ خېرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، ھەمدە باشقا مىللەت قىز-چوكانلىرىغىمۇ ئۆزلىشىۋاتىدۇ. يىلىم چېپىش ئادىتى-سۇمبۇل چاچلىرىنى ئاسراش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش قەدىمكى ساھىبجامال ئانىلىرىمىز ئۆز گۈزەللىكىنى يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. قەدىمكى ئانىلىرىمىز ۋە قىز- چوكانلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا جىگدە يىلىمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بايقاپ، ئۇنى ئۆز تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرىدە قايتا-قايتا سىناق قىلىپ، چاچنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(6)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...