
سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت. مىلادى 5_ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ مىللەت، ئۇزۇن يول بېسىپ يۇرتى ھىندىستاندىكى پەنجاپتىن ياۋروپاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھۇرۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ. 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلۇق ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ مۇشۇ قېتىمقى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى