ئۇيغۇرلاردا(بۆشۈك)مەدەنىيىتى

ۋاقتى:2011-04-28 18:33مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ
ياسالغان ئالاھىدە بىر «كارىۋات» بولۇپ، ئۇ «بۆشۈك »دەپ ئاتىلىدۇ. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر،
قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ
ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش
دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.ئادەتتە بۆشۈكنىڭ
ئېگىزلىكى ئاتمىش نەچچە سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر
ئىز تورى www.iz.la

تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۆشۈكنىڭ لايىھىلىنىشى جەھەتتىن، ئۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە
تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە
ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.ئۇيغۇرلار بۆشۈككە
نىسبەتەن بىر خىل مۇقەددەس ئىرىملىق نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن
ئىلگىرى«بۆشۈك توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ قىرىقى توشقۇچە ئارىلىقتا بولىدۇ. يەنى
بوۋاق ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنلا «كىندىكئانىسى» بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ. «كىندىكئانىسى» نىڭ قولى
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

يەڭگىل بولسا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كىندىك يارىسى ساقىيىپ كېتىدۇ. « بۇ كىندىك چۈشتى» دەپ
ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا، بالىنى بۆشۈككە سېلىش بىر
خىل ئىرىملىق ئادەت تۈسىنى ئالغاچقا، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭ جابدۇقلىرى تەييارلىنىدۇ.
بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈك ئانىسى » تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن
مەقسەت، بالىنىڭ «بۆشۈك ئانىسى»نىڭ ئۇدۇمىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن
ئىبارەت. خەلق ئارىسىدا«بۆشۈك ئانىسى»، «ئىرىمچى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىنىدۇ. «بۆشۈك بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئانىسى» بالىغا تەييارلىغان بۆشۈكنى قىبلە تەرەپكە قويۇپ، دۇئا-تەكبىر قىلغاندىن كېيىن، بۆشۈكنى رەت تەرتىپى
بويىچە راسلاشقا باشلايدۇ. ئالدى بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى ئويۇقچىغا جاك(كۈلتۈك) نى ئورنىتىدۇ. جاكنىڭ
تۆشۈككە تۇتاشقان يۈزىگە جاك تۇمىقىنى كىيدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە ئون بەش سانتىمېتىر چوڭلۇقتا تۆت
دانە تىز ياستۇق قويۇلىدۇ. ئۈستىگە بۆشۈكنىڭ چوڭلۇقىغا«ئۇدا»(جاكقا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈككە قويۇپ تىكىلگەن
پاختىلىق كۆرپە) قويۇلىدۇ. ئۇدانىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پاختىلىق كۆرپە (بۇ ئادەتتە ئىككى پارچە بولىدۇ) سېلىنىدۇ
ۋە زاكا(كىرلىك)بىلەن ئورىلىدۇ. باش تەرىپىگە بوۋاققا ماس كېلىدىغان كىچىك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئاستى تەرەپ www.iz.la
تەكشى بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈك ئانىسى» بوۋاقنى يالىڭاچلاپ، بەدەنلىرىنى يۇمشاق سىلاپ ئېرىم قىلىدۇ ۋە
ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالىدۇ. ئاندىن جاكقا توغرىلاپ شۈمەك(ياغاچتىن نەيچە قىلىپ ياسالغان سۈيدۈك يولى
ئېغىزى) سالغاندىن كېيىن، ئىككى پۇتىنى تۈزلەيدۇ ۋە يۆگەك بىلەن مەھكەم ئورايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى
تىزىغا«تىزلىق» كۆرپە قويۇپ، پۇت تارتقۇ(بىر سويام كەڭلىكتە ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلگەن رەخت كاشا) بىلەن
بۆشۈكنىڭ ئاستىدىن ئايلاندۇرۇپ چىگىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك تەرىپىمۇ يۆگەك
بىلەن چۈمكىلىدۇ، ئىككى قولىنى بالىنىڭ بىقىنىغا تەكشى رۇسلاپ، ئىككى جەينىكىگىچە جەينەكلىك قويۇپ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

«قولتارتقۇ»(پۇت تارتقۇغا ئوخشىشىدۇ) بىلەن تېڭىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئاخىرلىشىدۇ.
بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە بوۋاققا دائىم ھەمراھ بولسۇن دەپ، بۆرە ئوشۇقى ياكى بىر پارچە نان ئېسىپ قويىدۇ.
قاپارتما نەقىشلىك قىلىپ ياسالغان بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى گورىزونتال ياغاچ(بۆشۈك تۈرمىلى) قا بالىنى يامان
كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئىرىملىق تۇمار ئېسىلىدۇ ۋە بەزىدە كۆزمونچاق مارجان بېكىتىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە
رەڭلىك ئېسىل رەڭلىك رەختلەردىن ياسالغان «بۆشۈك ياپقۇ» يېپىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئوغۇل بالا
بولسا تىغ(پىچاق)، ئەگەر قىز بالا بولسا ئەينەك قىستۇرۇپ قويۇلىدۇ. بۇ بالىنى «قارا بېسىپ قالماسلىق» نىڭ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئېرىمىدۇر. تۇنجى قېتىم بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈك ئانىسى» ئادراسمان ياكى ئالما قېقى (بىر
نەچچە چىمدىم يىرىك تۇز قوشۇلىدۇ) بىلەن ئىسرىق سېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. بۇ
ئارقىلىق بالىغا چاپلىشىۋالغان«يامان روھ»لارنى قوغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆشۈككە بۆلەش سېلىش مۇراسىمى
ئاياغلىشىدۇ.بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، ئۇ
مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە:بىرىنچىدىن، بالىنىڭ ياتقان ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە
سېلىشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى خۇددى ئەۋرەزدەك تەبىئىي ھالدا جاكقا
قۇيۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ئۈچىنچىدىن،
كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، بالىنىڭ فىزىنومىيە
جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلىق. چۈنكى، ئادەمنىڭ بوۋاق مەزگىلى خۇددى يۇمران نوتىغا ئوخشايدۇ،
بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ، قول، پۇت ۋە بەدەن رۇسلاپ قائىدىلىك
تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا
ئىز تورى بەك ياخشى

مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى
تېپىش تەس. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان «ئەللەي ناخشىسى»(بۆشۈك ناخشىسى) ئەمەلىيەتتە
خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىدىسىدۇر.
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(1)
50%
ئالقىشلايمەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...