(سۆھبەت خاتىرىسى)
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر، پولات ئاماننۇرى ئىز تورى www.iz.la
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يۈكسەك بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاسلىقىنىڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭ سەر خىل ھادىسىلىرى جارى قىلدۇرۇلۇشى ۋە ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇلۇشى لازىم، ئەلبەتتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى قايسى نۇقتىلاردا ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇرنى زىيارەت قىلدىم.
پولات ئاماننۇرى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى جۇڭگو تېرىتورىيەسىدە ئاۋۇپ، تىرىكچىلىك قىلىپ، تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆزىگە خاس يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. بۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيەتىنىڭ تولۇقلىنىشى، يۈكسىلىشى ھەم تاكاممۇللىشىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن ئورتاق ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدىن ئىبارەت چوڭ ئېقىننى بويلاپ راۋاجلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىسمەن ئۆزگىچە پەرقلەرمۇ ساقلىنىپ بارغان. سىزنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، يەنى تەبىئەتنى بىلىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە سوتسىئولوگىيە، سىياسىي-ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا ھەققىدە ئويلىنىشمۇ بار. ۋاقىت جەھەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە قەدىمكى ئەنئەنىلەرمۇ، يېقىنقى زامانغا خاس ئەنئەنىلەرمۇ بولغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە بىردەكلىك، ۋارىسچانلىق ۋە خاسلىق يېتەكچى مەۋقە قىلىنىپ، كۆپ خىللىق، يېڭىلىنىش، ئارىلاشمىلىق يېتەكلەنگۈچىلىك ئورۇندا تۇرۇپ كېلىش بىلەن بىرگە بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىق، ۋارىسچانلىق بىلەن يېڭىلىنىش، خاسلىق بىلەن ئارىلاشمىلىق قاتارلىقلار قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى بولۇش پىرىنسىپىنى ساقلىغان.
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ يادروسى، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىي تەرەپلىرىدىن بىرى. ئۇ چەكسىز ھاياتىي كۈچكە، يۈكسەك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن مىللەت ئورگانىك بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ۋاستىلىرىدىن بىرى. مىللەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ئايرىلىدىكەن، ئۇنىڭ مەدەنىيىتى تۇپراقتىن ئايرىلغان گىياھقا، مەنبەدىن ئايرىلغان ئېقىنغا ئوخشاپ قالىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق