ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى

ۋاقتى:2011-04-24 12:17مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. دۇنيادا گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان قەۋم، مىللەتلەر بولمىسا كېرەك. مول مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە خەلقىمىزمۇ تارىختىن بېرى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، جۈملىدىن چاچ گۈزەللىكىگىمۇ ھەم شۇنداق. چاچنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن باشنى ئىسسىق-سوغۇقتىن ساقلاش رولى بولغاچقا، يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا خەلقىمىز ئانىمىزملىق ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە چاچنى بىر خىل يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئۇلۇغلىغان. چاچنىڭ توختاۋسىز ئۆسۈپ بېرىشى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، بۇ تەبىئىي يوسۇندا كىشىلەرنى چاچنى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، ئاسراش، خاسىيەتلىك دەپ بېلىشكە ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئايال جىنىسنىڭ ئۇلۇغلىنىشى، ئاياللارغا خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچ بېرىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ چېچىمۇ خاسىيەت ۋە مۇقەددەس دەپ تونۇلغان. شۇنىڭ بىلەن چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر ھەم پەرھىزلەر بارلىققا كەلگەن. مەسلەن، «چىن تۆمۈر باتۇر» چۆچىكىدىكى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى مەختۇمسۇلانىڭ دەريا بويىدا چاچ تاراپ بالا-قازاغا يولۇققانلىقى، بەزى چۆچەكلەردە ئاق چاچلىق مومايلار ۋە ھۆر- پەرىلەرنىڭ مۈشكۈلاتتا قالغان كىشىلەرگە چېچىدىن بېرىپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشى قاتارلىقلار ھەمدە خەلق ئىچىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئۇزۇن چاچلىرىنى كېسىشنىڭ ئېغىر ئېلىنىشى، چاچنى دەسسىسە ياكى قالايمىغان تاشلىۋەتسە يامان بولىدىغانلىقى، چاچ كۆيدۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىدەك ئادەتلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

 

ئىز تورى بەك ياخشى

ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك، ئېتىقاد ئېڭىدا تېگىشلىك زېمىن ھازىرلىغان چاچ ھەم چاچ گۈزەللىكى ئېغىز ئەدەبىياتتىن ھالقىپ يازما ئەدەبىياتقا بۆسۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۆڭمەس ھەم ئۆلمەس مەجازىغا ئايلاندى. شۇنداق، باي ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئىدېئال يار ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن، گۈزەل شېئىرىي تەلقىنلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن ئەنە شۇ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئۇنىڭغا سېھرىي كۈچ، خاسىيەت ئاتا قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك نەپس تەسۋىرلەرمۇ دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدۇ. بىز كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ ھەققىدىكى بايانلاردىن چاچنىڭ ئېتىقادى ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدا تۇتقان ئورنى، شۇنىڭدەك ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھەقىقەتەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى چاچ تەسۋىرى بەلگىلىك بىر بەدىئىي سەۋىيە ياراتقان بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: ئىز تورى www.iz.la
 1) چاچ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ سىماسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، كىلاسسىكىمىز ھەزرىتى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىي ئۆز تەلقىنلىرىدە شۇنداق دەپ يازىدۇ:              
قوينىدا ئەفتى، نې مۇمكىن كۆزگە ئۇيقۇ كىرگەلى،
ئولكى ھەر كۈن ياد ئېتەر بىر زۇلفىنىڭ پىچۇخەمىن.
(مەنىسى: قوينىغا زەھەرلىك يىلان كىرىۋالسا كۆزگە ئۇيقۇ كىرەمدۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلىماسلىقىمۇ بىر تولغىما چاچنىڭ خىيالىغا چىرمىشىپ قالغانلىقىدىن)
2) چاچ خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسلەن، نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى تەلقىنىگە قاراپ باقايلى:
جىسمىم ئەندۇھ ئىچرە دەرى ئاستىدا قالمىش نى ئەجەب؟ www.iz.la
ئەگمە قەد بىرلە ئەگەر زۇلغۇڭ غەمدىن «دال» مەن.
(مەنىسى: جىسمىم قايغۇ ئىچىدە، دەرد ئاستىدا قالدى، بۇنىڭغا ئەجەبلەنمە، چۈنكى زۇلفۇڭنى «چېچىڭنى» ئويلاۋېرىپ قەددىم ئېگىلىپ «دال» غا ئوخشاپ قالدى) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(7)
87.5%
ئالقىشلايمەن
(1)
12.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...