خۇتەن يېپەك يولىنىڭ باشلىنىش تۈگۈنى بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن قەدىمىدىن تارتىپ-بۈگۈنگە قەدەر گىلەم،ئەتلەس،قاشتېشى قاتارلىق نامى دۇنياغا مەشھۇر يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە.بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەتلەس قەدىمىي يېپەك يولى ئارقلىق پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان.ئەتلەس خوتەننىڭ(يېپەك يۇرتى)دەپ نام چىقىرىشىدا ئىنىتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەقىل-پاراسەتلىك،تىرشچانلىق خۇتەن خەلقى بۇنىڭىدىن ئىككى،ئۈچ مىڭ يىللار ئىلىگىرىلا ئۈچمە دەرىخى تىكىپ،پىلە بېقىپ، يىپەك تارقىتىش ئىشىلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،ئۆز ئىشىلەپچىقارغان يىپەك يىپلار تەبئىي ئۆسۈملۈك ماتىرىياللىرىنىڭ رەڭ بېرىش خۇسۇسيىتىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل رەڭدە بۇياش ئارقلىق رەڭدار يىپەك رەختلەرنى توقۇش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىغان.
www.iz.la
سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنىغان يىپەك رەخت ۋە ئەتلەس پارچىسى،نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلىغان پىلە غوزىسى ۋە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن تېپىلىغان پىلە غوزىسى ۋە نىيە قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئۈجمە دەرىخى قالدۇقلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى توقۇمچىلىق سايمانلىرى خۇتەن خەلقىنىڭ قەدىمىدىن تارتىپ يىپەك تارتىش ۋە ئەتلەس توقۇش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى ماددىي پاكىتىدۇر. ئىز تورى www.iz.la
خۇتەنلىكىلەر قەدىمىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر يىپەك تارتىش،ئەتلەس توقۇشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە ھەم ئىزچىل شۇغۇللىنىپ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ،ۋارسىلىق قىلىپ كەلمەكتە.تۆۋەندە مەن خوتەن ئەتلىسىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
ئادەتتە يېپەكتىن توقۇلغان رەختلەر بوياش،ئىش قۇشۇش ۋە توقۇلۇشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ شايى،ئەتلەس،بەقەسەم دېگەن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.ئەتلەس بولسا بوياق رەڭگى،توقۇلىشى ۋە خام ئەشيا ماتېرىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تەبئىي رەڭلىك ئەتلەس، ساپ ئەتلەس ۋە ئارىلاشما ئەتلەس دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1.تەبئىي رەڭلىك ئەتلەس؛ساپ100پىرىسەنتىلىك يىپەك يىپنى ئوردان، زاك،ياڭاق قاسىرىقى، يۇلغۇن چېچىكى قاتارلىق تەبئىي ئۆسۈملۈكلەردىن يىغىۋېلىنىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ يەرلىك ئۇسۇلدا بۇياش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ قولدا توقۇلىدۇ. www.iz.la
ئالاھىدىلىكى؛بۇ خىل ئەتلەسىنىڭ چىدامچانلىقى ئالاھىدە كۈچلۈك بۇلۇپ،ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىسىمۇ رەڭگى ئۆچمەيدۇ.تېرە ۋە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق،قىممەتلىك سوۋغات سۈپتىدە باشقىلارغا سوۋغا قىلىشىقا،تەۋەرك قىلىپ ساقلاشقا ئەپلىك بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ۋە ئەتىۋارلاپ يىغىپ ساقلىشىغا ئېرىشمەتكتە. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
2.ساپ ئەتلەس؛بۇ 100پىرسەنتىلىك يىپەك يىپىنى سانائەت بوياقلىرىنى ئىشىلىتىپ بوياش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سايمانلىرىدىن پايدىلىنىپ قول ئارقىلىق توقۇپ چىقىلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى؛بۇ خىلىدىكى ئەتلەسىنىڭ رەڭگى ناھايتى يارقىن، نەقشىلىرى شوخ بۇلۇپ،قارىماققا ناھايىتى نەپىس،يارقىن ھەم جۇلالىق كۆرۈنىدۇ.بەدەنگە ئەكس تەسىرى يوق.سۈپتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق، يارىشىملىق ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك ماتېرىيالىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپتى بىلەن كەڭ خانىم-قىزلارنىڭ تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغان. copyright by www.iz.la
3.ئارىلاشما ئەتلەس؛بۇ خىلىدىكى ئەتلەسكە يىپەك يىپ خام ئەشيا قىلىنمايدۇ.ئادەتتىكى پاختا يىپ ۋە سۈنئىي تالالىق يىپلارنى ئۆز-ئارا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق يىپ تەييارلىنىدۇ.بۇياشقا سانائەت بوياقلىرى ئىشىلىتىلىدۇ.ئەنئەنىۋىې توقۇش ئۇسۇلى بىلەن زامانىۋى توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى قوللىنىپ ماشىنىكىدا توقۇپ چىقىلىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئالاھىدىلىكى؛بۇ خىلىدىكى ئەتلەسىنىڭ توقۇش جەريانىدىكى ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى،تەنەرخى تۆۋەن،رەڭگى ئېنىق، يارقىن،جۇلالىق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلانماقتا.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ (پەن ۋە تۇرمۇش )