شاپتۇل سۇلۇق ، تەملىك ،ئوزۇقلۇق مىقدارى مول ،ئىككى - ئۈچ ئايدىلا مېۋىگە كىرىدىغان پەرۋىش قىلىش ئوڭاي ،موقىم كىلمات ، تۇپراققا نىسبەتەن بەلگىلىك ماسلىشىشىچانلىققا ئىگە مېۋە . ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سىلىپ شاپتۇل ئۆستۆرۈش ۋە ئۇلاپ كۆپەيتىش ئارقىلىق ھەرخىل سورۇتلارنى يىتىشتۇرگەن . شاپتۇل ئەڭ ياخشى يېيىشىلىك مېۋە بولۇپ ،ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ،ماي ، شېكەر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ھەم ھەرخىل ۋىتامىنلار ، كالىتسىي ، فوسفۇر ، تۆمۈر قاتارلىق مىنىرال ماددىلار بار .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
شاپتۇل پىشىش مەزگىلىگە ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1. چىلگە شاپتۇل ؛ گۇما چىلگە شاپتۇلى ، كورلا ئاق شاپتۇلى ، قەشقەر كونا شەھەر ئاق چىلگە شاپتۇلى ، كۇچا ئاق چىلگە شاپتۇلى ،توقسۇ ئاق چىلگە شاپتۇلى ،كۆك شاپتۇل ۋە ھەر قايسى جايلاردىن چىقىدىغان توغاچ شاپتۇللار چىلگە شاپتۇل تۈرىگە كىرىدۇ.
2. ئارا ۋە جاغدا شاپتۇل ؛ قەشقەر ، كۇچانىڭ تاتىلىق مېغىزلىق چوڭ شاپتۇلى ،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چوڭ ئاق شاپتۇل ،سېرىق شاپتۇل ، قىزىل ئەششاپتۇل ،كۆك يارما شاپتۇل قاتارلىقلار ئارا ۋە جاغدا شاپتۇل تۈرىگە كىرىدۇ . رايۇنىمىزدا بۇرۇن ئېسىل سورتىلىرى ناھايتى كۆپ ئىدى .بىراق بۇ سوغۇققا چىدامسىز مېۋىلىك دەرەخ بولغاچقا قاتتىق سوغۇق بولغان يىللىرى ئاسانلا ئۈشۈپ قىلىپ بەزى ئېسىل سورتلار تەدىرىجىي قۇرۇپ تۈگەپ كەتتى . شۇڭا شاپتۇل ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا سوغۇققا چىداملىق سورۇتلارنى تاللاش ناھايىتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ قۇرۇق ئىسىقتىن بولغان سۇسىزلىنىش ،قەۋزىيەت ، ئىسسىقتىن بولغان ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ۋە مىجەزىنى تەڭشەشكە شىپا بولىدۇ. قۇرۇق ئىسىقى ئېشپ كېتىش سەۋەبىدىن بەدەن قىزىسا سۇلۇق شاپتۇلدىن تويغىچە ئېستىمال قىلسا ياكى شاپتۇل قىقى ،سوقا چىلان بىلەن دەملەنگەن چاينى ئىچىسە قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ. شاپتۇل قىقى تەبىئي ئىسىققا مايىل بولۇپ ،ئۆپكە تۇبىركىليۇز سەۋەبلىك كىلىپ چىققان قان تۈكۈرۈش ،دائىم كۆڭلى ئايىنىپ قۇرۇق ھۆ قىلىش ،كۆپ تەرلەش ،ئېغىز پۇراش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ . ئاغزى پۇرايدىغنلار شاپتۇلل قىقىنى چايناپ بەرسە ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . كۆپ تەرلەيدىغانلار قۇرۇق قاقنى يېسە ياكى قاينىتىپ سۇيىنى ئېچىپ بەرسە كۆپ تەرلەش ئۆزلىكىدىن قالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە ؛ ‹‹ پەن ۋە تۇرمۇش ›› نامىلىق ژورنالدىن ئىلىنىدى.