ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
چاڭلاشتۇرۇش پارنىك تېرىقچىلىقىدا زۆرۈر بولغان مەشغۇلاتلارنىڭ بىرى. بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ چاڭلاشتۇرۇش قارىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتمەكتە. كۆكتاتنى چاڭلاشتۇرۇشتا، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. چاڭلاشتۇرۇش دورىسى چاڭلاشتۇرۇشتا ئادەتتە ساپىقىغا تەگكۈزۈش ۋە گۈلىنى چىلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارمۇ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، شوخلىنى چاڭلاشتۇرۇشتا گومېيچىڭ بىلەن 2،4 - D دورىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا گومېيچىڭغا چېچەك چىلىنىدۇ. 2،4 - D دورىسى ئارقىلىق ساپاق ياغلىنىدۇ. ئەگەر گومېيچىڭ دورىسى ئارقىلىق ساپاق ياغلىنىپ قالسا، چاڭلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماي، يەنە مېۋە سۈپىتىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ. ھەتتا پۈتۈن چېچەكنى قۇرۇتۇپ قويۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2. تېمپېراتۇرا چاڭلاشتۇرۇشتا تېمپېراتۇرا 18 ~ 25 سېلسىيە گرادۇس بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا، چاڭلاشتۇرۇش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
3. دورا قويۇقلۇقى چاڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ قويۇقلۇقى پارنىك تېمپېراتۇرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە تېمپېراتۇرا يۇقىرى ۋاقىتتا، دورا قويۇقلۇقى مۇۋاپىق تۆۋەن، تېمپېراتۇرا تۆۋەن ۋاقىتتا، دورا قويۇقلۇقى مۇۋاپىق يۇقىرى تەڭشىلىدۇ.
4. بىر گۈلنى قايتا چاڭلاشتۇرماسلىق بىر گۈلنى ئىككى قېتىم چاڭلاشتۇرسا، مېۋە دورا زىيىنىغا ئۇچراپ غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىش، ھەتتا پۈتۈن تۈپكە تەسىر كۆرسىتىش، مېۋىسى يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، چاڭلاشتۇرۇشتا مۇۋاپىق رەڭ ماددىسى قوشۇپ، قايتا چاڭلاشتۇرماسلىق لازىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
5. رەڭ ماددىسى نورمال بولۇش رەڭ ماددىسىنىڭ تەركىبىدە ئىشقارلىق ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئەگەر رەڭ ماددىسى بەك كۆپ ئارىلاشتۇرۇلسا، چېچەكنى كۆيدۈرۈۋېتىش، قۇرۇتۇۋېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، مەھسۇلات مىقدارىغا تەسىر يېتىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
6. چاڭلاشتۇرۇشتا مۇۋاپىق چېچەكنى تاللاش گۈل بەرگى تولۇق ئېچىلىپ كەينىگە قايرىلغانلىرى ياكى ئازراق سولىشىش ھالىتىنى ئىپادىلىگەنلىرى قېرىغان گۈل ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى چاڭلاشتۇرسا، ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا ئېچىلغان ھامان (ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 1 كۈن) چاڭلاشتۇرۇش لازىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
7. چاڭلاشتۇرۇش ۋاقتى چاڭلاشتۇرۇش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30دىن 12:30 غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دىن 4:00 كېچە بولسا مۇۋاپىق. بەك بالدۇر ياكى بەك كېيىن چاڭلاشتۇرۇلسا، پارنىك ئىچىدىكى نىسپىي نەملىك يۇقىرى بولغاچقا، چاڭلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كېلىش مەنبەسى: خەنزۇچە »يېزا ئەمەلىي تېخنىكىلىرى« ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى