3 - ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرلىرىدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىل ئۈزۈمنىڭ كۆكلەش مەزگىلى. بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا سۇغىرىش، تېز ئۈنۈملۈك ئازوت ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك. شارائىت بولسا، ئۈزۈملۈكنى تولۇق سۇغىرىپ، تۈپلەرنىڭ تەكشى بىخلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈزۈمنىڭ كۆكلەش مەزگىلى چېچەك بۆلۈنىدىغان ۋە يېڭى شۇڭلار ئۆسۈشكە باشلايدىغان مەزگىل بولۇپ، ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى يۇقىرى. شۇڭا، تولۇق چىرىگەن گەندە، سۈيدۈك بىلەن ئوغۇتلىغاندا %0.2 ئۇرېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش كېرەك. بۇ پۈتۈن يىللىق ئوغۇت مىقدارىنىڭ %15 ىنى ئىگىلىسە مۇۋاپىق. 3 - ئاينىڭ بېشىدىن 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئۈزۈمنى قىشلىق چاتاشتا قالدۇرۇلغان بىخلىرىنىڭ %70 ~ %80 ى بىخلىنىپ، سەل زىچ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، تۈپلەر ئەتىيازدا كۆكلىگەندە بىخلارنى مۇۋاپىق شالاڭلىتىش كېرەك. بەك كۆپ قالدۇرۇلسا، ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولۇپ ۋە ئوزۇقلۇق تالىشىپ، مېۋىلىشىگە پايدىسىز؛ بەك ئاز قالدۇرۇلسا، بويىغا ئۆسۈپ كېتىپ، چېچەك، مېۋىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. www.iz.la
بىخنى شالاڭلىتىش: بىر تال مېۋە شېخىدا بىر نەچچە بىخ كۆكلىگەندە، ھەر 15cm ~ 20cm دا بىر بىخ كۆزى، ھەر بىر كۆزىدە بىر يېڭى شۇڭ، ھەر بىر مېۋە شېخىدا 2 دىن 5 كىچە يېڭى شۇڭ قالدۇرۇپ، قالغانلىرىنى تۈۋىدىن پۇتىۋېتىش كېرەك. بىخ شالاڭلاتقاندا چېچەك رېتى يوق ۋە ئاجىز شۇڭلارنى پۇتىۋېتىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇڭىنى بېكىتىش، باغلاش: چېچەكلەش ئالدىدا قالدۇرۇلغان يېڭى شۇڭنىڭ چېچەك رېتىنىڭ ئۈستىدىن 5 تال يوپۇرماق قالدۇرۇپ ئۇچىنى ياندۇرۇش، چېچەك رېتى يوق يېڭى شۇڭنىڭ 7 - 8 تال يوپۇرماق قالدۇرۇپ ئۇچىنى ياندۇرۇش كېرەك. ئۇچىنى ياندۇرغاندىن كېيىن چىققان ئىككىلەمچى شۇڭلارنىڭ ئۇچىدىكى 1 - 2 سىنى قالدۇرۇپ، 2 تال يوپۇرماق قويۇپ ئۇچىنى ياندۇرۇپ، باشقا ئىككىلەمچى شۇڭلارنىڭ ھەممىسىنى پۇتىۋېتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆسۈش ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ۋاقىتتا باغلاپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مېۋە ساپىقىنى بىر تەرەپ قىلىش: مېۋە تۇتۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتە مېۋە ساپىقى ئۇچىنىڭ 5/1 قىسمى ئۈزىۋېتىلىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىدە %0.3 لىك بور ئوغۇتىغا %0.3 ~ %0.4 لىك ئۇرېيە قوشۇپ پۈركۈسە بولىدۇ. چېچەكتىن كېيىنكى 5 كۈندە مېۋە شالاڭلىتىپ، خالتا كەيدۈرۈش كېرەك.