كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا ئورمان يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئورمان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ئائىلىلەرگىچە تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئورماننىڭ ھەقىقىي ئىگىسىگە ئايلاندى، ئورمان بەرپا قىلىش، ئورمان پەرۋىش قىلىش، ئورمان قوغداش جەھەتتىكى ئاكتىپچانلىقى مىسلىسىز ئاشتى، كوللېكىتىپ ئورمانچىلىق رايونلىرىدا ئورمان بەرپا قىلىش كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭەيدى. 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئورمان بايلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، مەملىكىتىمىز ئورمانلىق يېرىنى خۇسۇسىي باشقۇرۇش كۆلىمىنىڭ نىسبىتى %32.08 كە يېتىپ، بەش يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا 11.39 پىرسەنت پوئىنتى ئاشقان، خۇسۇسىي باشقۇرۇلۇۋاتقان سۈنئىي ئورمان، يېتىلمىگەن ئورمانلىق ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتنىڭ %59.21 ۋە %68.51ىنى ئىگىلەپ، دېھقانلار دۆلىتىمىز ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تايانىچ كۈچىگە ئايلاندى. 2008-يىلى، 2009-يىلى مەملىكىتىمىزدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 71 مىليون 570 مىڭ مو ۋە 88 مىليون 270 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.1 ۋە %23.3 ئاشقان. چۇڭچىڭ شەھىرى، خېنەن، جياڭشى ۋە سەنشى ئۆلكىلىرى 2009-يىلى ئورمان بەرپا قىلىش كۆلىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى چېڭ خۇڭ چۈشەندۈرۈپ: يېقىنقى بىر قانچە يىلدا مەملىكىتىمىز ئورمان بايلىقىنىڭ مۇشۇنداق تېز سۈرەتتە ئېشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تۆھپىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، دېدى.