تۇرمۇشتىكى ھېكمەتلەر :
copyright by www.iz.la
(1)
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئازاپ-ئىشەنچىنى يوقۇتۇش.
ئەڭ چوڭ خۇشاللىق-غەلىبىدىن كىيىنكى خۇشاللىق.
ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىك-ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئالداش.
ئەڭ چوڭ ھوسۇل-مەغلۇبىيەتتىن كىيىنكى ساۋاق.
ئەڭ چوڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئۆزىنى بىلىش.
(2)
تۇرمۇش؛-خىرىس، تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
تۇرمۇش؛-ھەسرەت،يىڭىش كېرەك .
تۇرمۇش؛-مەسۇلىيەت، ئادا قىلىش كېرەك.
تۇرمۇش؛- سىر، ئىچىش كېرەك .
تۇرمۇش؛ لىرىكا، مەدھىيلەش كېرەك.
تۇرمۇش؛ مەخسەت، يىتىش كېرەك .
تۇرمۇش؛ تاماششا، بەھرىمان بولۇش كېرەك .
تۇرمۇش؛- تەۋەككۇلچىلىك، چېنىقىش كېرەك .
ئىز تورى www.iz.la
(3)
ئەڭ زور قىزىقىش- ئىزدىنىش بىلەن ئىجاد قىلىشتۇر.
ئەڭ زور بايلىق- بىلىم بىلەن ۋاقىتتۇر .
ئەڭ زور ھەسرەت؛- بىلىمسىزلىك بىلەن پوچىلىقتۇر .
www.iz.la
ئەڭ زور ھوسۇل؛- تەجىربە بىلەن ساۋاقتۇر .
ئەڭ گۈزەل ئەخلاق؛- پاكلىق بىلەن ساداقەتتۇر .
ئەڭ زور زېرەكلىك ؛-ئۆزىنى بىلىشتۇر .
ئەڭ زور ھاماقەتلىك؛- باشقىلارنى ئالداشتۇر .
ئەڭ زور بەخىت؛- ئۆز ئىشلىرىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتۇر.
يۇقىردىكىلەر باس-باس مۇنبىرىدىن ئىلىندى 2011-1-10-دۈشەنبە
كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ 10 ئېپى
-كىشىلەر ئارا ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ئۈگۈنىۋالسىڭىز، ئىشلىرىڭىزنڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىغا ياردىمى بولىدۇ. كىشىلەر ئارا ئالاقىدە ، تۆۋەندىكى 10 مەسىلىگە دىققەت قىلىڭ .
(1) باشقىلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋىلىڭ.،بولمىسا قارشى تەرەپ سىزنى ئۆزىگە ئانچە ئىتىبار قىلمايدىكەن دەپ چۈشۈنىپ قالىدۇ ؛
(2) يۈرۈش- تۇرۇشتا تارتىنماڭ، سالماق بولۇڭ، بۇنداقتا باشقىلارمۇ ئوڭايسىزلانمايدۇ،ئۆزىڭىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز ئازادە تەبىئى تۇرىسىز ؛
(3) خۇش-خۇي،تېتىك خاراكتىرنى يىتىلدۈرۈڭ، قارشى تەرەپ سىز بىلەن بىرگە بولۇشنى خۇشاللىق ھېس قىلسۇن ؛
(4) ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا راس دەپ،«ھەممىنى بىلىدىغان،ھەممىنى قىلالايدىغان
قىياپەت بىلەن ئوتتۇرغا چىقماڭ، بۇ، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمسىز، قابىليەتسىز ئىكەنلىكىڭىزنى تىخىمۇ ئاشكارىلايدۇ، باشقىلارمۇ بىزار بولىدۇ؛
(5) سۆز- ھەركىتىڭىز قىزىقارلىق، تەسىرلىك بولسۇن، يۇمۇرلۇق گەپ0 سۆزلىرىڭىز چىكىدىن ئىشىپ كەتمىسۇن، قىزىقچىلىق قىلىڭكى،شاللاقلىققا ئايلىنىپ قالمىسۇن،
(6) ئۆزىڭىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزدىكى كەمچىلىكلەرنى ئىقرار قىلىش ۋە تۈزۈتۈشكە جۈرئەت قىلىڭ، بۇنداق كىشىلەر ئالقىشقا سازاۋەر بولىدۇ ؛
ئىز تورى بەك ياخشى
(7) چېچىلىپ غۇدۇڭشىپلا يۈرمەي سالماق بولۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز خۇشال بولۇپلا قالماي ، بەلكى باشقىلارغىمۇ ھوزۇر بىغىشلايسىز ؛
(8) باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشنى،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك كۆرۈشنى، ئۆزىڭىز بىلەن باشقىچە پىكىردە بولغان كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئۈگۈنىۋىلىڭ ؛
(9) دائىم خۇشامەتچىلىك گەپ- سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمەڭ، مۇۋەپپىقىيىتى بار كىشىلەرنى تەبرىكلەپ، ئازار يىگەنلەرگە تەسەللى بىرىشنى ئۈگۈنىۋىلىڭ ؛
(10) مەڭگۈ جۇشقۇن، روھلۇق، تىتىك يۈرۈڭ، كەيپىياتىڭىز ھەرگىز چۈشكۈن، ئۆلۈك بولمىسۇن .