باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئىز تورى بەك ياخشى
كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىش كەيپىياتى نىسبەتەن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈند سەۋىرچانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سۆزىنى ە ئەستايىدىل ئاڭلاش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . كۆپ ئاڭلاش ئادەمنىڭ ماتېرىيال توپلاش ۋە كۆزىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىددۇ ۋە كۆپ سۆزلەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ . ئازىراق سۆزلەپ كۆپ ئاڭلاش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم پەزىلەتلەرنىڭ بىرىدۇر . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش
كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېقىن بولۇشى ھەرگىزمۇ بارلىق ئىچكى سىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشنى شەرت قىلمايدۇ . شۇڭا كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئوچۇق - يورۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك . بۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زىيادە كەمتەر بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش
كەمتەرلىك بىر خىل ئېسىل پەزىلەت . ئەمما كەمتەرلىك چەكتىن ئېشىپ كەتسە پاسسىپ تەىسر پەيدا قىلىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش
خاتالىق ئۆتكۈزگەندە دەرھال ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باشقىلاردىن ئەپۇ سورىسا ، زۆرۈر بولمىغان نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئىمكانىيەتنى باىچە ئۆزىنىڭ توغرا بولمىغان ئىش ھەرىكىتىگە بانا ئىزدىمەسلىك كېرەك . بولمىسا باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ۋە ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇغاندا ، كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . www.iz.la
چېكىدىن ئاشقان « ئۆزىنى قۇربان قىلىش » ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇشتىن ساقلىنىش
زۆرۈر بولغان « ئۆزىنى قۇربان قىلىش » ئارقىلىق ، بىر قىسىم مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ باشقىلارغا ياردەم قىلىش ياخشى پەزىلەت . ئامما پەقەت باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇشنىلا مەقسەت قىلىپ ، « ئۆزىنى قۇربان قلىش » توغرا ئەمەس .
ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش
ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈپ لاغايلاپ يۈرىدىغان ئادەم رىقابەتكە ماسلىشالماي جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاسانلا شاللىنىپ كېتىدۇ ، تۇرمۇش رېتىمى تېزلىشىۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا دەخأى قىلماسلىقى كېرەك .