ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ئوغلۇم، غىزانى ئاز-ئازدىن ئېلىپ، ئېغىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدە چايناش، غىزا بىلەن قولىنىمۇ ئېغىزغا تىقماسلىق كېرەك. ئېغىزدىكى غىزانى ياخشىلاپ چايناپ يۇتقاندىن كېيىنلا باشقا لوقما ئۈچۈن قول ئۇزىتىلماي، غىزا پەقەت ئۆزىنىڭ ئالدىدىنلا ئېلىنىدۇ. تائام يېيىلىۋاتقان چاغدا كىشى ئۆزىنىڭ ئالدىغا قاراپ ئولتۇرۇشى، باشقىلارنىڭ تاماق يېيىشىگە قارىماسلىقى لازىم. ئەگەر، ئۇنداق قىلىنسا غىزالىنىۋاتقانلار خىجىل بولۇپ قالىدۇ. غىزانى ئىسسىق پېتى يىمەسلىك ۋە پۈۋلىمەسلىك كېرەك. چۈنكى، پۈۋلىگەندە ئېغىزدىن تۈكرۈك چاچراپ غىزاغا چۈشۈشى مۇمكىن. تائام يېيىش ئەسناسىدا ياخشى كىشىلەر ۋە ياخشى ئىشلار توغرىسىدا سۆز بولۇنغاي.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ـــــــ ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن نىڭ «ئوغۇللارغا يۈزخىل نەسىھەت»دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى. كومپيوتىردا ھەسەنجان ئابدۇجىلىل .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!