ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>دۇنياغا نەزەر>

كۆچۈرمىچىلىك» سەتچىلىكىگە پېتىپ قالغان گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۇتېنبېرگ

ۋاقتى:2011-02-24 20:17مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھىرىر: چېكىلىشى:قىتىم
  

گۇتېنبېرگ ئالدى بىلەن 18-فېۋرال دوكتورلۇق ئۇنۋانىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىمەن، دېدى. ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا دىسسېرتاتسىيەسىنى قايتىدىن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن «ئېغىر خاتالىق» بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە مەكتەپتىن ئىلمىي ئۇنۋانىنى قايتۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە دىسسېرتاتسىيە سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن كەچۈرۈم سورىدى. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قاراردا شەخسنىڭ ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئورۇنغاندىن باشقا، يەنە سىياسىي مۇددىئامۇ بار. «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ بىر خەۋىرىدە «گۇتېنبېرگ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەدىلىگە ئىستىقبالىنى ئالماشتۇردى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى، بۇنى دەل جايىدا دېيىلدى دېيىشكە بولىدۇ.

www.iz.la

گېرمانىيەدە 16 ئىشتات بار، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئىشتاتتا بۇ يىل يەرلىك سايلام بولىدۇ، 1-مەيدان سايلام 20-فېۋرال ھامبۇرگتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە خرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى قاتتىق مەغلۇپ بولدى، ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى. مىركىل 21-فېۋرال مۇخبىرلار باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەيداندىكى مۇخبىرلار گۇتېنبېرگنىڭ «كۆچۈرمىچىلىك» ۋەقەسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتكە بولغان تەسىرىنى قايتا قايتا سۈرۈشتۈردى. مىركىل: مەن شۇ چاغدا گۇتېنبېرگنى «ئىلمىي ياردەمچى» ياكى دوكتور بولماستىن، بەلكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دەپ تەكلىپ قىلدىم، دېدى. ئەمما مۇخبىرلار ئەگەر بىر كىشى ئوقۇش ۋە ئادەم بولۇش جەھەتتە ئىشەنچىلىك بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قانداقچە مىنىستىر بولالايدۇ؟ دەپ سورىغاندا، مېركېل گەرچە ئۇنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بولمىسىمۇ، مىنىستىر بولالايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. روشەنكى «كۆچۈرمىچىلىك» ۋەقەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بۇ يىل يەرلىك سايلامدىكى بىر چوڭ توسالغۇغا ئايلاندى. ئىز تورى بەك ياخشى

سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇتېنبېرگ فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئاشكارا سوراق قىلىنىشى كېرەك. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گابرېل مۇنداق دېدى: «ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ چولپىنى» بولسىمۇ، ئالاھىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. نۆۋەتتە بايرېئۇت ئۇنىۋېرسىتېتى يەنىلا تەرتىپ بويىچە بۇ دېلونى تەكشۈرمەكتە. بايرېئۇت تەپتىش مەھكىمىسى گۇتېنبېرگقا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەرز سۇندى. ئىز تورى بەك ياخشى

گۇتېنبېرگ بۇ يىل 39 ياشتا، كەلگۈسىدە گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە رىقابەتكە چۈشۈش ئۈمىدى ئەڭ زور نامزات دەپ قارالغان. ھازىر، ئۇنىڭ «كۆچۈرمىچىلىك» سەتچىلىكى ئۇنى قوللاش نىسبىتىگە روشەن تەسىر كۆرسەتتى. گېرمانىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، خەلقنىڭ ئۇنى قوللاش نىسبىتى يەنىلا %68 بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا %8 تۆۋەنلىگەن. گەرچە مىركىل قاتارلىق سىياسىي رەھبەرلەر گۇتېنبېرگنى قوللاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيە جامائەتچىلىكى ئەگەر بايرېئۇت ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانىنى بىكار قىلسا، گۇتېنبېرگنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئېھتىمالىنى يوققا چىقارمايمىز، دېدى. «فرانكىفورد مەتبۇئات گېزىتى»نىڭ بىر ئوبزورىدا: ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت «ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ» دېيىلدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(5)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ھوللىۋود خانىشى - ئەنجىلىنا جۇلى

    ئۇ مۇنداق دەيدۇ: -ئارتىسلىق ھەرگىزمۇ ياسالمىلىق قىلىش ياكى يالغانچىلىق ئەمەس... - بەزى كۈنلەر خۇددى ئەتىگىنى تۇرغاندىن كېيىن سېلىۋىتىدىغان ئۇخلاش كىيىمىدەك، ئاھ ئۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ... - تاماشىبىنلارغا يېقىش ئۈچۈن ياسالملىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشىمنىڭ ھاجىتى يو...

  • ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا

    Hotelicopter دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەم تۇنجى ئۇچار مېھمانخانا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىك ئۇچار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە بۇ غايەت زور تىك ئۇچارنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ياسىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار. ب...

  • پۈتكۇل يەرشاردىكى تاماكا چىكىشكە قارىشى ئىشلەنگەن نادىر تەشۋىقات ئېلانلىرى

    ...

  • چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى

    يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋا...

  • ئامېرىكا ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك راكىتانى ياساپ چىقتى

        Spike راكىتا بولسا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تىپتىكى راكىتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 63 سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 5.71 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 14 كېلوگىرام كېلىدۇ . بۇ راكىتانى ياساشقا 5000 دوللار ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدىغان بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندىكى...

  • نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئون ئىككى ئايال

    1. 1905- يىلى باش شتابى شۋېتسارىيە پايتەختى بېرن(Bern)گە جايلاشقان خەلقئارا تىنچلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بارونېز بېرتا ۋون سۇتتنېر خانىم(Baroness Bertha von Suttner 1843-1914)، ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى قورالىمىزنى تاشلايلى دېگەن مەشھۇر ئەسىرى...

  • «يۈزى يوق ئادەم» يۈز ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    يۈزى يوق دالاس پەقەت ھاسسىغا تايىنىپلا قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىگە نىشان ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى بۇرۇن قىزىغا ھەمراھ بولۇپ ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ دادا بۈگۈنكى كۈندە... شىنخۇا ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ي...

  • ماۋرىتانىيە ئاياللىرى: سېمىزلىك ــــ گۈزەللىك، ئاجرىشىش ــــ شەرەپ

       ئافرىقا قىتئەسىدىكى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ غەربىدىكى ماۋرىتانىيە —ئەرەب دۇنياسى بىلەن غەربىي ئافرىقىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، ئاھالىلىرى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە قەبىلىگە بۆلۈنگەن ، ئۇلارنىڭ ئۆرپ–ئادىتىدە ئەرەب كۆچمەن چارۋىچىلىرى...

  • يوقالغان قۇرۇقلۇق_ ئاتلانتىس

    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش. ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ كىرىت دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ...

  • دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلىق سائەتلەر

    ئېسىلزادىلىكنىڭ سىمۋولى-Patek Philippe 1839-يىلى قۇرۇلغان. ھەربىر سائەتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 13مىڭ دوللاردىن20مىڭ دوللارغىچە .بۇ شېركەت سائەتنى باشتىن ئاخىرى ئۆزى ئىشلەپ ، ئۆزى قۇراشتۇرىدىغان شىۋىتسارىيەدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر شېركەت. PATEK PHILIPPEما...

  • دۇنياغا داڭلىق ئون « ئەۋلىيا» بالا

    دۇنيادىكى ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئەڭ يوقىرى ئادەم كورىيەلىك Kim Ung-yong بولۇپ،1962-يىلى تۇغۇلغان،بەش ئايلىق بولغاندا ئايىقى چىقىپ ، گەپ قىلالىغان،يەتتە ئايلىق بولغاندا خەت يازالايدىغان، شاخمات ئوينىيالايدىغان بولغان. ئۈچ ياشقا كىرگەندە دېففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگر...

  • دۇنيادىكى ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار

    ** 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيىنىڭ پېتىربورگ شەھىرىدە 14ياشلىق بىر قىز ئۆز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئاتاغلىق بىر رەسسام بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنىپ، بىر قاتىلنىڭ بۇ قىزچاقنى ئۆلتۈرىۋەتكەندىن كېيىن، قاچماقچى بولۇۋاتقان ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر پارچە...

  • خوتەن كېرىيە دوپپىسى

    دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا خوتەن كېرىيە دوپپىسى كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار...

  • دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق پۇللار

    فرانسىيىگە قاراشلىق تىنچ ئوكيان ئارىلى مالدېۋى سان تومى ۋە پرىنسىپ جۇمھۇرىيىتى شىۋىتسارىيە كوموررو يېڭى زېنلاندىيە كۇك تاقىم ئاراللىرى شياڭگاڭ ئىسلاندىيە فارو تاقىم ئاراللىرى...