
ئۇزۇندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا يول قويۇشماي كەلدى، 19-فېۋرال ياپونىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىدانۇ يۇكىئو شىمالدىكى تۆت ئارالنى ئايروپىلاندا كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن رۇسىيە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردى، زېمىن تالاش-تارتىشى ياپونىيە بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى قاتمال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 21-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىندا رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ئارال مەسىلىگە قارىتا بىلدۈرگەن ئىپادىسىگە ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىپادىسى رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان ئارال مەسىلىسىدە ياپونىيەنى قوللىغانلىق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئىشخانىسى مۇدىرى ئىدانۇ يۇكىئو 19-فېۋرال دېڭىز مۇداپىيە ۋازارىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بوشلۇقتىن شىمالدىكى تۆت ئارالنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن خوككايدونىڭ نىمۇرو شەھىرىدە شىمالدىكى تۆت ئارالنى قۇرۇقلۇقتا تۇرۇپ كۆزدىن كەچۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا، رۇسىيە ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ رۇسىيە ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئاراللارنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى.تەھلىل قىلغۇچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇندىن كىيىن ناھايىتى ئۇزۇن بىر ۋاقىتقىچە، ئارال تالاش-تارتىشى يەنىلا رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ يىشەلمەيدىغان تۈگۈنى بولۇپ قالىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياپونىيە «ھاۋا بوشلۇقىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش»تەك سىمۋوللۇق ھەرىكەت ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلدى، لېكىن بۇ ئاراللارنىڭ كونتۇرۇل قىلىش ھوقۇقى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايوندىكى ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، رۇسىيە بۇنىڭغا ئاسانلىقچە يول قويمايدۇ.
ئىدانۇ يۇكىئو 19-فېۋرال شىمالدىكى تۆت ئارالنى بوشلۇقتىن كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ياپونىيە مۇخبىرلىرىغا مۇنداق دېدى: شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ خوككايدو بىلەن بولغان ئارىلىقى ئويلىغاندىنمۇ يېقىن ئىكەن، ئەگەر ياپونلۇقلار ئارىلىقنىڭ بۇنداق يېقىنلىقىنى بىلگەن بولسا، شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن بولاتتى. ئىدانۇ يۇكىئو يەنە ياپونىيە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئەمەلىي سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شىمالدىكى تۆت ئارال رۇسىيەنىڭ كامچاتكا يىرىم ئارىلى بىلەن ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، تاقىم ئاراللىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېتورۇفۇ، كۇناشىرى، خابوماي ۋە شىكوتان تۆت ئارالنى ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال دەپ ئاتايدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە تۆت ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە يول قويماي كەلدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بۇلتۇر 11-ئايدا جەنۇبتىكى ئاراللارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، ياپونىيە بۇنىڭغا جاۋابەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارى «ھاۋا بوشلۇقىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش» ئۇسۇلى بىلەن بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىپادىلىدى.
ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيىسى ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشتى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋرۇف بۇ ئايدا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈش سۆھبىتىدىن ئۈمىد قالمايدۇ.ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدىكى قاتمال ۋەزىيىتىنى ئوخشاش ئۈچۈن، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سىئېجى مىخارا 10-فېۋرال رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، لاۋرۇف بىلەن سۆھبەتلەشتى. لېكىن بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى، سىئېجى مىخارا پەقەت ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىگە بولغان پرىنسىپ مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بۇ ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنداق دېدى: شىمالدىكى تۆت ئارال رۇسىيە ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئايرىلماس زېمىنى، زامانىۋى قوراللارنى يېتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئارالنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەبلەغ كىرگۈزۈشنى تىزلاشتۇرۇپ، ئارالدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
تەھلىل قىلغۇچىلار مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيەنىڭ بۇ ئاراللار مەسىلىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيىسى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئالدى بىلەن بۇ ئاراللارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ئاساسى، ئەگەر تۆت ئارالنى ياپونىيە قايتۇرۇۋالسا، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئامېرىكا ۋە ياپونىيە پايدىلىنىپ رۇسىيەگە ھەربىي بېسىم ئىشلەتسە، رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ تىنچ ئوكيانغا ئەركىن كىرىپ چىقىشى تەسكە توختايدۇ، بۇ ئاراللارنى كونترول قىلىپ تۇرغاندا، رۇسىيە جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيە ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى مۇھىم قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىمالدىكى تۆت ئارال رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشتىكى بىر سەھنە بولۇپ قالدى، بۇ رۇسىيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇ ئارقىلىق بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئاراللاردا رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بار، بۇ ئاراللارنىڭ دېڭىز رايونىدا مول جانلىقلار بايلىقى، تۆمۈر، گۈڭگۈرت، تىتان، مىس، نېفىت قاتارلىق كان بايلىقلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رېنىيمۇ بار. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن