بوۋام ئىيتقان ھىكمەتلەر
بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛
---ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،ھەرقانداق كىشى مۇنۇ 5 خىسلەتنى ئۆمۈرنىڭ سەرمايىسى ۋە يول جابدۇقى قىلسا ، قەيەرگە بارسا غەرىزى ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۆزىگە مۇھەببەت تېپىپ ئىززەتلىك بولىدۇ ؛ www.iz.la
‹1› بەتقىلىقتىن يىراق بولماق
‹2› ياخشى ئىش قىلىدىغان بولماق
‹3› تۆھمەت ۋە زىيان قىلىدىغان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق
‹4› ياخشى خۇيلۇق بولماق
ئىز تورى www.iz.la
‹5› ھەممە ۋاقىتتا ئەل بىلەن ياخشى چىقىشماق ۋە ئەدەب ساقلىماق .
بوۋام يەنە شۇنداق دېدى ؛
---3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،
‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار
‹2› تائام ۋە شاراپنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار .
بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
3--- خىل كىشى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر ‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار
‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر .
بوۋام سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نۇرلۇق ۋە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكتى .بىز بوۋامنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆلمەس ھەقىقەت ۋە چۇڭقۇر
پاساھەتلەرگە قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشتۇق.