ئۇ كاماندىروپكىغا چىقىپ ھەميېنىنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ، بىر تىيىنسىز قاپتۇ. «بىلمەيدىغان يەرنىڭ ئوي – چوڭقۇرى تولا» دېگەندەك ھېچكىمدىن ياردەم سورىيالماپتۇ.
ئۇ قورسىقى ئېچىپ بولالماي، بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقان چاغدا، ئاشخانىدا يەپ – ئېچىپ ئولتۇرغان بىر يىگىت ئۇنى چاقىرىپتۇ:
- ھوي، بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ، مەن مېھمان قىلىمەن. قانداق ھاراق ئىچكۈڭىز بار؟ قورۇمىدىن قاندىقىنى بۇيرۇتاي؟
ئۇ ماقۇل دېيىشكە پېتىنالماي، ئالدامچىغا ياكى سەۋدايىغا ئۇچراپتىمەن دەپ تەخمىن قىپتۇ.
خاتىرجەم بولۇڭ، دەپتۇ يىگىت يەنە، مەن يامان ئادەم ئەمەس. ھېلىلا دوختۇرخانىدىن چىقتىم، خوتۇنۇمنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى، راك ئەمەس ئىكەن… مەن بەك خۇشال، ئاۋارىگەرچىلىكتىن قاچماي، ماڭا بىرەر رومكا ئىچىشىپ بەرسىڭىز.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇشال ئولتۇرۇپتۇ ھەمدە كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ:
- كېلىڭ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى! دەپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!