app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاقىي تەربىيەنى دەرس مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

ۋاقتى:2011-02-12 11:31مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 ئەخەت موللا مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

    پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى كۈنسايىن ئۆسۈپ بېرىۋاتقان پەيتتە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ھېساب ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىلا تەربىيەلەش ئەمەس، ئەخلاقلىق، جەمئىيەتكە ۋە ئائىلىسىگە ياراملىق، ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنالايدىغان ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىش لازىم. ئىز تورى www.iz.la

    ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، ‹‹ماتېماتىكا قىيىن، ئۆگەنگىلى بولمايدىغان دەرس›› دەيدىغان قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇقۇملارنى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلالايدىغان دائىرىدە ئاسانلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراتقانلىرى، قوللىنىۋاتقان، پايدىلىنىۋاتقان نەرسە – كېرەكلىرى(پۇل خەجلەش، نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش) قاتارلىق ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېقىن مىساللارنى ئېلىپ ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىمۇ ئۆزى سەزمىگەن ھالدا تەبىئىيلا ماتېماتىكىغا قىزىقىپ، ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە كىرىشىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    مەن ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىمدە ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى تەرەپلەر ئارقىلىق ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتتىم: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ماتېماتىكا ئەمەلىيەتتىن كەلگەن، ئۇ يەنە ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن: تولۇقسىز 1 – يىللىقنىڭ ئالگېبرا قىسمىدا تەڭلىمە يېشىشنى سۆزلىگەندە ئەزا يۆتكەشنى چۈشەندۈرۈپ، يۆتكەلگەن ئەزا چوقۇم ئەسلىدە بار بولغان ئەزانىڭ ئارقىسىغا كېلىشى كېرەك، دەپ، بۇنى ھەر كۈنى تازىلىق ۋە پائالىيەتتە تۇرۇبىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆچىرەت بىلەن سۇ ئالغانغا ئوخشىتىپ، ئۇلاردا ئۆزئارا ھۆرمەت تۇيغۇسى ئويغاتتىم. تەڭسىزلىكنى سۆزلىگەندە، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ھەممە ئادەم بابباراۋەر، بىرلىكتە ياشايدىغانلىقىنى، پەقەت ئايرىم تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئورۇن ۋە ياشاش شارائىتىغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردۈم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    ئىستاتىستىكا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇسى، تىجارەتكە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى، دېھقانچىلىق تەجرىبە ئېتىزلىرىنى مىسال قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى زاۋۇت – كارخانىلارنى، يېزا – قىشلاقلاردىكى ئېتىز – ئېرىقلارنى، رايون ئاتلاپ قىلىدىغان سودا – سېتىقنى چۈشىنىشكە باشلاپ، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش، ئىزدىنىش، شەيئىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشكە يېتەكلەپ، ئىلىم – پەنگە تايىنىپ بېيىش، ئىقتىسادچىل بولۇش خاراكتېرىدىكى ئەخلاقىي تەربىيەنى سىڭدۈرگەندىن باشقا، دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتىكى تەربىيەلەرنىمۇ سىڭدۈردۈم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    گېئومېتىرىيە قىسمىدىكى گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەر توغرىسىدىكى بىلىملەرنى سۆزلىگەندە، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇچراتقان ۋە كۆرگەن شەكىللەرنى مىسال ئېلىپ، قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۆزى كۆتىرىپ يۈرگەن قەلەم قۇتىسى، دۆلىتىمىزنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى قاتارلىق رەڭگارەڭ گېئومېتىرىيەلىك شەكىللەرنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئېستېتىكا تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى سىڭدۈردۈم.

copyright by www.iz.la

    ئېھتىماللىق توغرىسىدىكى بىلىملەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر ئىشنى چوقۇم ئېھتىيات بىلەن قىلىش، ئاقىۋىتىنى ئويلاش، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ئىشنى مۆلچەرلەپ ئىش قىلىش، ھەرگىزمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىدىم. دېمەك، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىمۇ دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن – تۈزۈم، ئىنتىزام، ئەخلاق تەربىيەسى بەرگىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

(ئاپتور: پەيزاۋات باش مەيدان ئوتتۇرا مەكتەپتىن) www.iz.la

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس