ئىمتاھانغا تەكرار قىلشتىكى ۋەزىپە بولسا تەكرار جەريانىدىكى ئاساسنى چىڭىتىپ ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش . ئالدىقى يىللاردىكى تەبئىي پەن ئۇنىۋېرسال ئىمتىھان سوئالىدىن ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ << قوش ئاساس >> ( ئاساسي بىلىم بىلەن ئاساسي قابىليەت ) ۋە << ئىقتىدار>> ،( بەش خىل ئىقتىدار ؛ چۈشىنىش ئىقتىدارى ، ئەقىلي خۇلاسە ئىقتىدارى ، ئانالىز ئىقتىدارى ، ئونىۋېرسال ئىقتىدار، قوللىنىشچان ئالگىبىرا ، فىزىكا مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ، تەجىرىبە ئىقتىدارى ) غا بولغان تەلەپنىڭ تۆۋەن ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ . ئىمتىھان ئالدىغان پەنلەرنىڭ ئاساسلىق بىلىم نەزەرىيەسى گەۋدىلەنگەن ھەم پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ تەجىرىبە ئىقتىدارىغا بولغان تەكشۈرۈشنى قاتتىق تەكىتلىگەن .
www.iz.la
1. فىزىكا ئۇقۇمى ۋە فىزىكا قانۇنيىتىگە بولغان چۈشىنىش
فىزىكا ئۇقۇمى ، فىزىكا قانۇنيىتىنى چۈشىنىش ، فىزىكا ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىغا ئائىت بولغان بىلىملەرنى ئىگەللەش پۇتۇن بىر ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلش جەريانىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە . چۈشىنىش ئىقتىدارى فىزىكا دەرىسلىكىدىكى بەش خىل ئىقتىدارىنڭ ئاساسى ، چۈشىنىش ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرگەندىلا ، قالغان ئىقتىدارلىرىمۇ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ .
فىزىكا ئڭقۇمنى چۈشىنىشتە ئاۋال ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىقلىۋېلىش ھەمدە ئوخشىشىپ كىتىدىغان مەسللەرنى پەرىقلەندۇرۇپ ئانالىز قىلىش كېرەك . مەسلەن ؛ سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت مىقدارى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى ، ئىمپىلۇس بىلەن ئىندۇكسىيلىك ئېلىكتىر پوتېنىسئالى قاتارلىقلار . فىزىكىلىق قانۇنيەتلەرنى چۈشىنىشتە ، ماس كېلىدغان شارائىت بولىشى كېرەك . . ئالاقىدار رىتىمنىڭ ئىچكى باغلىنىشقا دىققەت قىلىش ، ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ ماھيىتىنى ئىگەللەش كېرەك .
ئىز تورى www.iz.la
2. ئاساسىي بىلىمنى يىشىش ، چۈشىنىش ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىش جەريانى
تەكرارلاش جەريانىدا دەرىسلىك كىتابىنى ئاساش قىلىش كېرەك . بولۇپم،ۇ دەرىسلىك كىتابنىڭ يېتەكچى كۈچىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، ھەر قايسى بابلاردىكى بىلىم نۇقتىسى بىلەن تەلىپىنى ، ئاساسىي قانۇنىيەتنىڭ كېلىپ - چىقىش جەريانى ھەمدە بۇ بابدىكى نەزەرىيەرلەرنىڭ ئۆ - ئارا باغلىنىشنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىش كېرەك .ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاساسىي ئۇقۇم ، ئاساىي قانۇنىيەتكە بولغان چۈشەنچىنى ۋە ئۇنى ئىشىلتىشنى ۆۈچەيتىش ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇقۇم بىلەن قانۇنىيەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى ئېنىق بېلىۋىلىش كېرەك . ئاساسىي بىلمنى يىشىش ۋە بېلىۋىلىش كېرەك . ئاساسىي بىلمنى يىشىش ۋە ئىخچاملاش ، پەننى بىلىملەر ئوتتۇرسىدىكى توغرا يۆنىلىش مۇناسىۋىتى ھەم ھەر قايسى قىسىمدىكى پەننىي بىلملەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىشنى تەكىتلەش كېرەك . تەكرالاش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك پەننىي بىلملەرنى بىرلەشتۇرۇپ ، مۇكەممەل بولغان بىلىم تورى ۋە ئىقتىدار سېستىمسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك . www.iz.la
3. مەسلىلەرنى يىشىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك .
تەكرار جەريانىدا مۇۋاپىق ھالدا سۇئال ئىشلەپ بىرىش كېرەك . لېكىن قولىنىڭ ئۇچىدىلا سۇئال ئىشلەش بىلەن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ مەشىق سۇئاللىرى بىلىم قابىليىتىنى ئۆستۈردىغان ئاساسلىق توشۇغۇچى بولۇپ ، ئەڭ مۇھىمى ، سۇئال ئىشلەپ بولغاندىن كىيىنكى خۇلاسىنى يىغنچاقلاش ۋە مۇستەھكەملەش . سۇئالنى توغرا ھەم تېز يىشىش ئۈچۈن چوقۇم مەسلىنى مۇلاھىزە قىلىش ، ھەل قىلىش جەريانىدىكى ئوي - پىكىر ۋە ئۇسۇلنى ئىگلەش كېرەك . شۇنداقلا ، سۇئال ئىشلەشنىڭ قىلىپلىششىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش كېرەك . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەسلىلەرنى ئانالىز قىلىش ، ھەل قىلىشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىرىنچى ، سۇئالنى يىشىشتىكى ئاددىي تەپەككۈر ئۇسۇلى . مەسلەن ؛ مىخانىكىغا ئائىت سۇئاللارنى ئشلىگەندە ، ئالدى بىلەن توغرا بولغان مىخانىكىلق كۈچ چۇچۇش ۋە ھەرىكەت جەريانىنى مۇلاھىزە قىلىش ، ئىنىق ، توغرا بولغان فىزىكىلىق قائىدىگە ئاساسلىنىپ سۇئالنى يىشىپ جاۋابنى تېپىپ چىقىش كېرەك . ئىككىنچى ، دائىم ئىشلىتىلدىغان پەننىي ئۇسۇللارنى ئىەلەش كېرەك . مەسلەن ؛ مودىل ئۇسۇلى ، تەڭداش ئۇسۇلى ، سۈرئەت ئۇسۇلى ، لىمىت ئۇسۇلى قاتارلىقلار .
تەپەككۇر قىلىش بىلەن نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرۇشتىكى مۇھىم بىر نۇقتا . مەشىق سۇئالنى يىشىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىغا دىققەت قىلشتۇر . بۇ خىل كومكرېت ئۇسۇل بولسا ، سۇئالنى كونكېت تەكشۈرۈش دېگەنلىك ، سۇئالنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىپ ، ئاسان خاتالىق يۇز بېرىدىغان ياكى ئاسان ئارلاشتۇرۇپ قويىدىغان يەرلەرگە بەلگە قويۇپ مېڭىش . مەسلەن ؛ زەرەتنىڭ پىلۇس ۋە مىنۇس تېگىشش يۈزىنىڭ سىلىق ياكى ئەمەسلىكى ، ماگىنىت مەيدانىنىڭ نىشانى قاتارلىقلار . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سۇئاللارنى يەشكەندە بېرىلگەن شەرىتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سورالغان مىقدار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇلاھىزە قىلىپ ، ماس كېلىدىغان فىزىكىلىق فورمىلارنى تېپىش يېشىش كېرەك ، خەتنى ئۆلچەملىك رەتلىك يېزىش ، ئوي پىكىرى ئوچوق بولۇش ، تەڭلىمە تۇزگەندە كېلىپ چىقىش ئاساسنى يېزىش كېرەك . فىزىكىلىق ئاتالغۇنىڭ ئۆلچەملىكىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك .
فىزىكىلىق مىقدارنىڭ بەلگىسى چوقۇم سۇئالدا بەرگەن بەلگە بولشى كېرەك . ئەگەر سۇئالدا بىرىلمىگەن بەلگىنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا ، ئالدى بىلەن بىكتېۋىلىش ھەمدە خەت ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ، رەسىمدە ئۇنىڭ ئەھمىيتىنى بەلگىلەش كېرەك . سۇئالنى ئۆلچەملىك يىشىش بولسا ، تەتقىق قىلدىغان ئوبىيكىتپنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، سۇئالنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ مىخانىكىلىق كۈچ ، ھەرىكەت جەريانىنىڭ كۆرسەتمە رەسىمى ، توك يولى رەسىمى ، نۇر يولىغا ئائىت رەسىملەرنى توغرا سىزىپ كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك . ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى فورمىلانى يېزىش ، ئەسلى فورمىلا بولسا نۇمۇر ئىلىشنىڭ ئاساسي شەكىلنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىش كېرەك . ئۆزگەرگەن ياكى نەتىجە شەكىلدىكى فورمىلانى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ . copyright by www.iz.la
مەنبە _ <<پەن ۋە تۇرمۇش>> ژۇرنىلىدىن ئىلنىدى.
