app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

ئوقۇتقۇچى ۋە دەرس ئىسلاھاتى

ۋاقتى:2011-02-12 11:31مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 توختىۋېلى تۇرا

ئىز تورى بەك ياخشى

    ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە بۇ جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ئىز تورى www.iz.la

    مېنىڭچە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

    1 . ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بىلىمگە ئىگە نوپۇزلۇق كىشى بولۇشتەك رولىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆگىنىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسىگە ئايلىنىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى مەركەز قىلىنىپ، بىلىمنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە تاق يۆنىلىشلىك بىلىم يەتكۈزەتتى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

www.iz.la

    2 . ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلۈك ھالدا يادلاش، مېخانىك ھالدا ئەستە قالدۇرۇشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىشكە، قول سېلىپ ئىشلەشكە ماھىر بولۇشقا ئۆزگەرتىشى لازىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    3 . ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىلىق ئالىم د. شون (shon D. ) ‹‹ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش›› ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قايتا ئويلىنىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ‹‹ھەرىكەت›› بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ، ‹‹ئەمەلىيەت››مۇ پەقەتلا ‹‹ئىشلەش››تىن ئىبارەت ئەمەس، ئۇنىمۇ ئويلاش لازىم. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىنىڭ پائالىيىتىمۇ يەنىلا بىر خىل ئەمەلىيەت، دېگەن. شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

    4 . ئوقۇتقۇچى تەتقىق قىلغۇچى بولۇشى كېرەك. 20 – ئەسىرنىڭ 70 –، 80 – يىللىرىدا ئەنگلىيەلىك ئالىم لاۋرېنتىس. سېتىنخۇۋىس تۇنجى قېتىم ‹‹ئوقۇتقۇچى تەتقىق قىلغۇچى بولۇش›› نەزەرىيەسىنى تەشەببۇس قىلغان. سېتىنخۇۋىسنىڭ قارىشىچە، جەريان پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان دەرسلەر ئىچىدە، ئوقۇتقۇچى ئۆگەنگۈچى ۋە تەتقىق قىلغۇچىنىڭ رولىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش، يېتەكچىلىك قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئەمەس، بەلكى ئىزدىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچى تەجرىبە ۋە تېخنىكا تىپىدىكى مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تەتقىق قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى تەتقىق قىلغۇچى بولغاندا، تېخىمۇ كونكرېت ئوقۇتۇش مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مائارىپ نەزەرىيەسىنى مائارىپ ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، مائارىپ نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتقىق قىلغۇچى بولۇشتەك يېڭى رولى مائارىپ نەزەرىيەسى ۋە مائارىپ ئەمەلىيىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىز تورى بەك ياخشى

    دېمەك، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى پىروگراممىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ۋە مائارىپ سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈشى ئۈچۈن ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(ئاپتور: لوپ ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن) ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس