app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>پەن-مائارىپ>

تارىخ دەرسىنى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

ۋاقتى:2011-02-12 11:31مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 ئابدۇراخمان ئابلىم ، مۇتەللىپ ئەتتى

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    تارىخ دەرس ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا نەزەرىيەۋىلىكى كۈچلۈك تارىخىي بىلىملەرنى، تارىخىي ۋەقەلەرنى، تارىخىي شەخسلەرنى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىلنامىلەرنى ئىگىلىتىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. تارىخ دەرس ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر. تۆۋەندە، مەن بىر قانچە يىللىق تارىخ دەرس ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى: www.iz.la

    1 . باشقا تىلدىكى ئاتالغۇلاردىن پايدىلىنىپ، نەزەرىيەۋىلىكى كۈچلۈك تارىخىي بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كېڭەيتىپ ياكى تارايتىپ، ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. مەسىلەن: ئىپتىدائىي جەمئىيەت، قۇللۇق جەمئىيەت، فېئوداللىق جەمئىيەت، كاپىتالىستىك جەمئىيەت ۋە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت، ئىچكى كابىنېت قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرگەندە بەك كېڭەيتىۋېتىشتىن ساقلىنىپ، مۇھىم نۇقتىلارنى كونكرېت، ئوبرازلىق، ئىخچام چۈشەندۈرۈش لازىم.

copyright by www.iz.la

    2 . كۆپ مۇھىتلىق ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ‹‹مىڭ ئاڭلىغاندىن، بىر كۆرگەن ئەلا›› دېگەندەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى بىلەن كۆرۈش ئىقتىدارىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يەنى كىتاب – ژۇرناللاردىن، دەرسكە مۇناسىۋەتلىك كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن ئارىيە، مۇزىكا، ناخشا، شېئىر – قوشاق، لەتىپە، يۇمۇرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق دەرسلىكتىكى ئابىستراكت ئۇقۇملارنى سۈرەت، ئاۋاز، يېزىق ئارقىلىق كونكرېت، ئوبرازلىق ئۇقۇملارغا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇپ، تەپەككۇرىنى ئېچىپ، چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.

ئىز تورى بەك ياخشى

    3 . ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن جانلىق بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش لازىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    4 . ئۆزى بېرىۋاتقان دەرسنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك باشقا دەرسلەرنىمۇ ئەتراپلىق ئۆگىنىشى لازىم. تارىخ دەرسىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار جۇغراپىيە، سىياسەت، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، خەنزۇ تىلى قاتارلىق دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرى بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئوخشاشلىققا ۋە باغلىنىشقا ئىگە. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلار تارىخ دەرسىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئورنىنى جۇغراپىيە دەرسلىكىدە، تۈزۈملەرنى سىياسەت دەرسىدە، مەشھۇر ئالىم، سەنئەتكارلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە دەرسلىرىدە، بىر قىسىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھېكايىلەرنى ئەدەبىيات دەرسىدە ئۆگىنىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تارىخ دەرس ئوقۇتقۇچىسى تارىخ دەرسىنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا، باشقا دەرسلىكلەر توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىمىنى پۇختىلىشى لازىم. ئىز تورى www.iz.la

    5 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. تارىخ دەرسى مەزمۇنلارنى ئەستە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما ئەستە تۇتىدىغان مەزمۇننىڭ بەك كۆپ بولۇشى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ ئاجىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تارىخ دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى توغرىسىدا باش قاتۇرۇشى لازىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

(ئاپتورلار: تۇرپان شەھىرى سىڭگىم ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس