ھەرقايسى رايونلاردىكى كىشلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تەبئىي، ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ يەنە ............. سەۋەبلەر تەسىرى ئۆزىگە خاس مىجەز- خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن.
ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى
مىزاجى: كىلىماتنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل ۋە نەملىكى، مېۋە- چىۋە ئىستىمالىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ئومۇمەن كىشىلەرنىڭ مىزاجىنى ھۆل سوغۇق، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىق، دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىشقا بولىدۇ.
خىلىتى: ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ خىلىت ئېتىبارىدىن بەلغەم، سەۋدا، قان، سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر دەپ بۆلۈش مۇمكىن، ئومۇمەن ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى، ھەركەت ئالاھىدىلىگى، پسىخىك سۈپىتىمۇ ئۇشبۇ يەكۈننى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.
چىراي شەكلى: ئاقپىشماق، سەل- پەل بۇغداي ئۆڭ، بېشى يۇمىلاق، يۈزى كەڭ گۆشلۈك، چاچلىرى قارا ۋە دولقۇنلۇق، قوي كۆز، يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ، ساقال- بۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ھال، بۇرنى كەڭرەك ۋە تۈز، پېشانىسى كەڭ بولىدۇ، كىشىلىرى ئوتتۇرا بوي كېلىدۇ، خام سېمىز كىشىلەر مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
مېڭىش- تۇرۇشى: ئالدىرىماي ئۆز خىيالىدا ماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە مۇلايىملىق ۋە ئۆزرە بىلەن كۆرۈشىدۇ.
كىيىنىشى: ئاددى- ساددا پاكىز كىيىنىدۇ، دوپپا ۋە بۆكنى ئەتىۋارلايدۇ، ئاياللىرى ئۇزۇن ۋە زەر تۇتقان گۈللۈك رەختلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
يېمەك- ئىچمىكى: ئاقسۇنىڭ كۆپىنچە رايونلىرىدا بۇغداي، شال تېرىلىدۇ، مېۋە- چىۋىلەردىن ئۈزۈم، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئانار، خورما، ئالما، قوغۇن، تاۋۇز، ئاق ئۈجمە قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ، كۆكتاتلاردىن سەۋزە، ياڭيۇ، چامغۇر، كەرەپشە، يېسىۋىلەك قاتارلىقلار يىتىشتۈرىلىدۇ، مېۋە- چىۋە ئىستىمال قىلىش ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەك- ئىچمەك مەنبەلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.
قىممەت قارىشى: ئاقسۇنىڭ سۈيى ئەلۋەك، مېۋە- چىۋىسى مول بولۇپ، كىشىلىرى ئاددىي- ساددا، تۈز، كەلمتەر، شۈكرىچان كېلىدۇ، دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار نىسبەتەن كۆپ، ئادەتتە باغۋەنچىلىك، تېرىم ئىشلىرىغا ماھېر كېلىدۇ، كۆڭۆلچەك، تۈز، خالىس تەرەپلىرى كۆپ، جىددى ئەمەس، لېكىن باشقا يۇرتقا بېرىپ ئوقۇغان ۋە تۇرۇپ قالغان كىشىلىرى تىرىشچان، كۈچلۈك بولۇپ يىتىشىدۇ، ئەدەبىيات- سەنئەتكە ھېرىس، مېھماندۇست، ناخشا- ئۇسسۇل ۋە ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ باشقا تۈرلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى يارىتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللى پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
كۈندىلىك مۇھىم پائالىيىتى: دېھقانچىلىق، سودا- سېتىق، ھۈنەرۋەنلىك ۋە باشقا پائالىيەتلەر.
ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى: ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدا پسىخىك توسالغۇ كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۆپكە، يۈرەك، قول- پۇت ھەمدە تېرە كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: ھەر بىر سوئاللىق ئاياغلاشقان پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «يا» قوشۇلىدۇ، بېرىپ، قىلىپ، ئېيتىپ .....قاتارلىق سۆزلەردە چوقۇم «ي» ھەرپى پېئىلىنىڭ ئاخىرقى ھەرپىنىڭ ئالدىغا «يېرىم ھەرپ» شەكلىدە قوشۇلىدۇ، مەسىلەن: قىيلىپ (قىلىپ) قاتارلىقلار، بىر- بىرىنى سىلى، ئۆزلىرى دەپ ئاتىشىدۇ.
كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى: قارى، بارسىلا (بېرىشسىلا)، كەتكىيلا (كىتىۋەرسىلا) ...قاتارلىقلار.ياش بالىلار ئارىسىدا «سىلەر» نى كۆپ ئىشلىتىدۇ.ئۆزئارا «سەن» دېيىشىش ئاز، ئۆزئارا «سەن» دئېيىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ.لېكىن كەلپىندە كىچىك بالىلارمۇ 80- 70ياشلىقلارنى سەن دەيدۇ. (پۈتۈنلەي شۇنداق). ئىز تورى بەك ياخشى