ئەتەبەتۇلھەقايىق
ئاپتورى: ئەدىپ ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار: خەمىت تۆمۈر، تۇرسۇن
ئايۇپ
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنىڭ مۇھىم بىرى ئەدىپ
ئەخمەت تەرىپىدىن يېزىلغان زور ھەجىملىك شېئىرىي ئەسەر "ئەتەبەتۇلھەقايىق" (ھەقىقەت ئىشىكى)
بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ئەنىق ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ،
ئۇنى 12 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، يەنى قاراخانىلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى
مەزگىلىدە يېزىلغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ .
ئەسەر 14 باپ، 484 مىسرادىن تەركىپ تاپقان . ئۇنىڭغا كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئېلاۋە قىلىنغان 3
پارچە شېئىرنى قوشقاندا، ھەممىسى بولۇپ 512 مىسرا بولىدۇ . ئەسەر ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىپ
بەھرىدە يۈكسەك ماھارەت بىلەن يېزىلغان .
ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى "ئەدىپ ئەخمەت" دىگەن نام بىلەن ئاتايدۇ .
ئەسەرگە ئېلاۋە قىلىنغان پارچىلاردا ئاپتور "ئەدىپ" نامى بىلەن ئاتالغاندىن باشقا، بىر پارچىدا
ئەدىپنىڭ يۇرتى "يۈكنەك" ئىكەنلىكى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى "مەخمۇت يۈكنەكى" ئىكەنلىكى ئەيتىلىدۇ
. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورنىڭ تولۇق نامىنى "ئەدىپ ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى " دەپ ئاتاشقا
بولىدۇ .
"ئەتەبەتۇلھەقايىق" دىداكتىك داستان بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەخلاقى، پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنى
ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ . ئاپتور ئىلىم - مەرىپەتكە، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان
كىشىلەرگە، مەرتلىك، ئادىللىق، كەمتەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە
ئوقۇيدۇ؛ بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، خەسىسلىك، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق
ئەيىبلەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ . ئاپتورنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئەيتقاندا زور
ئىلغارلىققا ئىگە . لېكىن دەۋىر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئاپتور بىر مۇنچە پاسسىپ قاراشلارنىمۇ
ئوتتۇرغا قويغان . بىز بۇ ئەسەرنىڭ مۇنداق پاسسىپ تەرەپلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىمىش
كىرەك، ئەلۋەتتە .
بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى
تارىخىنى تەتقىقى قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان
تەرىپىدىن يېزىلىپ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئېلاۋە قىلىنغان بىر شېئىردا ئەسەر "قەشقەر تىلى" بىلەن
يېزىلغان دەپ ئەنىق ئەسكەرتىلگەن . بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قەشقەر تىلى بىلەن مەھمۇد قەشقىرى "
دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك"تە تىلغا ئالغان "خاقانى تۈرك تىلى" ئەمەلىيەتتە بىر تىل بولۇپ، ھەر ئىككىسى
قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ . ئەسەردە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئامىللىرى بىلەن چاغاتاي تىلى (14
- ئەسىردىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىق تىلى) ئامىللىرىنىڭ ئارىلاش
قوللىنىلغان لىقىنى، ئەسەر تىلىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن چاغاتاي تىلىغا كۆچىۋاتقان ئۆتكۈنچى
تىلنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز . بۇ ھال ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا،
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركى تىللار ئىچىدىكى تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا بىز نى ئىنتايىن قىممەتلىك
ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ .
ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بار: بىرى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن
نۇسخىسى ( ئا نۇسخا) بولۇپ 1444 - يىلى زەينۇل ئابىددىن، سۇلتان بەخت، ھۈسەيىن قاتارلىقلار
تەرىپىدىن سەمەرقەنددە كۆچۈرۈلگەن . ھازىر بۇ نۇسخا ئىستامبول دىكى ئايا سوفىيا (ئاياسوفيا)
كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا؛ ئىككىنچىسى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەپ يېزىقىدا قۇرمۇ - قۇر
پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، 1480 - يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار
تەرىپىدىن ئىستامبولدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىمۇ ئىستامبولدىكى ئايا سوفىيا كۈتۈپخانىسىدا
ساقلانماقتا؛ ئۈچۈنچىسى، يالغۇز ئەرەپ يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (چ نۇسخا) بولۇپ بۇمۇ
ئىستامبولدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئىنىق ئەمەس، بۇ
نۇسخا ھازىر ئىستامبولدىكى توپكاپى - سارايى (توپكاپى-سارايى) كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا .
بۇ ئەسەر بەزىدە "ھىبەتۇلھەقايىق" (ھەقىقەتلەر سوغىسى) دىگەن نام بىلەنمۇ تىلغا ئىلىنىدۇ . بۇ نام
ئەسەرنىڭ ب،چ نۇسخىلىرىغا بىرىلگەن نامدىن كىلىپ چىققان . ئەسەرنىڭ ئا نۇسخىسى نۇسخىلارنىڭ
ھەممىسىدىن كونا ھەم تولۇق بولۇپ، شۇنۇسخىدا ئەسەرنىڭ نامى "ئەتەبەتۇلھەقايىق" دىيىلگەنلىكى
ھەم بۇنام ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تىخمۇ ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئەسەر ئومۇمەن شۇ نام
بىلەن ئاتالماقتا .
بىز كەڭ ئىجتىمائىي پەن خادىملىرىنىڭ بولۇپمۇ تىل - ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق
قىلىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى تۈركىيە تۈركىلوگى رىشىت رەخمەتى ئاراتنىڭ تەييارلىشى
بىلەن تۈركىيە ئاتەش نەشرىياتى تەرىپىدىن 1951 - يىلى ئىستامبولدا نەشىر قىلىنغان نەشىردىكى
قوليازما نۇسخىلىرىغا ئاساسەن ۋە رىشىت رەخمەتى ئاراتنىڭ 3 خىل نۇسخىنى سىلىشتۇرۇپ توغرىلاش
ئاساسىدا بىكىتكەن تىكىستى ۋە تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىپ كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا
تىرانسكىرىپىسىيىلەشتۈرۈپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتۇق . ھەۋىيىمىز چەكلىك
بولغانلىقتىن كەمچىلىك خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبىئى . بۇ جەھەتتە بىرىلگەن تەنقىدلەرنى سەمىمىي
قارشى ئالىمىز .
تېكىست تەرجىمىسى
ئا
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئى
ئاللانىڭ مەدھىيىسى ھەققىدە
1 . خۇدا ساڭا كۆپلەپ مەدھىيە ئوقۇيمەن،
(دائىم) سېنىڭ رەھمىتىڭدىن ياخشىلىق كۈتىمەن .
2 . (سېنى) لايىغىڭدا مەدھىيىلەشكە مېنىڭ بۇ تىلىم يارارمۇ،
ئىقتىدارىمنىڭ بارىچە سۆزلەي، ماڭا يارى بەر .
3 . جانلىق، جانسىز، ئۇچقان، يۈگۈرگەن(ھەممە)نەرسىلەر،
سېنىڭ بارلىغىڭغا گۇۋاھلىق بىرىدۇ .
4 . سېنىڭ بىر لىكىڭگە دەلىل ئىزدىگەنلەر،
بىر ئىشتىن مىڭلارچە دەلىلگە ئىگە بولىدۇ .
5 . يوق ئىدىم، ياراتتىڭ، يەنە يوق قىلىپ،
ئىككىنچىلەپ بار قىلىسەن، مەن بۇنىڭغا .ئىقرار مەن .
6 . ئەي، شەك يولىدا يۈرگەنلەر، ئويغىنىڭلار،
كېلىڭلار، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلارنى ئوتتىن قۇتقۇزۇڭلار .
7 . قادىر(ئاللا)تۈننى ۋە كۈندۈزنى ياراتتى،
(ئۇلار)بىر بىرىگە ماسلىشىپ ئالدىن - كېيىن ماڭىدۇ .
8 . (ئۇ)كۈننى كەتكۈزۈپ تۈننى كەلتۈرىدۇ .
تۈننى ھەم كەتكۈزۈپ قايتىدىن تاڭنى يارىتىدۇ .
9 . (ئۇ)ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ ھەم تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ ،
كۆرىسەن ،بۇنى ياخشى بىل .
10 . بۇ قۇدرەتنىڭ ئىگىسى بىر تەڭرىدۇر،
ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش - ئۇنىڭغا ئاساندۇر .
ئىئى
پەيغەمبەر مەدھىيىسى ھەققىدە
11 . ئەمدى پەيغەمبەر پەزلىدىن بىر ئاز سۆز ئىشتىڭلار،
سۆزۈمنى ئەقىل - ھۇشۇڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار .
12 . ئۇ خەلق سەردارى، ئىنسانلارنىڭ قۇتلۇغىدۇر،
(شۇنى)بىلىڭكى، يارىتىلغانلارنىڭ(ئىچىدە) ئۇنىڭ تەڭ - تۇشى يوقتۇر،
13 . رەسۇللار ئاق يۈز(كېلىدۇ). ئۇ بولسا بۇ يۈزنىڭ كۆزىدۇر،
ياكى ئۇلار قىزىل مەڭىزلىكتۇر، ئۇ بولسا شۇ مەڭىز دىكى مەڭدۇر .
14 . (مەن) ئۇنى مەدھىيىلىسەم تىلىم تاتلىق بولىدۇ ،
(چۈنكى)ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەن ئۈچۈن شەھدۇ - شېكەردۇر .
15 . ئەتە نۇڭغا چۆمۈلسەم، قولۇمدىن تۇتقۇچى بولىدىغان،
ئۇ(رەسۇلغا)بۈگۈن مەندىن سالات ۋە سالام تەگسۇن .
ئىئىئى
تۆت سەھابە مەدھىيىسى ھەققىدە
16 . يەنە چارىيارلارغا سالام يوللايمەن،
مەن ئۇلاردىن ھىچقاچان تانمايمەن .
17 . بىرى ئەتىق، (بىرى)فارۇق، ئۈچۈنچىسى زىننۇرەيىندۇر،
تۆتىنچىسى ئەلى - قەھرىمان يىگىتتۇر .
18 . كىمكى بۇ تۆت يارەنىگە بەد ئىتىقادلىق قىلسا،
مەن ئۇنىڭغا مىڭ لەنەت ئوقۇيمەن .
19 . ئىلاھى، كەچۈرگۈچى رەببىمسەن؛ مەن سېنىڭ ئالدىڭدا
قانچىلىك گۇناھكار قۇل بولساممۇ مېنى كەچۈرگىن .
20 . ھىممىتىڭگە ئىرىشسەم قۇتۇلىمەن،
ئەگەر ئادالىتىڭنى قوللانساڭ، بۇ مەن ئۈچۈن پالاكەت بولىدۇ .
ئىۋ
بۈيۈك ئەمىر مۇھەممەد دات ئىسپەھسالار بەگ مەدھىيىسى
21 . ئەي، تىل، مەدھىيىلەر ياراتقىن ۋە سۇنغىن، قىنى،
مەن ئۇنى شاھىمغا سوغا قىلاي .
22 . (مەن)شاھىم مەدھىيىسى بىلەن كىتاپنى بىزەي،
ئوقۇغان كىشىنىڭ جېنى سۆيۈنسۇن .
23 . ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى، مەردلىكى ۋە مىسلىسىز ئىھسانى،
مەدھىيىلەشنى بىلمىگەن كىشىگە مەدھىيە ئۈگىتىدۇ .
24 . ئۇ ئەقىل - ھۇش ۋە پەم - پاراسەن ماكانى،
بىلىم ئوچېغى ۋە پەزىلەت كانىدۇر .
25 . ئۇ (ئۆز) ھىممىتىنى سىماك(يۇلتۇزى) دىن يۈكسەك تۇتىدۇ ،
مەردلىك بىلەن كەڭ قورساقلىق(ئۇنىڭ)ئىككى دەرمانىدۇر .
26 . ئۇ رەئىيەگە قارىتا شەپقەتچان، لىللا ۋە يۇمشاق تىلدۇر،
لىكىن غەزەپلەنگەندە شەرا ئارىسلانىدۇر .
27 . (ئۇ)غەيرەت - شىجائەتتە خۇددى ئۆمەرگە ئوخشايدۇ،
مەردلىك ۋە ئالىيجاناپلىقتا (بولسا) ئوسمانغا جۆر بولىدۇ .
28 . ئۇ زىرەكلىكتە ئاياسنى بىسىپ چۈشىدۇ،
ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقتا ئانوشىرۋاننىڭ ئۆزىدۇر .
29 . ئۇنىڭ ئىھسانى ئالدىدا بۇلۇت خىجىل بولىدۇ ،
بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئىتىراپ قىلىدۇ .
30 . ئەي شاھىمنىڭ ياخشىلىقلىرىنى سانىغان (كىشى)،
چۆلدىكى قۇم ۋە شىغىلنىڭ سانى (ئۇنىڭغا)تەڭ كىلەلمەيدىكەن .
31 . سىياسەت، رىياسەت، قىياسەت ۋە كەڭ قورساقلىق،
(بۇلارغا) ئادالەتنى قوش: بۇلارنى ئاڭلا ۋە چۈشەن .
32 . يەنە شەرەپ، ئىنسانىيەتچىلىك ۋە مەردلىك - ھەممىسىنى
قادىر (ئاللا) شاھىمغا ئاتا قىلدى .
33 . بۇلۇت ئۇششاق قەترىنى ھەدىيە قىلسا،
دېڭىز(ئۇنى) ئاز - كۆپ دىمەي قۇبۇل قىلىدۇ .
34 . شاھىمنىڭ كۆكسى - قارنى دېڭىزدىن مىڭ ھەسسە كەڭدۇر،
بۇ ئەرزىمەس ھەدىيىنى قۇبۇل قىلسا، ئەجەپ ئەمەستۇر .
ۋ
كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە
35 . بۇ كىتابنى داد ئىسپەھسالار بەگ ئۈچۈن يازدىم،
ئۇنىڭ نامى دۇنيادا قالسۇن دەپ .
36 . كىتابىمنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان كىشى،
شاھىمنى دۇئا بىلەن ياد ئەتسۇن دەپ .
37 . كۆڭۈللەر ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولۇپ،
جاھان ئۇنىڭ يادى بىلەن تولسۇن دەپ .
38 . كېيىن دۇنياغا كەلگەن كىشىلەر ئارىسىدا،
ئۇنىڭ خاتىرىسى مىسلىسىز يۈكسەك بولسۇن دەپ .
39 . بۇ كىتابنى ئەڭ ئىسىل سۆزلەر بىلەن بىزىدىم،
(ئۇنى)كۆرگەن، ئوقۇغانلار بەھىر ئالسۇن دەپ .
40 . مەن بۇكىتابنى شاھىمغا سوغا قىلىپ ئەۋەتتىم،
ھاۋادار لىغىمنى تۈگەل بىلسۇن دەپ .
ۋى
بىلىمنىڭ پايدىسى ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە
41 . سۆزۈمگە بىلىمدىن ئاساس سالىمەن،
ئەي دوستۇم، بىلىملىككە ئۆزۈڭنى باغلا .
سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ،
بىلىم ئال، سائادەت يولىنى ئاچ .
42 . بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر،
بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز ياماقتۇر .
بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز ھىچقاچان تەڭ بولالمايدۇ .
بىلىملىك ئايال گويا ئەر، نادان ئەر گويا ئايالدۇر .
43 . ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتە ئىلىك بولغانغا ئوخشايدۇ،
ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر .
بىلىمسىز(كىشى) ئىلىكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ،
(ھالبۇكى) ئىلىكسىز سۆڭەككە ھىچكىم قول ئۇزاتمايدۇ .
44 . ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ،
بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ .
بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ، نامى تىرىك قالىدۇ،
بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ .
45 . بىر بىلىملىك مىڭ بىلىمسىزگە تەڭ كىلىدۇ،
تەڭلەشتۈرگەندە بىلىمنىڭ سالمىقى ئايان بولىدۇ .
ئەمدى ئەقلىڭ بىلەن بايقاپ كۆرگىن،
بىلىمدىن پايدىلىق يەنە قانداق نەرسە بار .
46 . ئالىملار بىلىم بىلەن يۇقۇرى كۆتۈرلىدۇ،
بىلىمسىزلىك ئەرنى يەرگە چۆكۈردى .
بىلىمنى زىرىكمەي ئىزدە، شۇنى بىلگىنكى،
ھەق رەسۇل: "بىلىم جۇڭگودا بولسىمۇ ئىزدەڭلا" دىگەن .
47 . بىلىمنى دائىم بىلىملىكلەر ئىزدەيدۇ،
بىلىم تەمىنى ئەي دوست، بىلىملىك بىلىدۇ .
بىلىڭكى، بىلىم قەدرىنى بىلىم بىلدۇرىدۇ ،
بىلىمسىز ئىخمەق بىلمنى نىمە قىلىدۇ؟
48 . بىلىمسىزگە ھەق سۆز تەمسىز بىلىنىدۇ،
ئۇنىڭغا پەند - نەسىھەت پايدىسىز تۇيۇلىدۇ .
ھەرقانداق كىرنى يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ،
(لېكىن)نادانلىق يۇيۇپ تازىلىغىلى بولمايدىغان كىردۇر .
49 . قارا، بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ پەيتىنى بىلىدۇ،
ئۇ ئىشنى بىلىپ قىلىدۇ، كېيىن ئۆكۈنمەيدۇ .
بىلىمسىز ھەممە ئىشقا ئۆكۈنىدۇ .
ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا قىسمەت يوق .
50 . بىلىملىكلەر كىرەكلىك سۆزنى قىلىدۇ،
كىرەكسىز سۆزلەرنى كۆمۈپ تاشلايدۇ .
بىلىمسىزلەر دائىم بىلمەستىن سۆزلە ۋىرىدۇ .
ئۇنىڭ ئۆز تىلى ئۆز بېشىنى يەيدۇ .
51 . ياراتقۇچى ئىگە بىلىم بىلەن تونۇلىدۇ،
بىلىمسىزلىكتىن ياخشىلىق كۆرگەن(كىشى)بارمۇ؟.
بىلىمسىزلىكتىن بىرمۇنچە خەلق،
ئۆز قولى بىلەن بۇت ياساپ، شۇنى ئىگەم دىدى .
52 . بىلىملىكنىڭ سۆزى پەند - نەسىھەت ۋە ئەدەبتۇر،
بىلىملىكنى ئەجەممۇ، ئەرەبمۇ ماختىدى .
مۈلۈكسىزگە بىلىم تۈگۈمەس مۈلۈك،
نەسەپسىزگە بىلىم ئۈزۈلمەس نەسەب .
--------------------------------------------------------------------------------
ۋىئى
تىلنى تىزگىنلەش ھەققىدە
53. بىلىملىكلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن،
(ئۇلار)ئەڭ بىرىنچى پەزىلەت تىلنى تىزگىنلەش دەيدۇ .
تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن، چىشىڭ سۇنمىسۇن،
ئەگەر(ئۇ) قاماقتىن چىقىپ كەتسە، چىشىڭنى چاقىدۇ .
54 . ئويلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى سۆز جەۋھىرىدۇر،
كۆپ مەمەدانلىق قىلغان تىل قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەندۇر .
ئاغزىڭغا كەلگىنىنى سۆزلە ۋەرمە، تىلىڭنى يىغىپ تۇت ،
ئېغىز بوشلۇغى ئاخىر بېشىڭغا چىقىدۇ .
55 . ئاغزى بوش كىشىنى ئەقىللىق دىگىلى بولمايدۇ ،
ئېغىز بوشلۇغى نۇرغۇن باشنى يىدى .
كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، شۇنى بىلگىنكى،
ئوق يارىسى ساقىيىدۇ، (لىكىن) تىل يارىسى ساقايمايدۇ .
56 . تەنتەكنىڭ تىلى ئۆز بېشىغا دۈشمەندۇر،
ئۆز تىلى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قېنى تۆكۈلدى .
كۆپ سۆزلىگەنلەردى ئۆكۈنگەنلەر كۆپ،
تىلنى تىزگىنلىگەنلەردىن ئۆكۈنگىنى قېنى؟ .
57 . كىشىگە ھەر ئىش كەلسە، تىلىدىن كېلىدۇ،
كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ئەسكىلىكى تىلىدىن مەلۇم بولىدۇ .
بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنكى،
تەن ھەرتاڭدا تۇرۇپ تىلغا يۈكۈنۈپ يالۋۇرىدۇ .
58 . ئەگەر بىر كىشىدە (مۇنۇ)ئىككى نەرسە بىرىكسە،
ئۇ كىشىگە ئادەمگەرچىلىك يولى ئېتىلىدۇ:
(ئۇنىڭ)بىرى قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىش بولسا،
ئىككىنچى ياكغان سۆزلەشتۇر .
59 . يالغانچىدىن يىراق تۇرغىن ۋە تەزگىن،
ئۆمرۈڭنى راستچىللىق بىلەن ئۆتكۈزگىن .
راستگەپ ئېغىز ۋە تىلنىڭ بىزىكىدۇر،
راستگەپ قىلىپ تىلىڭنى بىزە .
60 . تىلىڭنى تىزگىنلە، ئاز سۆزلىگىن،
تىلىڭنى تىزگىنلىسەڭ، ئۆزەڭ قوغدىلىسەن .
رەسۇلىللا :"كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر"دىدى،
تىلىڭنى يىغ، ئوتتىن ئۆزۇڭنى قۇتقاز .
61 . راست گەپ ھەسەلدەك، يالغىنى پىياز،
ھەسەل يىگىن، پىياش يەپ ئاغزىڭنى ئاچچىق قىلمىغىن.
يالغان سۆز گويا كېسەل، راست سۆز شىپادۇر،
بۇ بۇرۇندىن تارتىپ دىيىلىپ كەلگەن مەسەلدۇر .
62 . راستچىل بول، راستچىللىق قىل، راستچىل ئاتال،
كىشىلەر سېنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن .
ئەگرىلىكنى قويۇپ، راسچىل تونىنى كىيگىن،
كىيىملەرنىڭ ياخشىسى راسچىللىق تونىدۇر .
63 . چىڭ ساقلا سىرىڭنى كىشىلەر بىلمىسۇن،
سۆزۈڭدىن ئۆزەڭگە تۈگۈنچ كەلمىسۇن .
بارلىق يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭ ئاشكارا بولۇپ،
(بۇنى)كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلار ساڭا كۈلمىسۇن .
64 . دوستۇم دەپ ئىشىنىپ سىرىڭنى ئىيما، ھەزەرقىل،
ھەرقانچە ئىشەنچلىك يىقىن دوستۇڭ بولسىمۇ .
سىرىڭنى ئۆزەڭ ساقلىيالمىساڭ ،
دوستۇڭ ساقلىيالارمۇ، بۇنى ياخشى ئويلان .
ۋىئىئى
دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە
65 . بۇدۇنيا(يولۇچىلار)چۈشۈپ ئۆتىدىغان سارايدۇر،
سارايغا چۈشكۈچىلەر مېڭىش ئۈچۈن چۈشىدۇ .
كارۋاننىڭ ئالدى قوزغۇلۇپ ئۇزاپ كەتتى،
ئالدى بىلەن قوزغالغان كارۋان قانداقمۇ كىچىكىپ قالسۇن ؟!
66 . نىمىشقا بۇ دۇنيانىڭ كەينىدىن يۈرگۈلۈك؟
خەسىسلىكتىن ساقلىنىشقا ئۆزەڭ كۈچە .
نىمىشقا مال - دۇنياغا مۇنچىلا كۆڭۈل بىرىسەن؟
بۇ مال - دۇنيا ئەتتىگەندە كەلسە كەچتە يەنە كېتىدۇ .
67 . مۈلۈك پەرەسلىكنى كۆڭۈلدىن چىقارغىن،
ئەڭلىق پۈتۈن، قوسۇغۇڭ توق بولسا شۇنىڭغا قانائەت قىلغىن .
ئەتىگە ئوزۇقۇڭ بولمىسا، بۇ يوقسۇللۇقتۇر،
مۈلۈك يوقلۇقىنى يوقسۇللۇق دىمە.
68 . بۇ دۇنيا نەرسىلىرىدىن يەيدىغان بىلەن كىيىدىغاننىلا ئال،
ئارتۇق تىلىمە، گۇناھ يۈكلىنىدۇ .
رەسۇل بۇ دۇنيانى ئىتىزلىق دەپ ئاتىغان ،
بۇ ئىتىزلىقتا ئىشلە، ياخشىلىق تىرى .
69 . بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى باقىي ئەمەس،
مەززە مۇددىتى خۇددى ئۆتكۈنچى شامال.
يىگىت قىرىيدۇ، يېڭى كونىرايدۇ ،
قاۋۇللار كۈچىدىن قېلىپ ئاجىزلىشىدۇ .
70 . بۇ دۇنيانىڭ نەرسىلىرى بۈگۈن بار، ئەتە يوق،
مېنىڭ دىگەن نەرسەڭ باشقىلارنىڭ قىسمىتى .
ھەممە كۆپ(نەرسە) ئازىيىدۇ،تەل (نەرسە)كېمىيىدۇ،
بارلىق ئاۋاتلىقنىڭ ئاخىرى خاراپلىق بولىدۇ .
71 . (ئادەملىرى)سىغىشمايدىغان بىرمۇنچە يەرلەر بار ئىدى،
(ھازىر)ئادەملىرى كېتىپ، يېرى بوش دىگۈدەك قالدى .
قانچىلىك ئالىم ۋە پەيلاسوپلار بار ئىدى،
قېنى بۈگۈن ئۇلارنىڭ مىڭدىن بىرى؟
72 . دۇنيا كۈلۈمسىرەيدۇ ۋە قاپېقىنى تۈرىدۇ،
بىر قولىدا ھەسەل تۇتۇپ، بىرقولىدا زەھەر ساقلار .
ئاۋال ھەسەل بېرىپ، ئاغزىڭنى تاتلىق قىلىپ قويۇپ،
كېيىن زەھەر قېتىلغان قەدەھنى سۇنار .
73 . تاتلىقنى تىتىغان بولساڭ، ئاچچىقنى تىتىشقا تەييارلان،
راھەت بىرلەپ كەلسە، زەخمەت ئونلاپ كىلىدۇ .
ئاھ، غەم ئۈمىدكە قوشۇلماي ئېقىۋىرىدۇ،
بۇدۇنيا قاچان ئۈمىد ئورنى بولغان؟
74 . بۇ دۇنيا گويا يىلاندۇر، يىلاننى ئۇرۇش كىرەك،
(ئۇ)قول بىلەن يوقاتماققا يۇمشاق،(لىكىن ئۇنىڭ) ئىچى زەھەر بىلەن تولغان .
يىلان يۇمشاق بولغىنى بىلەن ياۋۇزلۇق قىلىدۇ،
(شۇڭا ئۇنىڭدىن)يىراق تۇرغۇلۇق، يۇمشاق دەپ ئازمىغۇلۇق.
75 . بۇ دۇنيامۇ سىرتتىن قارىماققا گۈزەلدۇر،
لىكىن(ئۇنىڭ)ئىچىدە تۈمەنلىگەن ناخۇشلۇقلار بار.
سەن ئۇنىڭ تاشقى بىزىكىنى كۆرۈپلا،
(ئۇنىڭغا)كۆڭۈل بەرسەڭ، بۇ ئەڭ چوڭ خاتالىق بولىدۇ.
76 . دۇنيا بەزىدە نىقابىنى قايرىپ يۈزىنى ئاچىدۇ،
(ئۇ)قۇچاقلىماقچى بولغاندەك قولىنى يايىدۇ ، (لىكىن)يەنە تىز قاچىدۇ .
بەخت گويا ياز بۇلۇتى ياكى بىر چۈشتۇر،
تۇرماستىن كىتەر ياكى قۇشتەك ئۇچار.
ئىخ
مەرتلىك ۋە بېخىللىق ھەققىدە
77 . ئەي دوست، بىلىملىكنىڭ ئىزىدىن ماڭغىن،
ئەگەر سۆزلىمەكچى بولساڭ بىلىپ سۆزلىگىن .
ماختىساڭ مەرتنى ماختىغىن،
بېخىلغا چىڭ يا ئوقىنى بەنلىگىن .
78 . ھەممە تىل مەرتلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ،
مەرتلىك بارلىق ئەيىپلەرنىڭ كىرىنى يۇيىدۇ .
مەرت بول، ساڭا تىل - ئاھانەت كەلمىسۇن،
(چۈنكى)ئۇ تىل - ئاھانەت يولىنى ئېتىدۇ .
79 . ئېگىلمەس كۆڭۈلنى مەتلەر ئېگىدۇ،
يەتكىلى بولمايدىغان مۇراتقا مەرتلەر يېتىدۇ .
بېخىللىقنى ماختىغان تىل قىنى، قەيەردە،
مەرتلىكنى ئاددىي ۋە خاس - پۈتۈن خەلق ماختايدۇ .
80 . قارا، مەرتلەر چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىدۇ،
مال - دۇنيانى شۇنىڭغا ساتتى ۋە مەدھىيە ئالدى .
(ئۇلار)مىسكىنلەرگە تىلەكداش بولۇپ ياشىدى،
(بۇ)دۇنيادا ياخشى نام قالدۇرۇپ كەتتى .
81 . بېخىل ھارامدىن كۆپلەپ ئالتۇن - كۈمۈش يىغدى،
(ئۆزىگە) گۇنا ۋە قاغىش يۈكلەپ كەتتى .
(ئۇنىڭ) مال - دۇنياسى كىشىلەر ئارىسىدا تەقسىم قىلىندى ،
بۇنىڭدىن بېخىلغا تەككىنى پۇشايماندىن ئىبارەت بولدى .
82 . ئەي، مال ئىگىسى - مەرت، ياخشى ئادەم،
تەڭرى ساڭا بەرگەندىكىن، سەنمۇ بەرگىن .
ئەيىپلەنگەن ۋە قاغىشقا قالغانلار يىغىشنى بىلىپ، بىرىشنى بىلمىگەنلەردۇر،
(ئەگەر) بىرىشنىمۇ بىلسەڭ، قانچىلىك يىغساڭ يىغ .
83 . ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ۋە ئادەتلەرنىڭ ئەيىپسىزى مەرتلىكتۇر،
بىلگىنكى ، بېخىللىق (ئۇلارنىڭ ئەڭ) چىركىنىدۇر.
قوللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قۇتلۇق قول - بەرگۈچى قولدۇر،
ئىلىپ بىرىشنى بىلمەيدىغىنى قوللارنىڭ قۇتسىزىدۇر .
84 . بېخىللىق داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەلدۇر،
بېرىشكە كەلگەندە بېخىلنىڭ قولى ئىنتايىن چىڭدۇر .
يىغىش بىلەن ئاچكۆز بېخىلنىڭ كۆڭلى تويمايدۇ .
ئۇ مال - دۇنياغا قۇلدۇر، مال - دۇنيا ئۇنىڭغا ھاكىمدۇر .
85 . خەلق ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئادەم - مەرت ئادەمدۇر،
مەرتلىك شەرەپ، ئىقبال ۋە جامالنى ئاشۇرىدۇ .
كىشىلەر ئارىسىدا ئىززەتكە ئىرىشمەكچى بولساڭ،
مەرت بول، مەرتلىك سېنى ئىززەتكە ئىرىشتۈرىدۇ .
86 . بېخىل - ناكەس، ئەخمەق، مۈلۈك ساقچىسىدۇر،
يىمەي - ئىچمەي يىغىدۇ ۋە ئۇنى چىڭ تۈتىدۇ .
ھايات ۋاقتىدا دوستقا تۇزىنىمۇ تىتىتمايدۇ،
ئۇ ئۆلىدۇ، (مېلى) قالىدۇ،(ئاخىردا)مېلىنى دۈشمىنى يەيدۇ .
ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىدىن ئۇيغۇر كونا يىزققا ئۆزگەرتىپ بۇ يەرگە يوللاندى.
http://hi.baidu.com/ugdulmix/blog/item/50f3fbecd86b1f3f27979175.html
خەتكۈچلەر:
(
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى نامەلۇم گە تەۋە
)