ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى
مىجەزى : مۇھىت، يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش تەرتىپى تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ھۈللۈككە مايىل كېلىدۇ، ھۈللۈك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
خىلىتى: ئۈرۈمچى كۆپ مەنبە مەدىنىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، بۇ يەردە ھەر خىل خىلىتلىق كىشىلەر ياشايدۇ، يۇرت ئۆزگەرگەن، كىلىماتى، يېمەك- ئىچمەك ۋە ئىجدىمائى مۇھىت ئۆزگەرگەن شارائىتتا، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردە مىزاج ئۆزگىرىشىنى، ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا خسىلىتى ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنى كەلگەن ئورنىغا قاراپ مۈلچەرلەشتىن سىرت، مۇھىمى ئۈرۈمچى موھىىتىنى كۈزدە تۇتۇپ باھالاش ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ خىلىت تەرتىپى، بەلغەم، سەۋدا، سەپرا، قان.
چىرايى: ئاق، تاتىراڭغۇ، سېرىق، قىزغۇچ، شەھەر تۇرمۇشىدىكى جىسمانى ھەركەتنىڭ نىسبەتەن ئازراق بولىشى، مۇقىم ۋە سايىلىق ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئەقلى خىزمەت قىلىدىغان نىسبەتنىڭ يوقىرىلىقى، ئۈرۈمچى موھىتىدىكى نەملىك، شۇنداقلا ئاپتىكا دورا ئىستىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۈرۈمچى ئىستىمال سۈيىنىڭ سۈپىتىدىكى بەزى ئامىللار، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بىخەۋەر كىشىلەر نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ قېنىدىكى قىزىل قان دانچىلىرى مىقدارى ئەنئەنىۋى ئىنسانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇش، ئېھتىمالغا يېقىن.شۇڭا ئاق كىشىلەر، تاتىراڭغۇ كىشىلەر نىسبەتەن كۈپ، ئاياللارنىڭ سەمرىپ، ئاقىرىپ كېتىشى يۇقىرىقى سەۋەپتىن كىلىپ چىققان، ئۈرۈمچى كىشىلىرى بەدىنىدە تۈت خىلىت موھىتىدا بەلغەم ماددىسى كۈپىيىپ، قان ۋە سەپرا ماددىسىنىڭ ئۇلغۇيىشىنى توسىدۇ، كىشىلەر گەرچە سەمرىگەندەك قىلسىمۇ، يۈرەك ۋە بۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ، لېكىن ئومۇمى سالامەتلىك كۈرسەتكۈچى باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭكىدىن ياخشى.
مېڭىش- تۇرۇشى: ئۈرۈمچىلىكلەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاسراپ، ئاۋايلاپ ماڭىدۇ، باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئەركىن، ئازادە تۇتىدۇ، بەك تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، نورمال ماڭىدۇ.
كىيىنىشى: ئۈرۈمچى كىشىلىرى كىيىم ئىستىمالىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىيىمنى رەتلىك، يېڭى، پاكىز كىيىشنى ئويلايدۇ، بولۇپمۇ كىيىم رەڭگىنىڭ ماسلىشىشى، يۇقىرى تۈۋەنلىكىنىڭ ماس كىلىشىگە دىققەت قىلىدۇ، خىزمەت، دەم ئېلىش، ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەردە سورۇنغا قاراپ كىيىم تاللايدۇ، گالىستۇك تاقاش، كاستىيۇم- بۇرۇلكا كىيىش، خۇرۇم ۋە يوڭ يىپ كىيىملەرگە ئېتىبار بىلەن قاراش ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ كىيىم جەھەتتىكى قىممەت قارىشى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يېمەك- ئىچمىكى: ئۈرۈمچىنى ئۇيغۇر يېمەك- ئىچمەك مەدىنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بىرلىككە كىلىشىنىڭ بۈشۈكى دىيىشكە بولىدۇ، كۆپ خىللىق دىگىنىمىزدە، ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ تاماق جەھەتتىكى ئۈز ئالاھىدىلىگى مەلۇم جەھەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، بىرلىككە كېلىش دىگىنىمىزدە، ئاساسەن ئۈرۈمچىلىكلەرگە ماسلىشىپ بولغان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېمەك ئىچمەك مەدىنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تاماق تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن: پولۇ، لەغمەن، كاۋاپ، مانتا، سامسا، سۈت چاي.....قاتارلىقلار بۇ خىل تاماقلار ئائىلىلەردىلا تەييارلىنىپ قالماستىن، بەلكى بازار شەكىلدە سېتىلىدۇ، كۆپىنچە تاماقلارغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە دورا- دەرمان سېلىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىزاجىنى بىلگەن كىشىلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تاماق ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىدۇ.
قىممەت قارىشى: ئۈرۈمچىلىكلەر موھىت ۋە شەھەرلىشىشىنىڭ تەسىرىدە ئاقۇش، تاتىراڭغۇ ۋە ئەقلى بەدەن ھالىتى تىپىغا كىرىدۇ، جىسمانى كۈچتىن ئەقلى كۈچكە كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە كۈپرەك قاتنىشىدۇ، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ، بۇ خىل قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ پسىخىك ساغلانلىقىغا پايدىلىق.
كۈندىلىك مۇھىم پائالىيەت: خىزمەتكە بېرىش- كېلىش، بازار پائالىيىتىگە قاتنىشىش، ئەقلى ۋە ئىجتىمائىي ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىش.
ساغلاملىق كۈرسەتكۈچى: ئۈرۈمچىدە ھۈللۈككە مايىل كىشىلەر ياكى بەدىنىدە ھۆللۈك كۆپرەك ھاسىل بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلار كۆپ، جىسمانى جەھەتتە ھۆللۈكتىن كۈپرەك بولىدىغان كىسەللىكلەردىن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، زىققا، كانايچە ياللۇقى، رېماتىزىم، ھەزىم ناچارلىقى، قان كەملىك، كالتىسىي يىتىشمەسلىك، سۆڭەك ئۈسۈپ قىلىش....قاتارلىقلار نىسبەتەن كۈپ.
كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەر: ئېھتىمال، مۇمكىن، ئويلىشىپ باقايلى، ئۆيگە بىرىڭلار، تېلېفۇن قىل، قاچان ئولتۇرىمىز، ئۇنۋانىڭ ھەل بولدىمۇ، ماقالە يازمىساق بولمىدى، ئوھو، بالاڭزا، نەدە.....