كورىيە پارلامىنتىدىكى ئۇيغۇر قىزى

ۋاقتى:2010-12-11 00:21مەنبە: تەھىرىر:تۇرپانلىق ئوۋچى چېكىلىشى:قىتىم
  

 



ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل – ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ سىئول پارلامىتىنى زىيارەت قىلغۇچى مىھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل قىلىنىپ، سىئول ساغېن دىمۇكىراتىيە مەيدانىنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇپ – تەشۋىق قىلغۇچى كۆزىگە ئايلاندى. ئۇ ئۆز يۇرتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كورىيەلىكلەر ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، يەرلىكنىڭ توختاملىق دۆلەت مەمۇرلىقىغا قوبۇل قېلىنىشتا پۈتۈنلەي “يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى” گە تاياندى.
www.iz.la

ئۇ جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا كورىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشقان، 2000-يىلى كورىيەگە كەلگەن. كورىيەگە كەلگەندىن كىيىن، ئاۋال شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا كورىيە تىلى ئۈگەنگەن، كىيىن يەنە شۇ مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن، بۇيىل خەلقئارا مۇناسىۋەتلىشىش ئىلمىنىڭ ئاسپىرانتلىغىنى تاماملىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: “كورىيە ۋە ئىنگىلىز تىل – يېزىقىنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا تەبىئىلا < يەر شارىلىق رىقابەت كۈچى > منى يىتىلتۇردۇم. “

copyright by www.iz.la

“كورىيە تىلىدا ھۆرمەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش مۇرەككەپرەك، لىكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاشلا ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغاچقا، سۆز تەرتىبى ئوخشاش، ئۈگۈنۈش ئانچە تەس ئەمەس. مەن كورىيە تىلى ئىنىستىتوتىدا ئۆزەمنىڭ پۇلىغا ئوقىغان، كىيىن تولۇق كورس بىلەن ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغاندا ئىنىستىتوتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشتىم. “ copyright by www.iz.la

ھۈسەيىن قىزى ئالىيە ئۆزىنىڭ كورىيەدە خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي كورىيەلىك دوستلىرىنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىدىن دەپ قاراپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن كىچىگىمدىنلا دوستلىرىم بىلەن چىقىشىپ ئويناشنى ياخشى كۆرەتتىم. مەن ھازىرمۇ ئازراق ۋاقتىم بولسىلا شۇمىڭ قىزلار ئونۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان دوستلىرىم ۋە ئۇستازلىرىم بىلەن توردا پاراڭلىشىپ تۇرىمەن. بۇ يىل بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشنى ئويلاۋاتىمەن. “

ئىز تورى www.iz.la

ئۇ ئارىلىقتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC) مىنىستىرلار يېغىنى(2005-يىل 6-ئاي)، دۆلەتلەر ئولىمپىك كوممىتىتى جەمئىيىتى (ANOC) چوڭ يىغىنى(2006-يىل 3-ئاي) قاتارلىق خەلقئارالىق يېغىنلاردا ئۆزىنىڭ تەرجىمانلىق ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ: “مەن تۈنجى قېتىم كۆرۈشكەن كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سىھرى كۈچنى چوڭقۇر ھىس قىلىشىغا ياردەم قىلىمەن.”- دىدى. ئۇ يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا سىئول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە “پارلامىنتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى” نى كۆرگەندىن كىيىن، دەرھال بېرىپ تىزىملىتىشىممۇ مىنىڭ دائىم باشقىلار بىلەن خۇشال – خۇرام ھالدا سۆزلىشەلەيدىغانلىغىمدىن بولدى،-دىدى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇ ئەمدى ھەر يىلى 15مىڭ ئادەمگە سىئول شەھەرلىك پارلامىنتنى تۇنۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت سىتراتىگىيىسى بولسا: مەنىلىك سۆزلەش، ئەزمىسىنى ئەزمەسلىك! ئۇ دەيدۇكى: ئالدى بىلەن مىھمانلارنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى، قايسى ياش-قۇرامدا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئوبدان ئىگىلىۋېلىپ، ئاندىن ئەستائىدىل تەييارلىق قىلىش كىرەك. ئەگەر مىھمانلارغا: “سىئول پارلامىنتى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرمىشىمىز بىلەن مانا مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى بار جايكەن” دىگەننى ھىس قىلدۇرالىساق، ئۇلارنىڭ زىيارىتى نىمىشقا مەنىلىك بولمايدىكەن؟ ئەلۋەتتە، بەزىلەر يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلى ئۈگۈتۈپ قويۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la

مەنبە:xjkorea.blogbus.com

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ! مەن ھازىرلا تىزىملىتىپ كىردىم ئىز تورى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، مىنىڭ بىر دوستۇم( ئۇنى تۇنىيسىلەرغۇ چوقۇم ، ئۇ ھىلىقى ئوقياچى شۇ ، ھازىر ئۇ يارىدار بولغاچقا چىقالمايۋاتىدۇ ) مۇشۇ تورنى تۇلا ماختايتتى ، راسكەن مىنى قارشى ئالار سىلەرمۇ ئەمدى ،،، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(76)
96.2%
ئالقىشلايمەن
(3)
3.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئوت يۈرەك سەنئەتكار مەۋلان نىياز

    مەۋلان نىياز 1971-يىلى7-ئاينىڭ28-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ دادىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدە،ئاپىسى پوچتا-تېلىگىراف ئىدارىسىدا خىزمەت قىلاتتى. مەۋلان نىياز ئىئىلە مۇھىتىغا نىسىبەتەن غۇلجىنىڭ ئەمگەكچان، پاراسەتلىك يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بار، سەنئەتخ...

  • ئۇيغۇر ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمبەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىقئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 2...

  • ئاتاقلىق شائىر ، تەتىقىقاتچى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى

    ئالى مۇھەررىر ،فدلكورشۇناس ، شائىر ،تەتىقىقاتچى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى 1967-يىلى شىنجاڭ ئۈنۋىرىستىتى جۇڭگۇ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۇتتۇرگەن . 37 يىل ئاخبارات ئىشلىرىغا جان بەدەل قىلىپ ، قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ، بېرىلىپ تەتىقىق قىلىپ ،يېڭىلىق يارىتىپ ،...

  • بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى

    بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان.فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى ئىككىنچى ئۇستاز. فارابىنىڭ ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى - ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گ...

  • ياش شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت

    ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇر...

  • كورىيە پارلامىنتىدىكى ئۇيغۇر قىزى

    ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشل...

  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...