ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى بىلال ئىلياس ھەققىدە

ۋاقتى:2010-11-09 23:21مەنبە: تەھىرىر:نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

 

بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇ 1991-يىلى دۈلەت خىراجىتىدە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتېنىڭ سانائەت فاكۇلتېتىغا مېھمان تەتقىقاتچى بولۇپ كېلىپ، 1992-يىلى 4-ئايدا تەبىپەن فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1995-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان جەريانىدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى ماتېماتىكا مودېلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، شۇ مودېل ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە دەۋرلىك دولقۇنسىمان يېشىمنىڭ مەۋجۇتلىغىنى، يەنى شەرت ھازىرلانسا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ دەۋرلىك ھالدا تارقىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بىلال ئىلياس دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 1995-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ كيوتو ئالى تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئاساسەن ماتېماتىكا ۋە ئىنتېرنېت توغرىسىدىكى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاڭھان. 1998-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتې ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ لېكتورى بولۇپ،CALL(چومپۇتەر ئاسسىست لاڭۇئاگە لەئارنىڭ: كومپيۇتېر ئارقىلىق تىل ئۈگىنىش) دېگەن يېڭى كەسىپ ساھەسىدە ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئوقۇتۇشتا زامانىۋى ئۇسۇللارنى

www.iz.la

قوللىنىپ ئىنتېرنېتنى ئاساس قىلغان چالل ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى لايىھىلەپ، ياپونىيە ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن. ياپونىيە دۈلەت ئىچى-تېشىدا كۈپلىگەن ئىلمى ماقالە ۋە دوكلات بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈۋەندىكى CALL ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى لايىھىلەش تېخنىكىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: Sankai-sha,CALL, ئاساسىدىكى خەنزۇچە ئالاقىلىشىش، Asahi syuppansya   قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىز تورى www.iz.la

ئۇ 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان 2 يىل ئىچىدە ئىنتېرنېت ئاساسىدىكى خەنزۇچە تىل ئۈگىتىش سىستېمىسىنى لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دېگەن تېمىدا تېما باشلامچىسى بولۇپ ياپونىيە مائارىپ پەن تېخنىكا ئورگىنىنىڭ تەتقىقات ياردىمىگە ئېرىشىپ، تەتقىقات تېمىسىنى غەلىبىلىك ئورۇنلىغان. ھازىر ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىشتىن سىرت، كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇش سىستېمىلىرىنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىلال ئىلياس ئۈزىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدىن سىرت، ئانا يۇرت ياشلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىغا كۈڭۈل بۈلۈپ، شىنجاڭدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياپونىيىگە كېلىپ ئوقۇش ئۈچۈن يول ئاشقان. ئۈرۈمچى ۋە كورلا قاتارلىق جايلارغا ياپون تىلى مەكتىپىنى ئاشقان. نەتىجىدە ۋەتەندىن كۈپلىگەن ياشلار كيوتو مىنسائى ياپون تىلى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇلار بىر مەزگىل تىل ئۈگەنگەندىن  كېيىن ياپونىيىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن ۋە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىلال ئىلياس توغرۇلۇق تېخىمۇ كۈپ ئۇچۇرلارنى  بىز دوكتۇر بىلال ئىلياسنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمىز. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە؛http://xjue.blogbus.com/logs/78054128.html

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(19)
95%
ئالقىشلايمەن
(1)
5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...