ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان «قىساس غۇنچىسى»، «تاش ياپراق»، «بارسا كەلمەس يول» قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزچىل ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن. «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ناملىق داستانى 14-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئىرىشكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چىمەنگۈل ئاۋۇت 2004-يىلى شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق «ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى »دا «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئايال ئەدىپ » نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالانغان. «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شىئېرلار توپلىمى 2008-يىلى 11-ئايدا مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن.
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يەنە ئەدەبىياتقا ئوخشاشلا سەنئەتنىڭمۇ كۈچىگە سەل قارىماي ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ تېكىستىنى يازغان، ئىززەت ئىلىياس ئورۇنلىغان «سىىم-سىم يامغۇر» ناملىق ناخشا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مودا ناخشىلار مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ، شىنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن «مۇھەببەت مەنزىلى» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو پىلاستىنكىسى 2010-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپلا ئامما ئارىسىدا بەلگۈلۈك تەسىر قوزغىغان.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
چىمەنگۈل ئاۋۇت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى