چاچقا زىيانلىق ئامىللار

ۋاقتى:2010-10-28 18:00مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   ئادەمدىكى چاچ_ تۈكلەر تۆرەلمىنىڭ تاشقى قەۋىتىدىكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن پەيدا بولىدۇ. ھامىلە تۆت ئايلىقتىن ئاشقاندا باش ۋە يۈزگە چىقىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. ئادەتتە چاچانىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.
چاچ_ مايلىق چاچ، مايسىز چاچ( قۇرغاق چاچ)، ئارلاشما چاچ(نېتىرال چاچ) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. چاچ خالتىسىدا چاچ ئانا پوستلىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قارا پېگمېنت ھۈجەيرىسى بولىدۇ، چاچ خالتىسىدا قارا رەڭ پېگمىېنت ھۈجەيرىسى ئازلىغاندا چاچنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ ھەم چاچنىڭ مىزاجىمۇ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چاچقا زىيانلىق ئامىللار
1. چاچ تازلىقىغا رىئايە قىلماسلىق، چاچنى ئاسراشقا سەل قاراش، چاڭ-توزان زەھەرلىك ماددىلاردىن ساقلانماسلىق ،چاچنى ۋاقتىدا يۇيماسلىق، چاچنى تارىماسلىق، ئۆزمەيلىچە قۇيۇۋىتىش قاتارلىق ئامىللار چاچقا ئەڭ زىيانلىق بولۇپ، چاچنىڭ تازلىقىغا رىئايە قىلمىغاندا چاچ تۈك خالتىسى ھەرخىل جاراسمىلار ۋە كىر مەينەتچىلىكلەر بىلەن ئىتىلىپ قىلىپ چاچنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوزۇقلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
2. ھېرىپ-چارچاش، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ناچار روھىي كەيپىياتلار، قۇۋۋىتى تەبىئىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چاچنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوزۇقلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، چاچ چۈشۈش، چاچ يېرىلىش، چاچنىڭ ئەۋرىشىملىقى، پارقىراقلىقى يوقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
3. ئۇيقۇغا قانماسلىق. يېتەرلىك ئۇخلىماسلىىق، تولا ئويغىنىپ كىتش قاتارلىق ناچار روھىي ھالەتلەر مېڭىنى چارچىتىپ، چاچنىڭ ۋە باشقا ئەزالارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يىتەرلىك بولماي ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، چاچتا ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
4. يېتەرلىك، مۇۋاپىق ئوشۇقلانماسلىقتىن چاچقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ. كالتىسىي يېتىشمىگەندىمۇ چاچ يېرىلىش، چاچ سۇنۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئاقسىل، سىنىك يېتىشمىگەندىمۇ چاچ قۇرغاقلىشىش، چاچنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەش، پارقىراقلىقى يوقىلىش، قۇرغاقلىشىپ يېرىلىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ، چاچقا ئوزۇق بولىدىغان يېمەكلىكلەر، كۆكتات تۈرلىرىنى ئىستېمال قىلىپ تۇرمىغاندا چاچنىڭ ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولماي، چاچتا ھەرخىل كېسەللىكلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر كىلىپ چىقىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


5. نورمال بولمىغان ناتوغرا جىنسىي قىلمىشلار بىلەن دائىم شۇغۇللانغاندا پۈتۈن بەدەننىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تەبئىي قۇۋۋەتنى كۆپلەپ خورىتىۋىتىدۇ، شەھۋانىلىق، پاھىشۋازلىق، زىناخورلۇق، جەلەق قىلىش(قولدا لەززەتلىنىش) قاتارلىق خەتەرلىك جىنسىي قىلمشلار ئادەم بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مېڭە نېرۋا خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، بۆرەك ئاجىزلاشقا سەۋەب بولوپ ، بۇ ئامىللار چاچقىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ياكى ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
6. جەميئىتىمىزدە ھازىر خانىم- قىزلىرىمىز ھەتتا ئوغۇللىرىمىزمۇ چاچ گۈزەللەشتۇرۇش، چاچنى ھەرخىل ئۇسسۇللار بىلەن بۇدرە قىلىش، بوياش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چاچنى ياسىتىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللار مەسىلەن: چاچنى قىزدۇرۇپ بۇدرە قىلىش ۋە كۆپتۈرۈش، چاچنى بوياپ يۇقىرى تېمپىراتۇردا قۇرۇتۇش، كۆپ بۇدرە قىلىش ،بوياش، تومۇز ئىسسىقتا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇش، سۇلياۋ تاغاقتا چاچ تاراش، ھەتتا بۇدرە قىلغان چاچنى تارتىپ تۈزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىىلەن چاچنى گۈزەللەشتۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ. لىكىن بۇ ئۇسۇللارنىڭ ناچار تەسىرىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چاچنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قىلىش ئەمەس چاچنى بۇزۇش، چاچ چۈشۈش ، چاچنىڭ پارقىراقلىقى يوقاش، چاچ يېرىلىش ، چاچ يۇمشاق يۇڭدەك بولۇپ قىلىش، ھەتتا چاچ خالتىسى زەخمىلنىپ، ئايپاڭباش بولۇپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە، يەنە ئوغۇللاردا15~10 يىل چىچىنى چۈشۈرمەي يۈرگەندە ئۇ چاچ قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرپ، چاچ چۈشۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ.

www.iz.la


7. رېنتېگىن نۇرى ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلارمۇ بىۋاستە چاچقا تەسىر قىلسا چاچنىڭ تەركىبىيدىكى ماددىلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ماددا ئالمىشىش تۇسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن چاچ چۈشۈپ كىتىش بىلەن چاچ گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ.
8.ھاۋاسى شالاڭ تاغلىق رايۇنلاردا ياشاش سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، شالاڭ مۇھىت ئادەم بەدىنىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىپ. چاچنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
9. كومپىيۇتىردا مەشغۇلات قىلىش، كومپىيۇتىردا ئۇزاق مۇددەت مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا كومپىيۇتىر ئىكرانىدىن چىققان ھەرخىل نۇرلار تەسىرىدىن چاچ چۈشۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئىز تورى بەك ياخشى
10. فىزىكىلىق كەسپىي ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشۈش كىلىپ چىقىدۇ.
11. كومپىيۇتېر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ، خىمىيە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، كۆپلەپ ئەقىلىي .ەمگەك قىلغۇچىلاردىمۇ چاچ چۈشۈش، چاچ ئۈنمەسلىك، چاچ يېلتىزى يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، چاچ ئۈنمەي تاقىر باش بولۇپ قالىدۇ.
12.ئۇزۇن مۇددەت كىسلاتالىقى ياكى ئىشقارلىقى كۈچلۈك سوپۇنلاردا باش يۇيۇش، ھەرخىل بوياق ماتىرياللىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، رادىئاكتىپ نۇرغا يۇلۇقۇش، خىمىيىۋىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچىرىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ناچار مۇھىتىن بۇلغىنىش، شەكىل ئۆزگىرىپ چاچ چۈشۈش، چاچ ئۈنمەسلىك ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la

13.ھەرخىل ھورمۇنلۇق دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندەچاچنىڭ ئەسلى تەركىبىي قىسىمنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىش، چاچ چۈشۈش، چاچ تۈك بەزلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۆسۈشى توختاپ قىلىش، تۈك بەزلىرىنىڭ خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېلىپ چىقىدۇ.
14.ھەرخىل سەۋەبلەردىن خىميىلىك بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلساق ئۇ ئورگانىزىمغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە چاچ تۈك بەزلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشنى ياكى چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلاپ قويۇشى بىلەن چاچ چۈشۈش، چاچ يېرىلىش، چاچنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن
15. چاچ بوياش ،چاچ بۇدرە قىلشتا ئىشلىتىدىغان بوياقلار ۋە سۈيۈقلۇلار تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددىلار چاچقا ئوخشاش بولمىغان دەرى؟جىدە تەسىر كۆرسىتىپ، چاچنىڭ مىزاجنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

16. ئەقىلىي ئەمگەكنى زىيادە كۆپ قىلغاندا ھېرپ چارچاش، دەم ئىلىش ياخشى بولماسلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قۇۋۋېت يېتىشمەسلىك، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدىن چاچ چۈشۈش چاچ يېرىلىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
17. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ، مۇھىتىىكى ھەرخىل جاراسىم سېسىق پۇراق، چاڭ-توزان قاتارلىقلار بىلەن بۇلغانغان ۋاقىتتا چاچقا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ چاچ چۈشۈشكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
18. ھەرخىل جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، ھەرخىل باش تەمرەتكىسى، مۇدۇر چاقا، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، سىرىتقى زەخمىلەر سەۋەبىدىنمۇ چاچ چۈشۈش ، چاچ تۈك خالتا بەزلىرى زىيانغا ئۇچراش سەۋبىدىن چاچ ئۈنمەسلىك ۋە باشقا ھەرخىل ناچار تەسىرلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
www.iz.la

19. ھاراق ئىچىش، تاماكا چىكىشمۇ چاچنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(60)
93.8%
ئالقىشلايمەن
(4)
6.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئەرلەرنىڭ كىيىنىشىدىكى 18 قائىدىنى بىلۋىلىڭ

    1. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بىلەن قارا رەڭ بايلىق ۋە سۆلەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەرلەرنىڭ بىرىنجى كاستيۇم- بۇرۇلكىسى قارا رەڭلىك بولۇشى كېرەك. 2. ئىككىنجى كاستيۇم - بۇرۇلكىسى قېنىق كۈلرەڭ، ئاندىن قېنىق كۆك رەڭلىك، قېنىق كۈلرەڭگە ئىنچىكە سىزى...

  • كىيىم ياقىسىدىكى تەر داغلىرىنى چىقىرىش ئۇسۇلى

    كىيىم ياقىسىدىكى تەر داغلىرىنى چىقىرىش ئۇسۇلى كىيىم ياقسىدىكى تەر داغلىرىنى سۇپۇن بىلەن تۇلۇق يۇيۇپ چىقىرىش قىيىن . ئەمما ئازراق يۇمشاق تۇز سېپېىپ بوش ئۇۋلىغاندىن كىيىن سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ ،تۇز چېقىرۋىتىلسە بۇلىدۇ. چۈنكى ئادەم تېرىسىدە ئاقسىل ماددىسى بۇلۇپ ،...

  • ئاق كىيىمنىڭ سارغىيىپ قىلېشىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى

    ئاق كىيىمنىڭ سارغىيىپ قىلېشىدىن ساقلىنىش ئاق رەڭلىك كۆينەكلەر بىر نەچچە قېتىم يۇيۇلغاندىن كىيىن ئۇڭايلا سارغىيىپ قالىدۇ.ئەگەر ئۇ داۋاملىق گۈرۈچ يۇيغان سۇ بىلەن يۇيۇپ بىرىلسە سارغىيىپ كەتمەيدۇ. كىيىم پاكىز يۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن بىر نەچچە تېمىم كۆك سىياھ...

  • كىيىم - كېچەك دەزماللىغاندا

    كىيىم - كېچەكلەرنى دەزماللىغاندا،دەزمال باك قىززىپ كەتسە كىيىملەرنى سارغايتىپ قويىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. 1.پاختىدىن توقۇلغان ياكى پاختا رەختلىك كىيىملەر بولسا ، سارغايغان يەرگە دەرھال ئازراق تۇز تۆكۈپ،قول...

  • كاستۇمنىڭ ئىشتانلىرىغا قانداق دەزمال سېلىش كېرەك؟

    1.ئىشتاننى ئۆرۈپ،ئىچىگە ئاۋۋال دەزمال سېلىش كېرەك. 2.يانچۇقىغا دەزمال سېلىش كېرەك. 3.ئىشتاننىڭ قىرىنى چىقىرىپ،قىرىنى بۇزمىغان ئاساستا دەزمال سېلىش كېرەك. 4.ئىشتاننى ئۆرۈپ،سىرتىغا دەزمال سېلىش كېرەك. 5.ئىشتاننىڭ كەينى يانچۇقى،بېلىغا تەكشى دەزمال سېلىش كېرە...

  • ئاياغ مايلاشنىڭ بىر قانچە خىل ئەپچىل ئۇسۇلى

    1. بانان (شياڭجياۋ) پوستىدا تاننىن بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاياغ (ياكى سومكا) نى سۈرتكەندە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۇققان كىرلەر چىقىپ كېتىپ، ئاياغ-سومكىلار يېڭى چاغدىكىدەك پارقىرايدۇ. 2. ئېشىپ قالغان ياكى بۇزۇلغان سۈتلەرنى تۆكۈۋەتمەستىن ئۇنىڭ بىلەن كۆن-خۇرۇم ئاياغل...

  • پادىچىلار ئىشتىنىنى ....

    پادىچىلار ئىشتىنىنى بىر-ئىككى قېتىم يۇغاندىن كېيىنلا رەڭگى ئۆڭۈپ پېتىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ سىز بۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلىپ كۆرۈڭ. ئالدى بىلەن سوغۇق سۇغا تەمى ئۆتكۈدەك تۇز سېلىۋېتىپ، ئاندىن يېڭى سېتىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى شۇ سۇغا...

  • ساياھەت ئايىغىنى تازىلاش

    1. ئەگەر ساياھەت ئايىغىڭىزغا ماي داغلىرى يۇقۇپ قالسا، ئاۋۋال بېنزىن بىلەن سۈرتۈپ كېيىن سۈزۈك سۇغا بەش مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇڭ. 2. تېمپېراتۇرىسى ℃30 ئەتراپىدىكى سۈزۈك سۇدا سوپۇن پاراشوكىنى ئېرىتىپ، ئۇنىڭدا سۇغا چىلاپ قويغان ئايىغىڭىزنى پاكىز بولغانغا ق...

  • كىيىم-كېچەكلەرنى قۇرۇتۇش ھەققىدە ساۋات

    يۇڭ رەختنىڭ قۇياش نۇرىغا بولغان چىداملىقلىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە 1120 سائەت ئاپتاپقا يېيىپ قويۇلسا چىداملىقلىقى ئاران يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى ئاپتاپقا ئۇزۇنراق يېيىپ قۇرۇتسا ھېچنەرسە بولمايدۇ. پاختا رە...

  • كىيىم-كىچەكنىڭ گۈزەللىكتىكى رولى

    كىشىلەرنىڭ كىيىم كىيىپ ياسىنىشىدىكى مەقسىتى ئۆز گۈزەللىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم كىچەك چۇقۇم بەدەن شەكلىگە ماس كېلىشى ۋە يارىشىملىق بولۇشى كېرەك. مودا قوغلاشتىم ، ئالىي دەرىجىلىك كىيىم كىيدىم دەپ ئۆز ئىشىغا ۋە كەسپىگە ماس كەل...