
كىيىم - كېچەكلەرنى دەزماللىغاندا،دەزمال باك قىززىپ كەتسە كىيىملەرنى سارغايتىپ قويىدۇ.بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1.پاختىدىن توقۇلغان ياكى پاختا رەختلىك كىيىملەر بولسا ، سارغايغان يەرگە دەرھال ئازراق تۇز تۆكۈپ،قول بىلەن يىنىك ئىشقىلاپ ئاپتاپقا بىر ئاز قاقلاپ،سۈزۈك سۇدا بىر قېتىم چايقىۋېتىڭ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2.يىپەك رەختلەردىن توقۇلغان ياكى يىپەك رەختلىك كىيىملەر بولسا ، سودانى چېلىپ شىلىم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ،سارغايغان ئورۇنغا چېپىپ سۇيى پارلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىگەنېپىز لاتا قويۇپ يەنە بىر قېتىم دەزمال سېلىڭ.
www.iz.la
3.نىلۇن رەختلەردىن توقۇلغان ياكى نىلون رەختلىك كىيىملەر بولسا ، قول يىڭنىسى بىلەن سارغايغان ئورۇننىڭ تىۋىتلىرىنى ئېلىپ چىقىرىپ،ئاندىن ھۆل لاتا قۇيۇپ تىۋىتنىڭ يېتىش يۆنىلىشى بويىچە بىر قانچە قېتىم دەزماللاڭ. www.iz.la