1. يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بىلەن قارا رەڭ بايلىق ۋە سۆلەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەرلەرنىڭ بىرىنجى كاستيۇم- بۇرۇلكىسى قارا رەڭلىك بولۇشى كېرەك.
2. ئىككىنجى كاستيۇم - بۇرۇلكىسى قېنىق كۈلرەڭ، ئاندىن قېنىق كۆك رەڭلىك، قېنىق كۈلرەڭگە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن، قېنىق كۆككە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن، قېنىق كۈلرەڭ چاقماقلىق بولۇش كېرەك.
3. ئىنچىكە سىزىق ۋە چاقماق قانچە سۇس بولسا شۇنچە ياخشى، شۇڭا سىنچىلاپ قارىغاندا ئاندىن كۆرگىلى بولىدىغان سىزىق ياكى چاقماق رەختلىكىنى تاللاش كېرەك.
4. ياۋروپا پاسونىدىكى قوش قاتار تۈگمىلىك كاستيۇم - بۇرۇلكىلارنىڭ تۈگمىسى سەل تۆۋەنرەك تاقىلىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى بەدەن سەل ئۇزۇن كۆرىنىدۇ، شۇڭا بويى پاكار ئەرلەر مۇنداق كاستيۇم كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئىز تورى www.iz.la
5. ياقىسىدا تۈگمىسى بار كۆينەكنى ھەرگىز قوش قاتار تۈگمىلىك كاستيۇم - بۇرۇلكىنىڭ ئىچىگە كىيمەڭ.
6. ئايىغىڭىزغا ھەر ۋاقىت چاڭ- توزان قونمىسۇن.
7. 200 سوملۇق ئاياغنىڭ ئۆمرى 400 سوملۇق ئاياغنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ، شۇڭا ئاياغ تاللىغاندا ئەمىلى ئەھۋالىڭىزغا قاراڭ ،قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ئۇزۇن كىيىسىز.
8. ئەڭ قىممەت ئاياغنىمۇ ئۇدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق كىيمەڭ.
9. ئەگەر ئەتىر ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، چوقۇم پۇراقلىق ئەتىر سوپۇن ئىشلىتىڭ.
10. بەزى پاختا رەڭلىك كۆڭلەكلەرنىڭ باھاسى ئەرزان بولغىنى بىلەن، ئۆمرى بەك قىسقا بولىدۇ، دەزمال سېلىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
11. ئەگەر گالىستۇك تاقىمىسىڭىز، كۆڭلەكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تۈگمىسىنى ئېتىۋالماڭ.
12. ئابرويلۇق، پىشىپ يېتىلگەن ئەرلەرگە نىسبەتەن گالىستۇكنىڭ گۈلى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم، ھايۋانلارنىڭ سۈرىتى بار گالىستۇكلار كاستيۇم- بۇرۇلكىلارغا ماس كەلمەيدۇ.
13. گالىستۇكىڭىز بەلۋېغىڭىزدىن تۆۋەن بولۇپ كەتمىسۇن، ئۇنىڭدىن بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ كەتمىسۇن.
14. بەلۋاغ بىلەن ئاياغنىڭ سۈپىتى ۋە رەڭگى ئوخشاش بولۇشى كېرەك.
15. سۆلەتلىكلەرنىڭ سۆلىتى ھەرۋاقىت پۇتتا، كاستيۇم - بۇرۇلكا كىيگەندە ئەنئەنىۋى، يارىشىملىق بوغقۇچلۇق ئاياغ كىيىڭ.
16. ھەرگىزمۇ سۈنئىي تالالىق پايپاق كىيمەڭ، ئەڭ ياخشىسى يۇڭ، يىپەك ياكى يۇڭ- يىپەك ئارىلاشما تالالىق پايپاقلارنى كىيىڭ.
17. 24 ياشتىن ئاشقان بولسىڭىز، ئاق پايپاق كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ئاق پايپاق سىزنى ئوقۇغۇچىدەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.
18. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گۈللۈك پايپاق ئەرلەرنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ .