گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى قانداق بۇلىدۇ؟

ۋاقتى:2010-10-13 17:45مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

 گۈزەللىككە ئۆلچەم بېكىتكىلى بولمايدۇ.ئۇنى قانداقتۇر «فورمۇلا» ئەمەس، بەلكى پۇرسەت مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. گۈزەللىك گويا تومۇز پەسلىدىكى مېۋىگە ئوخشايدۇ، ئاسان سېسىيدۇ، ساقلىماق تەس. دۇنيادا نۇرغۇن «ساھىپجامال» لار بار. ئۇلارنىڭ تۇلىمۇ رومانتىك ياشلىق چاغلىرى بولغان، لېكىن ئاخىرقى ئۆمرى تۇلىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆتكەن. گۈزەل چىراي بىلەن گۈزەل ئەخلاق بىرلەشكەندىلا، گۈزەللىك ئاندىن ھەقىقى نۇر چاچالايدۇ.
     مەكتەپتە ناھايىتى سەت بىر قىز بار ئىكەن، ساۋاقداشلىرى دائىم ئۇنى زاڭلىق قىلىدىكەن، ھەتتا ئۇنىڭغا «بەتبەشرە» دەپ لەقەم قويۇراپتۇ. باشقىلار ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاقىرغاندا، ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ يىغلاپ كېتىدىكەن.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


     بىر كۈنى، ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن خورلىنىپ يىغلاپ تۇرغاندا، بىر مىھرىبان بوۋاي ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ قىزنىڭ دەردىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا چىرايلىق بۇلۇشنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ:
     بىرىنچى، چىرايىڭىزدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرسۇن، ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا چىرايلىق ئەھۋال سوراڭ.
     ئىككىنچى، ئۆزىڭىزگە خاپىلىق تېپىۋالماڭ، چىرايىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋېتىڭ.
     ئۈچىنچى، باشقىلارغا قولىڭىزدىن كىلىشىچە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ياردەم قىلىڭ.
     بوۋاي قىزغا، يۇقىرىقى ئىشلارغا ئەمەل قىلسىڭىزلا، ئۈچ ئايدىن كىيىن پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەڭ چىرايلىق قىزغا ئايلىنىسىز، دەپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
      قىز بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئورۇنلاپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەيلا، پۈتۈن مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان، ئارلىشىشنى خالايدىغان قىزغا ئايلىنىپتۇ.
      بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىكى بەش ئەزاسىنىڭ قاملىشىپ بېرىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ قەلبى. قەلىب گۈزەللىكىنىڭ سېھرىي كۈچىگە ھەرقانداق ھۆسىن تۈزەش ۋە گىرىم قىلىش بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ.
      بىر ئادەمنىڭ سېھرى كۈچى ئادەتتە چىرايىدا ئەمەس، بەلكى گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەقىل-پاراسىتىدە بولىدۇ، چۈنكى، چىراي گۈزەللىكى ئوچۇق-ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ھېچقانداق نەرسىنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئەقىل-پاراسەت بولسا ئاز-ئازدىن ئاشكارلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ زور سېھرىي كۈچنى نامايەن قىلىدۇ. مەسىلەن، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ھەمدە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
      بىر ئېغىز ەەپ، بىر ئايال بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالىشى مۇمكىن لېكىن ئۇ سانسىزلىغان ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى چەكسىز سۆيۈملۈك قىلالايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...