گەپ ئاڭلايدىغان ، جانابىي ھەقنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىدىغان گۈزەل ۋە ياخشى ئايال گاداينى شاھ قىلىدۇ .
قوينۇڭدا ياتقان خانىم كۆڭلۈڭگە مۇۋاپىق ۋە چىقىشقاق ئايال بولسا ، ئىشىكىڭدە ھەركۈنى پادىشاھلاردەك بەش قېتىم نۆۋەتچى قوي .
كۈن بويى ھەرخىل دەردلەرنى تارتىپ ، تۈندە ئۆيۈڭدە دەردىڭگە دەرمان بولىدىغان ياخشى خوتۇنۇڭ بولسا ھېچ غەم يېمە .
كىمنىڭ ئۆيى پاراۋان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى ئۇنى جاندىن سۆيسە ، ھەقتائالا ئۇنىڭغا شەپقەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ .
ئايال ھەم گۈزەل ، ھەم نۇمۇسلۇق بولسا ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغىنىدا ئۆزىنى جەننەتتە بىلسۇن .
قەلبى خانىمى بىلەن بىر بولغان كىشى مۇرادىغا يېتىدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئايال دىندار ۋە شېرىن سۆز بولسا ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئىزدەش ئورۇنسىزدۇر .
ئەخلاقى گۈزەل بولغان ئايال چىرايى ، بەدىنى گۈزەل بولمىسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق ، ئۇنىڭ ياخشى خۇيى كەمچىلىكلىرىنى ياپىدۇ .
سەت بولسىمۇ ، ئەخلاقى گۈزەل ئايال پەرى چىراي ، ئەمما خۇلقى ئەسكى ۋە جېدەلخور ئايالدىن ئەۋزەلدۇر .
ياخشى خۇيلۇق ئايال ئېرىنىڭ قولىدىن سىركىنى ھالۋا دەپ يەيدۇ .
يامان خۇيلۇق ئايال ھالۋا يېسىمۇ تەلەتى سىركە ساتىدۇ .
ياخشى ئايال روھنىڭ ئوزۇقى ، كۆڭۈل شادلىقى . يامان خۇيلۇق جېدەلخور ئاياللارغا كەلسەك ، بۇنداقلاردىن خۇدا سالىسۇن !
ئەسكى مىجەزلىك ئايالنى ئالغان ئەر قاغا بىلەن بىر قەپەستىكى تۇتى قۇشقا ئوخشايدۇ .ئۇ قەپەستىن قۇتۇلۇشنى جان دەيدۇ .
يامان خوتۇنغا يولۇقۇپ قالساڭ ، يابېشىڭنى ئېلىپ كەت ، يا نېمە دېسە خوپ دەپ ئولتۇر .
جېدەلخور ئايال بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ جېدەللەشكەندىن سەپەرگە چىققىنىڭ ئەۋزەل . ھالبۇكى كەش ئاياغنى قىستىسا ، يالاڭ ئاياغ ماڭغان راھەتتۇر .
ئۆيۈڭدە تەلەتى يامان ھەمراھىڭ بولغىنىدىن زىنداندا ياتقىنىڭ ئەۋزەلدۇر .
ئۆيدە يامان خوتۇنى بولغان ئەر سەپەرگە چىقسا ھېيت-بايرام كەيپى سۈرىدۇ .
ئۆيدىكى ئايالنىڭ ئاۋازى قاتتىق بولسا ، ئۇ ئۆيدە خەير بولمايدۇ .
ئالغان خوتۇنۇڭ بىلىمىسىز ۋە ۋاپاسىز چىقسا ، بېشىڭغا بالا ئالغان بولىسەن .
ئايال ئارپا ئۆلچىكىدە بىرنى خىيانەت قىلسا ، بۇغداي ئامبىرىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈز .
قايسى ئەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا قولى ۋە قەلبى توغرا-دۇرۇس خوتۇنى بولسا ، جانابىي ھەقنىڭ كاتتا ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى دېمەكتۇر .
يات ئەرلەرگە قارىتا ئاياللارنىڭ كۆزى كۆرمەس بولسۇن . ئۆيدىن چىقسا ئۇدۇل مازارغا كەتسۇن .
ئۇپا-ئەڭلىككە ھېرىسمەن ئايال ئېرىنىڭ يۈزىگە قارا سۈرەر .
خوتۇنۇڭ ئۆيدە ئولتۇرمىسا ، سېنىڭ ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشۇڭ ئاقىلانىلىك ئەمەس .
نامۇۋاپىق ئايالنىڭ قولىدىن تىمساھنىڭ ئاغزىغا قاچ ، چۈنكى نومۇس بىلەن ئۆلۈش نومۇسسىز ياشاشتىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى .
ياخشى خۇيلۇق گۈزەل ئايال كاتتا دۆلەت ۋە سائادەتتۇر . بۇنداق ئايالنى چىڭ تۇت . ئۇنداق بولمىسا قويۇۋەت ، نەگە بارسا بارسۇن ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئەنىۋەر كۈلۈبى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن